خىتاينىڭ «شىنجاڭ ئىشلىرى» غا مەسئۇل بەزى ئەمەلدارلىرىنى تەرتىپكە سېلىشى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.04.04
shewket-imin-chen-cheungo.jpg ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۇەنگونىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاۋاتقان كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 12-مارت، بېيجىڭ.
AP

خىتاي كومپارتىيەسى يېقىندا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش ۋە نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بەزى ھالقىلىق ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ئالماشتۇرۇشقا باشلىغان. دائىرىلەر ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى جۇ خەيلۈننى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىغا يۆتكەپ، ئۇنىڭ ئورنىغا چاڭچۈن شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ جۈنجېڭنى يۆتكەپ كەلگەن. ئارقىدىنلا مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شى جۈننى «مەركىزى شىنجاڭ خىزمىتى رەھبەرلىك ئىشخانىسى» نىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەپ، بۇ ئورۇننىڭ بۇرۇنقى مەسئۇلى شى داگاڭنى خىتاي مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلىگەن.

جۈ خەيلۈن بىلەن شى داگاڭ خىتاينىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەپ، ئۇلارنى ئومۇميۈزلۈك «خىتايلىشىش» قا مەجبۇرلاش سىياسىتىنىڭ ئاكتىپ تەشەببۇسچىسى ۋە ئىجراچىسى، دەپ قارىلىۋاتقان شەخسلەر ئىدى. خىتاينىڭ يۇقىرىقى ھالقىلىق ئورگانلىرىدىكى ئۆزگىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولغان. ۋاڭ ياڭ 3‏-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئېلىپ بارغان 6 كۈنلۈك زىيارىتىدە ئۈرۈمچى، قەشقەر، تۇمشۇق ۋە غۇلجادا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئۇ بۇ جەرياندا رايوننىڭ ھازىرقى مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى «مۇكەممەللەشتۈرۈش» نى، «3 خىل كۈچلەر» گە قارىتا داۋاملىق يۇقىرى بېسىمنى ساقلاشنى تەكىتلىگەن. ۋاڭ ياڭنىڭ زىيارىتى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپلا قالماي، يەنە يۇقىرىقى ئورگانلارنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ ئالمىشىشى ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى چېن كۇيدې ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئەمەلدارلىرىنى ئالماشتۇرۇشىغا قاراپ، ئۇنىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نىڭ قايسى يۆنىلىشكە قاراپ ماڭىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقا بولىدىكەن. لېكىن چېن كۇيدې بۇ ئۆزگىرىش خىتاينىڭ سىياسىتى ئۆزگىرىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقى، ئۇنىڭ پەقەت ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇشنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىشنى، شۇنىڭدەك خەلقئارانىڭ بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

چېن كۇيدې مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭ ھازىر ئەمەلدارلارنى ئالماشتۇرۇشىدىكى سەۋەبى ئاساسلىق شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش، شۇنىڭدەك يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇشتۇر. خىتاي ھازىر خەلقئارا جەمئىيەتكە كۆرسىتىش ئۈچۈن بەزى شەكىلۋازلىقلارنى قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئۇ بۇ جەھەتتە يۇقىرىقى 2 ئامىلنى كۆزدە تۇتۇپ مۇشۇنداق قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. قىسقىسى، شىنجاڭ مەسىلىسى ھازىر پۈتۈن خىتايدىكى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، خەلقئارا جەمئىيەت ئەڭ دىققەت قىلىۋاتقان نۇقتا. ھەر قايسى دۆلەتلەر بولۇپمۇ ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا شىنجاڭ مەسىلىسىنىڭ تەرەققىياتىغا يېقىندىن دىققەت قىلماقتا. چۈنكى، بىر مىليون كىشىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىشى پۈتۈن دۇنيانىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.»

