خىتاي ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى تەشكىلاتلارنىڭ دونالد ترامپنىڭ خىتاي سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىشىنى تەكىتلىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.12.19
donald-trump.jpg ئامېرىكىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى دونالد ترامپ سايلام جەريانىدا سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 8-نويابىر، نيۇ يورك.
AFP

ئامېرىكىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ يېقىندىن بۇيان خىتاي ھەققىدە قىلغان سۆزلىرى، خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ شۇنداقلا خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، دونالد ترامپنىڭ بىرقانچە ھەپتىدىن بۇيان تۋىتىر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋاسىتىسى ئارقىلىق خىتاي ھەققىدە ئېيتقان بىر يۈرۈش قاتتىق گەپلىرى، يەنە ئۇنىڭ تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن بىلەن بولغان تېلېفون سۆھبىتى، خىتاينىڭ پۇل-مۇئامىلە ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىشى قاتارلىقلار خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان.

خەلقئارا تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 16-دېكابىر جۈمە كۈنى جەنۇبىي دېڭىزدىكى خەلقئارا دېڭىز يولىدا يۈز بەرگەن ئامېرىكىنىڭ سۇ ئاستىغا چۆكۈپ كەتكەن ئادەمسىز چارلاش ئەسۋابى خىتاي دېڭىز ئارمىيىسى پاراخوتى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، دونالد ترامپ تۋىتىردا خىتاي ھۆكۈمىتىنى «ئوغرىلىق» بىلەن قاتتىق ئەيىبلەپ، «بىز خىتايغا شۇنى ئەسكەرتمەكچىمىزكى، بىزگە ئۇلار ئوغرىلاپ كەتكەن ئادەمسىز چارلاش كېمىسى ئەمدى لازىم ئەمەس. ئۇلار ئۇنى داۋاملىق بېقىۋالسۇن!» دېگەن سۆزلەرنى قىلىشى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق نارازىلىق ئىنكاسلىرىغا سەۋەب بولغان.

خىتاي تەرەپ بۇنىڭ پۈتۈنلەي مەزكۇر سۇ رايونىدىكى پاراخوتلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بولغانلىقىنى، ئادەمسىز چارلاش كېمىسىنى ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، دونالد ترامپنىڭ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى. خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە خەلق گېزىتى قاتارلىقلار دونالد ترامپنىڭ سۆزلىرىنى ئەيىبلەپ، دونالد ترامپنىڭ سۆزلىرىنى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى «خەتەرلىك سىگنال» دېگەن.

يەكشەنبە ۋە دۈشەنبە كۈنلىرى دونالد ترامپنىڭ بۇ سۆزلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئىنكاسلىرى يەنە بىر قېتىم خەلقئارا تاراتقۇلار ۋە چەتئەللەردىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ سۆز تېمىسى بولدى.
بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەردە ئەڭ كۆپ تالاش تارتىش قوزغىغان تېما «دونالد ترامپ دەۋرىدە ئامېرىكا خىتايغا قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزەمدۇ؟ ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي دېموكرات تەشكىلاتلىرى، تىبەت، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى دونالد ترامپنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىگە خىتايدىكى قانداق مەسىلىلەرنى ئاڭلىتىشى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي سىياسىتىگە قارىتا قانداق تەسىر كۆرسىتىشى كېرەك؟» دېگەن تېمىلاردا بولدى.

18-دېكابىر يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «دونالد ترامپنىڭ سىياسىتى» سەرلەۋھىلىك سۆھبەت ئانالىزىدا ۋە 19-دېكابىر ئېلان قىلىنغان «ئامېرىكا خىتاي تالاش-تارتىشى: خىتاي ئادەمسىز سۇ ئاستى چارلاش ئەسۋابىنى قايتۇرماقچى، دونالد ترامپ ئالمايدىغانلىقى ئېيتتى» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزلىرىدا، بولغۇسى پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ خىتاي سىياسىتىدە قاتتىق پوزىتسىيىدە بولۇشى مۇمكىنلىكى سۆز تېمىسى بولدى.

