شىۋېتسىيە پارلامېنتىغا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قارشى قارار ماقۇللاش لايىھەسى سۇنۇلغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019.11.01
Serkan-Kose.jpg شىۋېتسىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان ئەڭ چوڭ پارتىيەلەردىن بىرى بولغان «سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى» نىڭ پارلامېنتتىكى ئەزاسى سەركان كۆسە ئەپەندى.
Social Media

 

شىۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ تور بەتلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولىشىچە، شىۋېتسىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرىۋاتقان ئەڭ چوڭ پارتىيىلەردىن بىرى بولغان «سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى» نىڭ پارلامېنتتىكى ئەزالىرىدىن سەركان كۆسە ۋە توماس ھامماربېرگ قاتارلىقلار شىۋېتسىيە پارلامېنتىغا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرىغا قارشى قارار ماقۇللاش توغرىسىدا رەسمىي دوكلات سۇنغان. بۇ دوكلاتتىن ئورۇن ئالغان قارار لايىھەسىنىڭ نامى: «Motion 2019/20:3027 Xinjiang» دەپ ئاتالغان.


«شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» نىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ لايىھە بۇ يىل 12-ئايغا قەدەر پارلامېنتتا 4 قېتىم تالاش-تارتىش قىلىنىدىكەن ھەمدە شىۋېتسىيەدىكى 7 پارتىيەنىڭ مۇزاكىرىسىدىن ئۆتىدىكەن. 

مەزكۇر قارار لايىھەسىنى ئىزاھلىغان دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى ئەتراپلىق بايان قىلىنغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر تۈرلۈك زۇلۇملىرى، جازا لاگېرلىرى ۋە لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ھەر خىل تەھدىتلەر، غەرىبتىكى 23 دۆلەتنىڭ ب د ت دا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەم جازا لاگېرلىرىغا قارشى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغانلىقى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركىزى» نىڭ ئەمەلىيەتتە تۈرمە ئىكەنلىكى، شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئېلىشى زۆرۈرلىكى قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 

نىجات تۇرغۇننىڭ ئەسكەرتىشىچە، مەزكۇر لايىھەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن رەسمىي رەۋىشتە شىۋېتسىيە پارلامېنتىغا سۇنۇلۇشى ئۈچۈن «شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» ھەمدە شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۇزۇن مۇددەت زور ئەجىرلەر سەرپ قىلغان. ئەگەر بۇ دوكلاتقا بىنائەن 12-ئاينىڭ 17-كۈنى شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئومۇمىي يىغىندا بىر قارار ماقۇللانسا، ئۇ ھالدا بۇ قارار ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەت ئىچىدە رەسمىي بىر دۆلەت تەرىپىدىن ماقۇللانغان ئۇيغۇرلارغا ئاىت تۇنجى قارار بولۇپ قالىدىكەن. 

شىۋېتسىيەنىڭ ستوكھولم شەھىرىدە ياشايدىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت بۇ قارار لايىھەسىنىڭ پارلامېنتقا سۇنۇلغانلىقىدىن كۆپ خۇرسەن بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە، بولۇپمۇ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىگە يېقىندىن بۇيان جىددىي كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ لايىھەنىڭ پارلامېنتقا سۇنۇلۇشى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ شىۋېتسىيەدە تېخىمۇ كەڭ تونۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدىكەن. 

شىۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ تور بەتلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئىچىدە شىۋېتسىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتلىرىدا 4 قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى قېيىن ۋەزىيىتى توغرىسىدا مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان ۋە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلغان. 

شىۋېتسىيە دۆلىتى گېرمانىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىق» پىرىنسىپىنى قىزغىن قوللىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىمۇ بۇ خۇسۇستا ئوخشاش مەزمۇندا بىر قارار قوبۇل قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.