خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك ساھەسىدە «تازىلاش» باشلىغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.08.25
shi-jinping.jpg خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا. 2020-يىلى 28-ماي، بېيجىڭ.
AP

يېقىندا خىتاي بويىچە ئاز دېگەندە 21 ساقچى ۋە ئەدلىيە ئەمەلدارى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ تەكشۈرۈشكە ئېلىنغان بولۇپ، بۇلار ئىچىدە شاڭخەي شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى باشلىقى ھەم شۇنداقلا ئىلگىرى خىزمەت كۆرسەتكەن دەپ تەقدىرلەنگەن ساقچى ئەمەلدارلىرىمۇ بار ئىكەن.

«ۋال سىرت ژۇرنىلى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يۇقىرىدىكى بۇ ھەرىكەت خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك ئادەملىرىنىڭ بىرى، مەركىزىي سىياسىي ۋە قانۇن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى چېن يىشىن ئۆتكەن ئايدا خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرىنى ماۋ زىدۇڭ ئۇسلۇبىدا تازىلاشنى تەلەپ قىلىپ «تىغنى ئىچىگە بۇراپ، سۆڭەكتىكى زەھەرنى يوقىتىدىغان پەيت كەلدى» دېگەندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا باشلانغان. بۇ تەكشۈرۈش شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى قېتىم كۈچلۈك ۋە سىستېمىلىق ھالدا دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرىدا تازىلاش ئېلىپ بېرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئامېرىكادىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭنىڭ خىتاينى رادىكال ماركىزىسىملىق يولىغا ئېلىپ مېڭىشى خىتاي ئىچىدىمۇ نارازىلىق پەيدا قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭغا قارشى ئاۋازلارمۇ ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىققان. شۇڭا شى جىنپىڭ ئۆزىگە قارشى ئاۋازلارنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن.

«ۋال سىترىت ژۇرنىلى» نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «مۇتلەق سادىق، مۇتلەق ساپ ۋە مۇتلەق ئىشەنچلىك» ساقچى، تەپتىش ۋە سوتچىلارنى تەلەپ قىلىشى ئۇنىڭ ھازىر قاتتىق ئەندىشىدە تۇرۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى سەۋەبىدىن كەينىگە چېكىنگەن ئىقتىساد ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان زىددىيەتنىڭ كۈچىيىشى خىتايدا ئۇنىڭ رەھبەرلىكىگە قارشى ئىجتىمائىي نارازىلىق قوزغىغان. شۇڭا شى جىنپىڭ ئىچكى مۇقىملىقنى ۋە ئۆز ئورنىنى قوغداشتا ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئورگانلار ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنى كۈچەيتىۋاتقان ئىكەن.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئىشلار مۇتەخەسسىسى دوكتور ئاندېرس كورنىڭ بىزگە ئېيتىشىچە، ئەگەر بۇ ھەرىكەت داۋام قىلسا خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىمۇ قاتماللاشقان يەنىمۇ ئېتىك ھالەتكە كېلىدىكەن. ئاندېرس كور ئەپەندى بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق قىلغان سۆزىدە تۆۋەندىكىلەرنى دېدى: «خىتايدا دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش كەمچىل بولغاچقا شى جىنپىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۆز رىقابەتچىلىرىنى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئاستىدا تازىلىدى. بۇ قېتىملىق ھەرىكەت بەلكىم شى جىنپىڭنىڭ ھوقۇقىنى مۇستەھكەملىشى مۇمكىن. بىراق ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە كومپارتىيە رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەرنى يەنىمۇ قاتماللاشتۇرۇپ، ئۇنى يەنىمۇ بېكىنمە ھالەتكە ئەكەپ قويۇشى مۇمكىن. خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىيلاشتۇرۇلغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ دەردىنى تارتىۋاتىدۇ. ئەگەر بۇ داۋام قىلسا ئەمەلدارلار تېخىمۇ قورقۇنچاق، تېخىمۇ يالغانچى بولۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. پارتىيە ئىچىدىكى كىبىرلىك ئەمەلىيەتتە خىتاي ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن خەتەرلىك».

مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ ھازىر پەقەتلا زور تۈركۈمدىكى ئەمەلدارلارنى تەكشۈرۈشكە ئالغاندىن باشقا يەنە، كىشىلەرنى شى جىنپىڭ ئىدىيىسى ۋە نۇتۇقلىرى بىلەن تەربىيەلەيدىغان كەڭ كۆلەمدە ئىدىيەۋى تەربىيىلەشلەرنىمۇ يولغا قويغان. ئېلشات ھەسەن ئەپەندى شى جىنپىڭنىڭ ھازىر ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي بېسىملىرى كۈچىيىپ، ئۇنى قېيىن ئەھۋالدا قويۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

دەرۋەقە، ئامېرىكانىڭ «CNBC» ناملىق خەۋەر تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئىقتىسادى ھازىر ھەر جەھەتتىن ھەقىقەتەن زور رىقابەتكە ئۇچراۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭغا خىتايدىكى نوپۇسنىڭ قېرىشى، چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچىنى ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە ئىزدەپ يۆتكىلىپ چىقىپ كېتىشى، خىتاينىڭ ئەركىن بولمىغان سودا تۈزۈمى ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا ئىختىلاپى قاتارلىق بىر قاتار ئامىللار سەۋەب بولغان ئىكەن.

ئاندىرس كور ئەپەندى بولسا رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئەسكەرتىپ ئامېرىكانىڭ خىتايغا ئىقتىسادىنى كۈچلەندۈرىدىغان پۇرسەت بەرمەسلىكى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە «ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىرى يىرىكلەشكەن بولغاچقا خىتاي بەلكىم تىجارەت ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى ياۋروپا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىغا يۆتكەشكە تىرىشىدۇ. ئەگەر ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازانسا، خىتاي ئامېرىكانى باشقا دۆلەتلەردىن ئايرىپ يالغۇز قويۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئامېرىكا ئۆزىنى خىتايدىن ئايرىش ئەمەس بەلكى خىتاينى دۇنيادىن ئايرىۋېتىشكە ھەرىكەت قىلىشى كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.