2017-يىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر (5)

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017-12-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئاقتۇ ناھىيە پىلال يېزا تازىلىق كەنتىدىن «ئىككى يۈزلىمىچى دىنىي زات» دېگەن قالپاق بىلەن تارتىپ چىقىرىلىپ، ئامما ئالدىدا سازايى قىلىنىۋاتقان ئەبەيدۇللا ياسىن ھاجىم. 2017-يىل 3-ئىيۇل، ئاقتۇ پىلال يېزىسى.
ئاقتۇ ناھىيە پىلال يېزا تازىلىق كەنتىدىن «ئىككى يۈزلىمىچى دىنىي زات» دېگەن قالپاق بىلەن تارتىپ چىقىرىلىپ، ئامما ئالدىدا سازايى قىلىنىۋاتقان ئەبەيدۇللا ياسىن ھاجىم. 2017-يىل 3-ئىيۇل، ئاقتۇ پىلال يېزىسى.
xjakt.gov.cn

«ئىككى يۈزلىمىچى» كادىرلارغا زەربە بېرىش، «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە سولانغان ئۇيغۇر ئەر-ئاياللار

خەلقئارا تاراتقۇلاردا 2017-يىلى چېن چۈەنگو مەزگىلىدە ئۇيغۇر دىيارىدا ھەر خىل چەكلىمە-تەقىپ سىياسىي ھەرىكەتلەر ئەۋج ئېلىپ، دوقمۇش-دوقمۇشتا ساقچى تۇرلىرى كۆپەيگەن، ئۇيغۇر كادىر ۋە ئامما تۈركۈم تۈركۈملەپ تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە سولانغان، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ «ساقچى دۆلىتى» ۋە «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» گە ئايلاندۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. تۆۋەندە 2017-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلغان ئىككى يۈزلىمىچى كادىرلارغا زەربە بېرىش دولقۇنىدا، ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ مەجبۇرى ئىپادە بىلدۈرۈشكە زورلىنىشى، جازالانغان ھۆكۈمەت كادىرلىرى، دىنىي ئىسىم ۋە بۇيۇملارنى چەكلەش شامىلى ۋە ھەسسىلەپ كۆپەيتىلگەن ساقچىلار ر توغرۇلۇق رادىيومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارنى ئەسلىتىپ ئۆتىمىز.


5-ئايدا خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي بىرلىكسەپ بۆلۈمى «شىنجاڭ خىزمىتى» گە مەسئۇل پەۋقۇلئاددە ھوقۇقلۇق يېڭى ئورگان تەسىس قىلغانلىقىنى جاكارلىدى

2017-يىل 5-ئاينىڭ 4-كۈنى كۈنى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي بىرلىكسەپ بۆلۈمى قارمىقىدا «شىنجاڭ خىزمىتى» گە مەسئۇل پەۋقۇلئاددە ھوقۇقلۇق بىر يېڭى ئورگان تەسىس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر ئورگان ھەققىدە خىتاينىڭ خەلق تورىدا بېرىلگەن خەۋەردە، خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ «9‏-ئىدارىسى» دەپ ئاتالغان بۇ ئورگاننىڭ ئاچقۇچلۇق خىزمەت فۇنكسىيىسى ئۇيغۇر ئېلىغا دائىر ئاخبارات توپلاش، ئۇيغۇر رايونىغا دائىر مەسىلىلەردە مەسلىھەت بېرىش ۋە سىياسەت بەلگىلەش ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئەينى چاغدا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چەتئەللەردىكى سىياسىي ئانالىزچىلار خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بېيجىڭدا «شىنجاڭ خىزمىتى» گە مەسئۇل بۇنداق يېڭى ئورگان تەسىس قىلىشى چېن چۈەنگو يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىنكى جىددىي ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسىدىن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاتالمىش «يۈزلىمىچى كادىرلار» نى پاش قىلىش ۋە تازىلاش ھەرىكىتى