خىتاينىڭ يۇقىرىقى ھالقىلىق ئورۇنلاردىكى ئەمەلدارلارنى ئالماشتۇرۇشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى خورلاۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا «تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن بىر مەزگىلدە يۈز بەردى. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينى تەنقىدلەشنى كۈچەيتىپلا قالماي، بەلكى باشقا دۆلەتلەرنىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قىلمىشىنى ئەيىبلەشكە رىغبەتلەندۈرمەكتە ئىكەن. ئەنگلىيە «مالىيە ۋاقتى گېزىتى» 1‏-ئاپرېل كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە، ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ يېقىندا ئاسىيادىكى بەزى دۆلەتلەر ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەر بىلەن بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆزلەشكەنلىكى، ئۇنىڭ بۇ دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا بىر مىليوندەك يەرلىك مۇسۇلمان خەلقنى لاگېرلارغا قامىغانلىقىنى يۈرەكلىك بىلەن تەنقىدلەشكە ئۈندىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنىي ئىشلار باش ئەلچىسى سام بروۋېنبەكنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى ھەر خىل سورۇنلاردا ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويىدىكەن. ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 28‏-مارت ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 2019‏-يىلى بۇنىڭدەك ئېغىر باستۇرۇشنى ئويلاشنىڭ ئۆزى بەك قاباھەتلىك ئىكەن. سام بروۋېنبەك مۇنداق دەيدۇ: «بۇ مەسىلە ئامېرىكا تەرىپىدىن ھەر خىل سورۇنلاردا ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىندى ۋە ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. . . . . . . . . . . بۇ يەنە ئىتتىپاقداشلار تەرىپىدىنمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. ياۋروپالىق ئىتتىپاقداشلىرىمىز، تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان بۇ توغرىسىدا خىتايغا چاقىرىق قىلدى. مېنىڭچە سىلەر بۇ چاقىرىقنىڭ تېخىمۇ زورىيىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر. بۇنى 2019‏-يىلى ياكى ھەرقانداق بىر ۋاقىتتا ئويلاش، بولۇپمۇ 2019‏-يىلىدەك مۇشۇنداق بىر ۋاقىتتا بۇنچىلىك ئېغىر باستۇرۇشنىڭ يۈز بېرىشىنى ئويلاش بەك قاباھەتلىك.»

يېقىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى پالادىنو ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا «تەدبىر قوللىنىش» نى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ «تەدبىر» نى قاچان ئېلان قىلىدىغانلىقى، قانداق «تەدبىر» قوللىنىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن سام بروۋېنبەكنىڭ ئاخبارات يىغىنىدا مۇخبىرلارغا بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە بۇ مەسىلە ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا مۇزاكىرە قىلىنغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىشلار ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا مۇزاكىرە قىلىنغان. بۇنىڭ قاچان ئېلان قىلىنىشىنى ئۇلار بەلگىلەيدۇ. ماگنىتىسكىي قانۇنى مالىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىدۇ. ئۇلار بۇنى ئېلان قىلىشقا تەييار بولغاندا ئېلان قىلىدۇ. ئەمما مەن شۇ نۇقتىنى تەكىتلىمەكچى، بۈگۈن يۈز بېرىۋاتقان بىزگە مەلۇم ھادىسىلەر ئاشكارا جىنايەت. بىز بىزنىڭ بۇ ھۆكۈمەتنى قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتا».

چېن كۇيدې ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا تەدبىر قوللىنىشنى ئويلىشىۋاتقان ۋاقىتتا ئۇلارنى ئالماشتۇرۇشى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىكەن. ئۇ خىتاينىڭ بۇ ئەمەلدارلارنى خەلقئارانىڭ كۆزىدىن يىراقلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. چېن كۇيدې مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ئامېرىكا تەدبىر قوللانسا بۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىغا بېرىدىغان زەربىسى ئېغىر بولىدۇ. چۈنكى، نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك كومپارتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئامېرىكىدا مال-مۈلكى بار. ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، پەرزەنتلىرى، ھەتتا ئاياللىرى ئامېرىكادا ياشايدۇ. شۇڭا، ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتچىلىرىگە زەربە بېرىشى ئۈنۈملۈك بولىدۇ. بەلكىم، تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا بەك تەسىر كۆرسەتمەسلىكى مۇمكىن. لېكىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا بولغان زەربىسى قاتتىق بولىدۇ. شۇڭا، كومپارتىيە نامى سېسىغان ئەمەلدارلىرىنى ۋەزىپىسىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى سىياسىي كېڭەشتەك ئورۇنلارغا يۆتكىمەكتە. بۇ ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھالقىلىق ئورۇنلىرىدىكى ئەمەلدارلارنى خەلقئاراغا چىرايلىقراق كۆرسىتىشنى ئويلاۋاتىدۇ».

لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇشنىڭ باش ئىجراچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگونى يۆتكىمىگەن. خوڭكوڭدىكى «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى گېزىتى» نىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چېن چۈەنگونى يېقىن ئارىدا يۆتكەپ كېتىش پىلانى يوق ئىكەن. خەۋەردە، شى جىنپىڭنىڭ چېن چۈەنگونى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكى، ئۇنىڭ ھازىرقى ئورۇندا داۋاملىق قالىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. ھالبۇكى چېن چۈئەنگو بەزى ئامېرىكا دۆلەت مەجسىلىسى ئەزالىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو بىلەن مالىيە مىنىستىرى منۇچىنغا يازغان مەكتۇبىدا جازالاش تەلەپ قىلىنغان ئاساسلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرى ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.