خىتايدىكى ئۇيغۇرلار: شىۋېتسارىيە شېرىك بولۇپ قالماسلىقى كېرەك

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020.04.09
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
anjela-matli-xanim.jpg ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ 7 نەپەر نوپۇزلۇق ئەزاسى ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېسقا مەكتۇپ يازغانلىقى توغرىلىق ئېلان قىلىنغان ماقالىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان. 2020-يىلى 7-ئاپرېل.
Social Media

شىۋېتسارىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئەركىن سودا كېلىشىمىنى قايتىدىن كۆزدىن كۆچۈرۈشىنى تەلەپ قىلىش ئىمزا پائالىيىتى باشلاندى

كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن شىۋېتسارىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئەركىن سودا كېلىشىمىنى قايتىدىن كۆزدىن كۆچۈرۈشىنى تەلەپ قىلىش ئىمزا پائالىيىتىنى يولغا قويدى.

مەركىزى گېرمانىيەدە بولغان خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى مەركىزى شىۋېتسارىيەدە بولغان كامپاخ ھەمدە شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىرلىكتە 7-ئاپرېلدىن باشلاپ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە «خىتايدىكى ئۇيغۇرلار: شىۋېتسارىيە شېرىك بولۇپ قالماسلىقى كېرەك» دېگەن تېمىدا ئىمزا توپلاش پائالىيىتىنى باشلاپ، شىۋېتسارىيەنى خىتاي بىلەن بولغان ئەركىن سودا كېلىشىمىنى قايتىدىن ئويلىشىشقا چاقىردى.

مەزكۇر ئىمزا پائالىيىتىنىڭ كىرىش سۆزىگە: «3 مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىغا قامالدى. شىۋېتسىيە خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىگە شېرىك بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان ئەركىن سودا كېلىشىمىنى قايتىدىن كۆزدىن كۆچۈرۈشى لازىم» دېگەن جۈملىلەر يېزىلغان.

يۇقىرىقى تەشكىلاتلار تەرىپىدىن يەنە ئىمزا توپلاش پائالىيىتىگە سەپەرۋەرلىك قىلىش سىن فىلىمى تارقىتىلغان بولۇپ، فىلىمدا «خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىغا قامالغان 3 مىليون ئۇيغۇرنىڭ قانچە يۈز مىڭى خەلقئارادىكى داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا مەجبۇرلانماقتا. شىۋېتسارىيە خىتايغا شېرىك بولۇپ قالماسلىقى كېرەك» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن.

فىلىمدا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر ئىمزا كومپانىيەسىگە مەسئۇل خادىمى ئانجېلا ماتلى خانىم سۆز قىلىپ، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنى زۇلۇم ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە جىددىي ئىگە چىقىشقا چاقىرغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە؛ «ھازىر سودا قىلىدىغان ۋاقىت ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا ئۇيغۇرلار تەرەپتە تۇرۇپ خىتايدىن ھېساب سورايدىغان ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتسىز زۇلۇملىرىغا خاتىمە بېرىدىغان ۋاقىت» دېگەنلەرنى تىلغا ئالغان.

خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى بۇ خۇسۇستا توختالغاندا ھازىر شىۋېتسارىيەگە خەلقئارالىق بېسىم ئىشلىتىپ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن ئويلىشىشقا مەجبۇرلاشنىڭ ياخشى پەيتى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھاكىمىيىتى دەسلەپتە تۇتقۇن قىلىنغان مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن جازا لاگېرلىرىدا مېڭە يۇيۇش، مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىدىن مەھرۇم قالدۇرۇش، سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن بولسا، ئەمدىلىكتە ئۇلارنى لاگېرلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپلا قالماي، يەنە مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ ۋىرۇس ۋەھىمىسى قاپلىغان ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سالماقتا. بۇ، بۈگۈنكى دۇنيادا ھېچ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر زۇلۇم. كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى سەۋەبىدىن پۈتۈن دۇنيا ھازىر خىتايغا نەپرەت بىلەن قارىماقتا. بۇ ۋىرۇسنىڭ زەربىسىگە شىۋېتسارىيەمۇ يېتەرلىك دەرىجىدە ئۇچرىدى. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، شىۋېتسارىيەنى خىتاي بىلەن بولغان ئەركىن سودا كېلىشىمى ئۈستىدە قايتىدىن ئويلىنىشقا مەجبۇرلاشنىڭ پايدىسى بار. ئەمەلىيەتتە، ھازىر نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر خىتاي بىلەن بولغان ھەر ساھە مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە قايتىدىن ئويلانماقتا.»

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئۇشبۇ ئىمزا توپلاش پائالىيىتىنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىمۇ بۇ توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.