خىتاي تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا 2017-تىل 4-ئايدا باشلانغان ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ ساداقىتىنى ئىپادىلەش ھەرىكىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە يەنە «ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى پاش قىلىش، تازىلاش ھەرىكىتى» تەڭلا ئېلىپ بېرىلدى. رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى يۈزلىمىچى كادىرلارغا زەربە بېرىش كۈرىشى دەسلەپ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى 4 ۋىلايەت، ئوبلاستتا باشلىنىپ، كېيىن پۈتكۈل ئۇيغۇر رايونىغا كېڭەيتىلگەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىدىن خوتەن گېزىتىنىڭ 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى سانىدا، خوتەندە ۋىلايەت بويىچە 221 كادىرنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلىندى؛ ئەمما خەۋەردە كىملەرنىڭ قايسى خاتالىقلىرى سۈرۈشتە قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنمىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا، بۇ 221 كىشىنىڭ كونكرېت كىملىكى ۋە قىلمىشىغا ئائىت مەلۇماتلار ئايدىڭلاشمىدى. ئەمما ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا مەسئۇلىيەت سۈرۈشتە قىلىش نامى ئاستىدىكى ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» گە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ پەيزىۋات ۋە ئاتۇشتىمۇ ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن، مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنغان 221 كادىردىن 11 نەپىرى ئاپتونوم رايوندىن، 23 نەپىرى ۋىلايەتتىن تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار ئىكەنلىكى؛ 88 نەپىرىنىڭ كەنت كادىرى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.

خوتەن گېزىتىنىڭ 24-ماي كۈنىدىكى سانىدا يەنە خوتەن ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىرىدە 3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان8 نەپەر ھۆكۈمەت كادىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، تەكشۈرۈشكە ئېلىنغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

خەۋەردە ئىسمى تىلغا ئېلىنغانلاردىن، خوتەن گۈجانباغ ساقچىخانىسى باشلىقى ئابلىمىت ئابدۇباقى، چىرا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى مۇلازىمەت پونكىتى باشلىقى ئىلغار ئەبەيدۇللا، قاغىلىق بەشئېرىق يېزىسى 15-كەنت بوغالتىرى مەمەتئىمىن ئابدۇقادىر، قاغىلىق ناھىيە ئۇشاقباش بازىرى بۇناق يېزىسىنىڭ يېزا ساقچىسى مۇساجان نۇرامەت، قاغىلىق ناھىيىلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرى تۇراپ ئەخمەت، قاغىلىق ناھىيە مائارىپ ئىدارىسى بوغالتىرى تۇرسۇنجان مەمتىمىن، قاغىلىق ناھىيە يىلقىچى يېزىسى 12-كەنت پارتىيە ياچېيكا سېكرېتارى مەمەت ئېزىز ئابلىز ۋە قاغىلىق ناھىيىسى چىپان يېزىسى كادىرى ئەخمەت ھەمدۇللا قاتارلىقلار بار.

6-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خىتاي خەۋەرلىرىدە خوتەننىڭ 38 يىل ھوقۇق تۇتقان مۇئاۋىن ساقچى باشلىقى ئېلى ئىمىن ئىككى يۈزلىمىچىلىك بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى خوتەن ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئىدارە پارتكوم ھەيئەت ئەزاسى ئېلى ئىمىننى ئىككى يۈزلىمىچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ پارتىيىدىن قوغلاپ چىقارغان.

خىتاي خەۋەرلىرى ۋە رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، «2017-يىلى 4-5-ئاي مەزگىلىدە قەشقەر ۋە خوتەندە نۇرغۇن كادىرلار ‹پارتىيە بىلەن ئىستىلدا بىردەك بولماسلىق›، ‹ئىككى يۈزلىمىلىك قىلىش› دېگەن سەۋەبلەر بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، پەقەت خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئۆزىدىلا بىر تەرەپ قىلىنغان كادىرلارنىڭ سانى 645 نەپەردىن ئاشقان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 5-ئاينىڭ 23-كۈنى ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچى» كادىرلارنى بىر تەرەپ قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى چاقىردى. يىغىندا «باش نىشاننى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك»، «ئاممىۋى خىزمەتنى كۈچەيتمەسلىك»، «كادىرلارنىڭ ئىستىلى ياخشى بولماسلىق»، «دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش قاتتىق بولماسلىق» دېگەندەك مەسىلىلەرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھۆكۈمەت كادىرلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان.

ئۇيغۇر دىيارىدا2017-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدا 10 مىڭ 387 كىشىگە چارە كۆرۈلگەن

خىتايدا چىقىدىغان خەلق تورىنىڭ2017-يىل 8-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئالدىنقى يېرىم يىلدا جەمئىي 23 مىڭدىن كۆپرەك مەسىلە ۋە يىپ ئۇچىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقى مەلۇم.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ئالدىنقى يېرىم يىلدا بىر تەرەپ قىلغان 23 مىڭ 124 مەسىلە بويىچە 11 مىڭ 668 دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن ھەمدە 10 مىڭ 387 كىشىگە چارە كۆرگەن.