دونالد ترامپنىڭ خىتاي سىياسىتى نۆۋەتتە ئامېرىكىدىكى خىتاي دېموكراتلىرى ئارىسىدىمۇ مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلانغان. ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن چېن پوكۇڭ ئەپەندى ئۆتكەن ھەپتە «يېڭى تاڭ تېلېۋىزىيىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ھەقتىكى سۆھبەتتە ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكرات تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر، تىبەت تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە ئامېرىكىنىڭ خىتاي سىياسىتىگە ئۆز پائالىيەتلىرى ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىشىنى تەكىتلىگەن.

چېن پوكۇڭ ئەپەندى رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، دونالد ترامپنىڭ خىتايغا قارىتا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكىدىكى خىتايغا قارشى تەشكىلات ۋە پائالىيەتچىلىرىنى بۇ خىل ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىشقا چاقىرىپ، «مېنىڭ قارىشىمچە، دونالد ترامپ دەۋرىدە خىتايغا قارىتا سىياسەتتە ئامېرىكا مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان بىرقەدەر قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈلۈشى مۇمكىن. ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي دېموكراتلىرى، تىبەت ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى پائالىيەتچىلىرى بۇ خىل ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىشى، چوقۇم ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ۋە پائالىيەتلىرى ئارقىلىق دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىگە خىتايدا بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، مىللىي باستۇرۇش ۋە دىنىي باستۇرۇش ئەھۋاللىرىنى ئاڭلىتىشى كېرەك. ھەتتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىشكە تىرىشىشى كېرەك» دېدى.

چېن پوكۇڭ ئەپەندى يەنە، ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «يىللاردىن بۇيان ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر ۋە تىبەت تەشكىلاتلىرى ئەلۋەتتە خىتاي مۇستەبىت ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاڭلىتىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما دونالد ترامپ مەزگىلىدە ھەرقايسى تەشكىلاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەبىت سىياسىتى ھەققىدىكى ئەمەلىي پاكىتلارنى تېخىمۇ كۆپ توپلىشى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە بارغانچە كۈچەيتىۋاتقان پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى باستۇرۇشى، تۈرمىلەردىكى ۋىجدان مەھبۇسلىرى، ئۇيغۇر، تىبەت، خرىستىئان ۋە فالۈن مۇرىتلىرىغا قاراتقان دىنىي باستۇرۇشى، مىللىي مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە، كۆپ قىرلىق مەسىلىلەرنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا ئاڭلىتىشى كېرەك. بۇ جەھەتتە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى زور» دېدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ئۇزۇندىن بۇيان ئامېرىكىدىكى خىتاي، تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ يىغىن پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى. ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ئۆزىنىڭ خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ دونالد ترامپ ھەققىدىكى مۇنازىرىلىرىگە قاتناشقانلىقىنى ۋە پىكىر بايان قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى بايانات، پائالىيەتلىرىنى كۆپەيتىشىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتا ئاكتىپ رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئېلشات ئەپەندى بايانىدا، نۆۋەتتە دونالد ترامپنىڭ خىتايغا قارىتا قىلغان قاتتىق سۆزلىرى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر ھەققىدىمۇ توختىلىپ، دونالد ترامپنىڭ سۆزلىرى ۋە خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ دونالد ترامپنى ئەيىبلىگەن خەۋەر ئانالىزلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى بىر تۈركۈم پائالىيەتچىلەردە زىيادە ئۈمىدۋارلىق پەيدا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە ھازىرچە ئالدىراپ باھا بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى دونالد ترامپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلىدە، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارىتا سىياسىتىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە ئەلۋەتتە ئامېرىكا قىممەت قارىشى بويىچە سىياسەت يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى، ئەمما دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ئالدى بىلەن ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىدىغانلىقىنى، بۇندىن كېيىنكى ۋەزىيەتنى داۋاملىق كۆزىتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.