كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسارىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى چاقىرىق ئېلان قىلدى

بېرندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەبىبۇللا ئىزچى تەييارلىدى
2023.12.13
dam-meydani-namayish-01 ئامستېردامدىكى دام مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 10-دېكابىر، ئامستېردام
RFA/Hebibulla

10-دېكابىر دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مەركىزى شىۋېتسارىيەدىكى خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى، شىۋېتسارىيە تىبەت دوستلۇق جەمئىيىتى، شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، تىبەت ياشلار تەشكىلاتى ۋە شىۋېتسارىيە پارلامېنت ئەزاسى نىكولاس ۋالدەر بىرلەشمە چاقىرىق ئېلان قىلغان.

شىۋېتسارىيە پارلامېنت ئەزاسى نىكولاس ۋالدەر سۆزلەۋاتىدۇ. 2023-يىلى 10-دېكابىر.
شىۋېتسارىيە پارلامېنت ئەزاسى نىكولاس ۋالدەر سۆزلەۋاتىدۇ. 2023-يىلى 10-دېكابىر.
RFA/Hebibulla

چاقىرىقتا شىۋېتسارىيە پارلامېنت ئەزاسى نىكولاس ۋالدەر دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ 75 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، شىۋېتسارىيە فېدېراتسىيەسى كېڭەش ئەزاسى كاسنىڭ دىققىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتىشىنى شۇنداقلا 2024-يىلى شىۋېتسارىيەنىڭ خىتاي ئىستراتېگىيەسىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى، شىۋېتسارىيەنىڭ چوقۇم خىتايغا تايىنىپ قېلىشىنى ئازايتىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خەلقئارا خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىدىن سېلىنا موررېل سۆزلەۋاتىدۇ. 2023-يىلى 10-دېكابىر
خەلقئارا خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىدىن سېلىنا موررېل سۆزلەۋاتىدۇ. 2023-يىلى 10-دېكابىر
RFA/Hebibulla

بىرلەشمە باياناتتا سىنلىق چاقىرىققا ئاۋاز قوشقان، خەلقئارا خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىدىن سېلىنا موررېل خانىم بولسا: «فېدېراتسىيە كېڭىشىنى خىتاينىڭ تەسىرىدىن ساقلىنىشقا چاقىرغان ۋە خىتاي بىلەن بولغان مەبلەغ ھەم سودا زەنجىرىدە چوقۇم كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە تۆھپە قوشقان-قوشمىغانلىقىنى قاتتىق تەكشۈرۈش كېرەكلىكى» نى ئوتتۇرىغا قويغان.

تىبەت ياشلار تەشكىلاتىدىن كالساڭ سۆزلەۋاتىدۇ. 2023-يىلى 10-دېكابىر
تىبەت ياشلار تەشكىلاتىدىن كالساڭ سۆزلەۋاتىدۇ. 2023-يىلى 10-دېكابىر
RFA/Hebibulla

تىبەت ياشلار تەشكىلاتىدىن كالساڭ: «تىبەت ۋە ئۇيغۇر خەلقى ئۇچراۋاتقان قىرغىنچىلىقنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەك، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرالمىدى، بىز بۇ مۇناسىۋەت شىۋېتسارىيە فېدېراتسىيە كېڭىشىنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنىڭ روھىنى قوغداشقا چاقىرىق قىلىمىز» دېگەن.

شىۋېتسارىيەدىكى تىبەت دوستلۇق جەمئىيىتىدىن توماس ئەپەندى بولسا؛

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى خاتىرىلىتىش بىلەن بىرگە، شىۋېتسارىيەدىكى تىبەت ۋە ئۇيغۇر دىئاسپوراسى ھەم سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئەنگلىيەدىكى يونۇس ئەمرە ئىنستىتۇتىدا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەت كۆرۈنۈشى. 2023-يىلى 10-ئۆكتەبىر، لوندون
ئەنگلىيەدىكى يونۇس ئەمرە ئىنستىتۇتىدا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەت كۆرۈنۈشى. 2023-يىلى 10-ئۆكتەبىر، لوندون
RFA/Hebibulla

9-دېكابىر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كۈنى ۋە 10-دېكابىر دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى توختىتىش تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئەنگلىيەدىكى يونۇس ئەمرە ئىنستىتۇتىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، پائالىيەت ناھايىتى جانلىق كەيپىياتتا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە مول مەزمۇنلۇق ئۇيغۇر سەنئىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ ئېلىپ بېرىلغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەركىزى لوندوندىكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش تەشكىلاتىدىن ماھىرە ئەيسا خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى؛

گوللاندىيەنىڭ دام مەيدانىدىمۇ ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، بىرلەشمە نامايىش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ نامايىشقا گوللاندىيە تىبەتلەرنى قوللاش تەشكىلاتىدىن تېرساڭ جامپا، كانتونلۇق، يەنى گۇاڭدۇڭلۇق پائالىيەتچى ليۇ فېيلوڭ، جەنۇبىي موڭغۇلىيەلىك پائالىيەتچى ئېربېرىلتۇ قاتارلىقلارمۇ قاتناشقان.

ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۈگۈنكى نامايىشنىڭ مەقسىتى ھەققىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى.

 «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق» كۈنى بۇندىن 75 يىل بۇرۇن ب د ت تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بولۇپ، 1948-يىلى 10-دېكابىر كۈنىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن كۆپلىگەن ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنى قوبۇل قىلىنغانىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەملىك-نامايىش ۋە ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.