بىر تەرەپ قىلىنغانلار ئىچىدە نازارەت دەرىجىلىك كادىرلاردىن 29 كىشى، ناھىيە (باشقارما) دەرىجىلىك كادىرلاردىن 346 كىشى، يېزا (بۆلۈم) دەرىجىلىك كادىردىن 2702 كىشى، ئادەتتىكى كادىردىن 3724 كىشى، باشقا خادىمدىن 3586 كىشى بار ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «تازىلاش» ھەرىكىتىنىڭ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقىنى، جازالانغان ئەمەلدارلار ئىچىدە ئاز ساندىكى خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ «پارىخورلۇق ياكى چىرىكلىك» جىنايىتى بىلەن، ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» ياكى «سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق» جىنايىتى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

«ئىككى يۈزلىمىچىلەر» گە زەربە بېرىش دولقۇنىدا دىنىي زاتلار ۋە سودىگەرلەرمۇ تۇتقۇن ئوبيېكتىغا ئايلانغان

5-ئاي مەزگىلىدە خوتەندە رامزان ھارپىسىدا 22 ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىندى

خوتەندە رامزان ھارپىسىدا 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ مۇقىملىق سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. د ئۇ ق نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ 22 ئۇيغۇر يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە خوتەن شەھىرى، قاراقاش ناھىيىسى ۋە خوتەن-قەشقەر تاشيولىنىڭ خوتەندىن چىقىش ئېغىزلىرىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا تۇتقۇن قىلىنغان.

بىراق د ئۇ ق ئۇچۇرىدا، تۇتقۇنلارنىڭ ئىسمى، جىنسى، يېشى ۋە سالاھىيىتىگە دائىر باشقا تەپسىلاتلار تىلغا ئېلىنمىغان. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ جۈمە كۈنى رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، تۇتقۇنلاردىن 7 كىشى خوتەن ئايرودرومىدا تارقاق ھەجگە ماڭغان دېگەن گۇمان بىلەن تۇتۇپ قېلىنغان. ئىككى كىشى قاراقاش ناھىيىسىدە رامىزاننى تەشۋىق قىلغان دەپ تۇتقۇن قىلىنغان. قالغان كىشىلەر خوتەن-قەشقەر تاش يولىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتىدا ئاختۇرۇلۇپ، يېنىدىن دىنىي كىتابلار چىقىپ قالغانلىقى ئۈچۈن «قانۇنسىز دىنىي ماتېرىيال ساقلىغان» دەپ تۇتقۇن قىلىنغان. مۇخبىرىمىز خوتەن يەرلىك ساقچى ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلىپ، مەزكۇر خەۋەرنى دەلىللەشكە تىرىشقان بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭغا مۇۋەپپەق بولالمىدى.

5-ئاينىڭ 11-كۈنى رادىئومىز قەشقەر پەيزىۋات ناھىيىسىنىڭ تېرىم يېزىسىدىن ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا، تېرىمدىكى 33 ياشلىق بىر ئايالنىڭ چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن بىر ئىنىسىغا، ئىنىسى ئۈرۈمچىدىكى ۋاقتىدا 10 مىڭ سوم پۇل سېلىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن نۆۋەتتە تېرىم ساقچىخانىسىدا قاماقتا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. 5-ئاي مەزگىلىدە يەنە ئاتۇشتىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدا 25 ياشلىق تىجارەتچى رىشات ھاجىنىڭ تۈركىيەدىكى ئاكىسى ئابدۇۋەلى ھاجىغا 3 يىلنىڭ ئالدىدا سودا ئۈچۈن 10 مىڭ دوللار يوللىغانلىقى سەۋەبلىك دادىسى ۋە ھەدىسى بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەنگەن ئىدى.

رادىئومىز 11-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىگىلىگەن ئەھۋالدىن تارباغاتاينىڭ دۆربىلجىن ناھىيىسىدە 500 چە سودىگەر تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.

رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ ئېنىقلىشىچە 11-ئاينىڭ بېشىدىن تارتىپ دۆربىلجىن ناھىيىسىدە قازاقىستان بىلەن سودا ئالاقىسىدە بولغان 500 چە كىشى تۇتقۇن قىلىنغان، ئۇلارنىڭ بانكا ھېساباتلىرى توڭلىتىلغان.

