ئالمۇتادا 5-فېۋرال غۇلجا پاجىئەسى خاتىرىلەندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2019.02.04
almutada-5-fewral-xatire-1.jpg

5-فېۋرال غۇلجا پاجىئەسىگە بېغىشلانغان خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2019-يىل 3-فېۋرال، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

almutada-5-fewral-xatire-2.jpg

5-فېۋرال غۇلجا پاجىئەسىگە بېغىشلانغان خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2019-يىل 3-فېۋرال، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

almutada-5-fewral-xatire-3.jpg

5-فېۋرال غۇلجا پاجىئەسىگە بېغىشلانغان خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2019-يىل 3-فېۋرال، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

almutada-5-fewral-xatire-4.jpg

5-فېۋرال غۇلجا پاجىئەسىگە بېغىشلانغان خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2019-يىل 3-فېۋرال، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

almutada-5-fewral-xatire-5.jpg

5-فېۋرال غۇلجا پاجىئەسىگە بېغىشلانغان خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2019-يىل 3-فېۋرال، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

3-فېۋرال كۈنى ئالمۇتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىگە ئورۇنلاشقان «قورغان» رېستورانىدا 1997-يىلى 5-فېۋرال كۈنى غۇلجىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تىنچ نامايىشىنىڭ ئوققا تۇتۇلۇش ۋەقەسىنىڭ 22 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرىلەش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. مۇراسىمنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى ئەركىن ئەخمەتوف ۋە قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكى ئۇيۇشتۇردى. ئۇنىڭغا ئالمۇتا شەھىرى ۋە ناھىيەلەرنىڭ يۇرت-جامائەتچىلىكى، ئىجتىمائىي بىرلەشمىلەر ۋەكىللىرى، زىيالىيلار، ياشلار بولۇپ 500 گە يېقىن ئادەم قاتناشتى. مۇراسىمغا شۇنداقلا ئەزەر، باشقۇرت، نوغاي خەلقلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.

خاتىرىلەش پائالىيىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دىنىي ئىشلار بويىچە مەسئۇلى سەدىردىن ئايۇپوف مۇراسىمنىڭ مەقسىتىنى چۈشەندۈردى.

ئالدى بىلەن غۇلجا قانلىق ۋەقەسىدە ھەمدە مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك، ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرى ئۈچۈن قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىندى. ئاندىن سۆزگە چىققان قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكىنىڭ ئەزاسى ئادىلەم مەسۈمجان «5-فېۋرال غۇلجا قانلىق ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرى» تېمىسىدا دوكلات قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەسلىھەتچىسى، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى دىكتاتور خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق تۈرك-مۇسۇلمان خەلقلىرىگە قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغان ئەركىن ئەخمەتوف باشلىق ياشلارغا ئۆز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. قەھرىمان غوجامبەردى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيىتى ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

خاتىرىلەش مۇراسىمىدا سۆزگە چىققان ئەزەرلەرنىڭ «تۇران» قۇرۇلتىيىنىڭ پرېزىدېنتى مۇسېيىب نورۇزوف، ئالمۇتا شەھەرلىك ئەزەربەيجان مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى غېرىب مەمەتوف، «ئاگىدېل» باشقۇرت مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئازامات رىسكېلدىن، ئالمۇتا شەھەرلىك نوغاي مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئەنۋەر قۇرماناقايېفلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈگۈنكى پاجىئەلىك تەقدىرىگە ئېچىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھېسداشلىقىنى بىلدۈردى ھەم ئۇيغۇرلارغا ياخشىلىقلار تىلىدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ئاگىدېل» باشقۇرت مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئازامات رىسكېلدىن ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۇ مۇراسىمغا تەكلىپ قىلىنغانلىقتىن ئۇنىڭغا قاتنىشىشنى ئۆزۈمنىڭ بۇرچى دەپ قارىدىم. يەنە مۇشۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا ئۆزۈمنىڭ رەھمىتىنى ئېيتىش بىلەن بىرگە بۇ پائالىيەتنىڭ جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ شەنىگە داغ كەلمەيدىغان بىر ھالەتتە ئوچۇق ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيمەن ھەمدە شەرقىي تۈركىستاندا، يەنى شىنجاڭ-ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئادالەتسىزلىكلەرگە قارشى بۇ كۈرەشكە ئۆزۈمنىڭ پىكىرداشلىقىمنى بىلدۈرىمەن. تۈركىستان بۇ پەقەت بىز تۇرۇۋاتقان ئوتتۇرا تۈركىستانلا ئەمەس، بۇ پەقەت جەنۇبىي تۈركىستان ئەمەس، بۇ ھەم غەربىي تۈركىستاندۇر. بىر نەچچە مىللىي دۆلەتلەرگە بۆلۈنگىنىگە قارىماي، بۇنىڭ بارلىقى بىز ئۈچۈن چوڭ بىر ۋەتەن. مەن شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ بىۋاسىتە گۇۋاھچىسى بولمىساممۇ، ئەمما بۇ ھەقتە ئاخبارات بىزگە تۆمۈر ئىشىكلەردىنمۇ يېتىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ 20-ئەسىردىن بۇيان كېلىۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ ساداسى. يىغىۋېلىش لاگېرلىرى دېگىنىمىز ھېچ قانداق بىر شەخسىي ئەركىنلىككە، ئائىلىۋى ھاياتقا ھوقۇق يوق دېگەن سۆزدۇر!».

