ۋاشىنگتون پوچتىسى: «دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.01.08
washington-pochtisi-uyghur-mesilisi.jpg «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىگە چىقىرىلغان ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىكى ماقالىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان. 2019-يىلى 7-يانۋار.
washingtonpost.com

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى 8‏-يانۋار كۈنى يەنە بىر قېتىم تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى خىتاينىڭ «كەڭ كۆلەملىك مەدەنىيەت يوقىتىش ھەرىكىتى» گە دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قانۇن لايىھىسىنى تېزرەك ماقۇللاپ، بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا چاقىرغان. بۇ ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق گېزىتنىڭ يېقىنقى 6 ئىچىدە ئېلان قىلغان 5 قېتىملىق تەھرىرات ماقالىسىدۇر.

مەزكۇر ماقالە ئۆتكەن يىلى 11‏-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت مەجلىسى سايلىمىدا دېموكراتلار غەلىبە قىلىپ، دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن، دېموكراتلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى يېڭى ئاۋام پالاتاسى ئەمدىلا ئىشقا چۈشكەن بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىندى. ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ بىر قىسىم جۇمھۇرىيەتچى ۋە دېموكراتىك ئەزالىرى ھەر ئىككى پالاتادا بىرلا ۋاقىتتا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى ئوتتۇرىغا قويغان.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» تەھرىرات ماقالىسىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تېز ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىلىپ، كانادا پارلامېنتىنىڭ ئۆتكەن ئايدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتى نەقىل كەلتۈرۈلگەن. بۇنىڭدا كانادا پارلامېنتىنىڭ دوكلاتىدا «تۈركىي مۇسۇلمانلارغا بولۇۋاتقان ھادىسە كۆلەم، تېخنىكا جەھەتتىكى تاكامۇللۇق، دۆلەتنىڭ بۇ قۇرۇلۇشقا ئاجراتقان ئىقتىسادى سېلىنمىسى جەھەتلەردە مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقى» تەكىتلەنگەنلىكى، لېكىن دۇنيانىڭ بۇنىڭغا زۇۋان سۈرمەيۋاتقانلىقى، مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقى، غەربتىكى بەزى دېموكراتىك دۆلەتلەر زۇۋان سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ترامپ مەمۇرىيىتىنىڭ بۇ مەسىلىنى ئاساسەن كۆرمەسكە سېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاقىدار بۇ بوشلۇقنى دۆلەت مەجلىسىنىڭ تولدۇرۇشى كېرەكلىكىنى، «ئىككى تەرەپلىمىلىك بىر قانۇن لايىھەسى ئۆتكەن نۆۋەتلىك دۆلەت مەجلىسىدە ئىشقا ئاشمىغان ئالاھىدە ئەمەلدار تەيىنلەپ، شىنجاڭدىكى كرىزىسقا ئىنكاس قايتۇرۇش، باستۇرۇشقا قاتناشقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو قويۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقى، بۇنىڭ كېچىكتۈرۈلمەي بۇ يىل ئىچىدە ماقۇللىنىشى كېرەكلىكى» نى بىلدۈرگەن. بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ مەزكۇر تەھرىرات ماقالىسى دۆلەت مەجلىسىنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» نى تېزرەك ماقۇللىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشتىكى كۈچلۈك سىگنال ئىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى پېتىر ئېرۋىڭ سەيشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى تەھرىرات ھەيئىتىنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان ماقالىسى دۆلەت مەجلىسىنىڭ قانۇن لايىھىسىنى تېزرەك ماقۇللىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش يولىدىكى كۈچلۈك بىر سىگنال. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا. لېكىن مەزكۇر ماقالە يەنە رېئاللىققا قارىتا ئىپادىلەنگەن بىر رېئاكسىيەدۇر. ئومۇمى جەھەتتىن ئالغاندا ترامپ ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە قارىتا بىرەر تەدبىر ئېلىشقا سەل قاراپ كەلدى. مېنىڭچە سودا ھەققىدە كۆپ سۆزلەر بولۇندى. مانا ھازىر سودا ئۇرۇشى بولۇۋاتىدۇ. لېكىن، كىشىلىك ھوقۇققا ھەقىقىي تۈردە دىققەت بېرىلمىدى. نەتىجىدە دۆلەت مەجلىسى قانۇن لايىھەسىنى تەييارلاپ، ماگنىتىسكىي قانۇنىنى ئىشقا سېلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا مەجبۇر بولدى. مەيلى بۇ قانۇن لايىھەسى بىرەر ئىشنى ئىشقا ئاشۇرسۇن ياكى ئاشۇرمىسۇن، ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئارىلاشقانلىقىدۇر.»

ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ھازىرغا قەدەر پرېزىدېنت ترامپ ئاشكارا ئىپادە بىلدۈرۈپ باقمىغان بولسىمۇ، لېكىن مۇئاۋىن پرېزىدېنت پەنسې، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېئو قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئىنكاس بىلدۈرۈپ، خىتاينى ئاشكارا تەنقىد قىلىپ كەلدى. ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ رەئىسى ئادۋوكات نۇرى تۈركەلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھازىرقىدەك زور جامائەت پىكىرى پەيدا قىلىشىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مۇھىم رول ئوينىماقتا ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر ئۇيغۇر مەسىلىسىگە، بولۇپمۇ 21‏-ئەسىردە يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئېچىنارلىق ۋەزىيەتكە نىسبەتەن كۈندىن كۈنگە كۆز قاراش ئىپادىلەشتىن باشقا مەيدان تۇتىدىغان يۆنىلىشلەرنىمۇ كۆرۈۋاتىمىز. بۇلارنى ئامېرىكىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولۇۋاتىدۇ، دەپ قارايمەن. . . . . . . . . . . .»