قازاقىستان پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ئۈرۈمچىلىك دوختۇر ئانارگۈل مالىك بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ خىتاي مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىر ئايچە ئىلگىرى سىڭلىسىغا پوچتىدىن ئون مىڭ سوم خەلق پۇلى ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىنى، ئەمما سىڭلىسى پۇلنى ئېلىپ ئىككى سائەت ئۆتە ئۆتمەيلا ساقچىلارنىڭ سىڭلىسىنى ئىزدەپ كېلىپ «تەربىيىلەش مەركىزى» گە ئېلىپ كەتكەنلىكىنى، ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئۆلۈك-تىرىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

قۇرامىغا يەتكەن ئۇيغۇر ئەر-ئاياللارنىڭ تۈركۈم-تۈركۈملەپ «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە سولانغان

رادىئومىز ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا قەشقەر پەيزىۋات ناھىيىسىنىڭ تېرىم يېزىسى ساقچىخانا خادىمى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى ر نۆۋەتتە تېرىم يېزىسىدا 200 نەچچە كىشىنىڭ تەبلىغ ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈنلا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان قاماقتا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. رادىيومىزغا كەلگەن بىرقانچە ئىنكاستا، ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى ھەرىكەتتە، چەتئەلدىكى دوست ياكى قېرىنداشلىرىغا پۇل يوللاشنىڭمۇ جىنايى پاكىت دەپ قارىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىندى.

رادىئومىز 11-ئاينىڭ 20-كۈنى ئىگىلىگەن ئەھۋالدىن توققۇزاقنىڭ بۇلاقسۇ يېزىسىدا 2514 كىشى تۈرمىدە، 806 كىشى «يېپىق تەربىيە» دە ئىكەنلىكى بېقىمسىز قالغان بالىلارنىڭ دارىلئېتام ۋە مەكتەپلەرگە بېقىش ئۈچۈن بېرىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان توققۇزاق ناھىيىلىك بۇلاقسۇ يېزىلىق ئەدلىيە خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توققۇزاقتىكى خىتاي ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ يىل توققۇزاقنىڭ بۇلاقسۇ يېزىسىدا تۇتقۇن قىلىنغانلاردىن 2514 كىشى تۈرمىدە، 806 كىشى «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» دە قاماقتا. 

ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلاقسۇ يېزىسىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 36 مىڭ. شۇنداق بولغاندا، بۇلاقسۇ نوپۇسىنىڭ 10پىرسەنتىنىڭ تۈرمە ياكى قاماقتا ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى.

توققۇزاق ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن مۇھاجىرنىڭ بايان قىلىشىچە، 2014 ‏-يىلى 9 ‏-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى بۇلاقسۇ يېزىسىدىكى چارشەنبە بازاردا بىر قېتىم ساقچىلارنىڭ ئاياللارغا قارىتا زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەن. بايان قىلىنىشىچە، چارشەنبە بازاردا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ساقچىلار بېشى ئورالغان ئىككى ئايالنىڭ ياغلىقىغا قول ئۇزاتقان. بۇنىڭ بىلەن ئەتراپتا سودا قىلىۋاتقان ئەرلەر ئارىغا چۈشكەن، ساقچىلار ۋەقەگە ئارىلاشقان ئەرلەرنى ساقچىخانىغا ئېلىپ ماڭماقچى بولغاندا، چارشەنبە بازاردىكى 200 چە ئەر-ئايال ساقچىلارنى قورشىۋېلىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. مەكتۇپتا دېيىلىشىچە، شۇ يىلى شۇ ۋەقەگە ئارىلاشقان 200 چە كىشىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك جازاغا تارتىلغان.

بۇ ۋەقە خىتاي ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ھازىرغىچە تىلغا ئېلىنىپ باقمىغان ئىدى. رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خادىملار مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بېرىش بىلەن بىللە، بۇلاقسۇدا 3314 كىشىنىڭ تۈرمە ۋە قاماقتا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى رادىئومىزغا مەكتۇپ يوللاپ، يوپۇرغىنىڭ سىيەك يېزىسىدا 1500 چە كىشىنىڭ تەربىيىلەش مەركىزىگە سولۇۋېلىنغانلىقى ۋە تۇتقۇنلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قاچان قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. 11-ئاينىڭ 21-كۈنى مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى دەلىللىنىش بىلەن بىرلىكتە يەنە يوپۇرغا ناھىيىسى بويىچە 10 مىڭ بىلەن 20 مىڭ ئارىسىدا كىشىنىڭ نۆۋەتتە تەربىيىلەش مەركەزلىرىدە ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

داۋامى بار.

تولۇق بەت