مۇراسىمدا يەنە يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئۈچۈن مۇشۇ كۈندە نورۋېگىيەدە سەپەردە بولۇۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى پەرھاد يورۇنقاش ئەپەندىلەر بىلەن تېلېۋىزىيە سۆھبىتى ئۇيۇشتۇرۇلدى. ئۇلار مۇراسىم قاتناشقۇچىلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئالمۇتادا ئۆتكەن خاتىرىلەش مۇراسىمىگە ياشلار كۆپلەپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار مۇراسىم قاتناشقۇچىلىرىنىڭ 80 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلدى. ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىگە قاراشلىق بايسېيىت يېزىسىدىن كەلگەن ياشلار ۋەكىلى يېفرات ناسىروف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «نەزىر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ تور ئارقىلىق قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلدى. ئۇلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە بەردى. ئۇنىڭدا ئۇيغۇر بەدىلى توغرىسىدا تولۇق جاۋابلار بېرىلدى. دولقۇن ئەيسا، پەرھاد مۇھەممەد، قەھرىمان غوجامبەردى ۋە باشقىمۇ زىيالىيلىرىمىزنىڭ لېكسىيەلىرىدىن كېيىن مەن ئالاھىدە تەسىراتتا بولدۇم. بۇ مېنىڭ يۇرتۇم، مىللىتىم ئۈچۈن جانپىدا بولۇشۇمغا كۈچ ۋە غەيرەت ئەتا قىلدى. بۇ نەزىرگە كۆپلىگەن ياشلار كەلدى. ئۇلار زالغا سىغماي كەتتى.»

ئالمۇتا ۋىلايىتى تالغىر ناھىيەسىنىڭ بېساغاش يېزىسىدىن كەلگەن ئىسمائىل روزىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ياشلىرى تەشكىللىگەن بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش مۇراسىمى ھەمدە ئۇنىڭغا بولۇپمۇ ياشلارنىڭ كۆپلەپ كېلىشى كۆپچىلىكنى قاتتىق تەۋرەندۈرگەن. ئۇ قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ناھايىتى ھاياجانلىق ئىلىكىدە ۋە جۇشقۇن كەيپىيات بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۈگۈنكى پائالىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى بىلەن زالدىكىلەرنىڭ ئۇتتۇر ئالاقە ئارقىلىق سوئال-جاۋاب تەرىقىسىدە ئۆتكەن بۇ يىغىن ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرى ئۈچۈن بىر يېڭىلىق بولدى. ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرى، ئېسىل سەرخىللىرىمىزنىڭ تۈرمىلەرگە قامىلىپ، ئۆلۈۋاتقانلىقى قازاقىستاندىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكىنى قان يىغلىتىپ، نېمە قىلساق شۇ ۋەتەنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلالايمىز دېگەن ئويدا بولۇۋاتىدۇ.»

ئالمۇتادا ئۆتكەن خاتىرىلەش مۇراسىمىدا شۇنداقلا سۆزگە چىققان ئاتاقلىق شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ ئىشلىرىدىن كۆپ مەمنۇن بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مۇراسىمدا سۆزگە چىققان ئۇيغۇر ياشلىرى ۋەتەن، ئانا يۇرت، ئەركىنلىك ھەققىدە شېئىرلار ئوقۇدى.

ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان مەملىكەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، نارەسمىي مەلۇماتلار بويىچە قازاقىستاندا 500 مىڭدىن كۆپ ئۇيغۇر ياشايدىكەن. قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەكتەپلىرىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، مەتبۇئاتلىرىنى، تىياتىرىنى ساقلاپ قېلىش بويىچە ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشتىن تاشقىرى يەنە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەرگە بېغىشلانغان خاتىرىلەش مۇراسىملىرىنىمۇ ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.