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ «شىنجاڭدىكى گۇلاگلار» سەرلەۋھىلىك تەھرىرات ماقالىسىدە، خىتاينىڭ «شىنجاڭدىكى يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار قامالغان گۇلاگلارنى (جازا لاگېرلىرىنى) ئاقلاشقا ئۇرۇنۇپ، بۇ ئورۇنلارنى «تېخنىكا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ سۈرەتلەۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلى بۇ ئورۇنلارنىڭ مەقسىتىنى «يېزىلاردىكى بىلىمسىز، قالاق ۋە نامرات ئاز سانلىق مىللەتلەر» نى قۇتقۇزۇش، دەپ كۆرسىتىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. ماقالىنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ خىل چۈشەندۈرۈشنىڭ ئۆزىدە ئېغىر مەسىلە بار ئىكەن. ماقالىدە «بۇ خىل چۈشەندۈرۈشكە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئوچۇق-ئاشكارا سىغدۇرماسلىق، ئۇلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك مەدەنىيەت يوقىتىشى ئېلىپ بېرىش يوشۇرۇنغانلىقى» بىلدۈرۈلگەن.

نۇرى تۈركەل يۇقىرىقى سۆزلەرنى يېقىندا ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق يىغىندا مۇخبىرىمىزغا تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، مەيدان ئىپادىلەش يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن. نۇرى تۈركەل: «بۇنىڭغا تەپسىلىي پوزىتسىيە تۇتۇش كېرەك. بىرىنچىدىن، بۇ يىپەك يولى قۇرۇلۇشىغا ئىسپانىيەگە ئوخشاش بىز قوللىمايمىز، دەپ قارشى تۇرۇشى كېرەك. بۇ قۇرۇلۇش خىتاينىڭ خەلقئارا سەھنىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئاكتىپ دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىپادىلىنىشى. بۇنى مۇشۇ يول بىلەن تىزگىنلەش مۇمكىن. . . . . . . . . ئىككىنچىدىن، خىتاينىڭ دۇنيا سەھنىسىدە ناھايىتى مۇھىم بىر ئاكتىيور بولۇش ئىستىكى بار. خەلقئارا جەمئىيەت ئۇنىڭغا مۇشۇنداق قىلمىشنى سادىر قىلساڭ نورمال دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىمىزگە دەز كېتىدۇ، دەيدىغان رادىكال، ئۈنۈمى بار بىر پوزىتسىيە تۇتمىسا خىتاي ئۇلارنى نەزىرىگە ئالمايدۇ.»

خىتاي ھۆكۈمىتى «تېخنىكا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى بۇ لاگېرلارنىڭ «كىشىلەرنىڭ دۆلەت تىلىنى ئۆگىنىپ، ئاشقۇنلۇق ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىشى، كەسپىي تېخنىكا ئىگىلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىدا پەۋقۇلئاددە ئۈنۈملۈك رول ئويناۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بېيجىڭنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى بۇ چۈشەندۈرۈشىگە ماقۇل، دېگەن تەقدىردىمۇ، لېكىن بۇ نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بۇ ئورۇنلارغا ئەۋەتىلىشىدەك پاكىتنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىكەن. ماقالىدە «شىنجاڭدا ياشايدىغان شائىرلار، پروفېسسورلار، ئالىملار ۋە ژۇرنالىستلارمۇ كەسپىي تەربىيەلەشكە بېرىشقا ئېھتىياجلىقمۇ؟» دەپ سوئال قويۇلغان. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ ماقالىسىدە يەنە «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ مەلۇماتى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 2018‏-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان 159 نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ دىنىنى ۋە ئۇيغۇر تىلىنى ئەيىبلەشكە، خىتاي تەشۋىقات ناخشىلىرىنى ئېيتىشقا مەجبۇرلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ماقالىدە، خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» ئېلان قىلغان بىر ئوبزور نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، ئوبزوردىكى سۆزلەرنى ئۇنىڭ «ئىرقىي تازىلاش نىيىتىنى ئىپادىلەشتىن باشقىچىرەك چۈشىنىشنىڭ مۈشكۈللۈكى» بىلدۈرۈلگەن. ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي باياناتچىسى بەزىدە ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى ھەقىقىي ياكى يوشۇرۇن تېررورىست، دەپ چۈشەندۈرسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى تۇتقۇن قىلغان شەخسلەرنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئابدۇقادىر جالالىدىندەك ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىتاي دۆلىتىگە بولغان ساداقەتمەنلىكىنى ئىپادىلىگەن شەخسلەرمۇ بار ئىكەن. ماقالىدە يەنە، خىتاينىڭ 20 ياشتىن 79 ياشقىچە بولغان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «بۇ لاگېرلاردا تەن جازاسى ۋە ئۆلۈم-يېتىم ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال» دېيىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.