سىدنېيدا بايراق چىقارغان تەلغەت ئابباس تىياتىرخانىدا بولۇپ ئۆتكەنلەرنى بايان قىلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.02.16
kokbayraq-awtraliye-xitay-chaghan-paaliyitide-1.jpg ئاۋسترالىيەدە خىتاي ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «غەربىي ئاۋسترالىيە-جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت فېستىۋالى» دا ئىككى ئۇيغۇر يىگىتى ئاييۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنى چىقارغان كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 8-فېۋرال، سېدنىي.
Social Media

بۈگۈن مۇخبىرىمىز 8‏-فېۋرال كۈنى سېدنىي تىياتىرخانىسىدا بايراق چىقىرىپ خىتاينىڭ شىنجاڭ فېستىۋالىنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ياشتىن بىرى تەلغەت ئابباس بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. سۆھبەتتە تەلغەت ئابباس تىياتىرخانا ئىچىدە تاماشىبىنلارغا خىتابەن قىلغان سۆزىنىڭ تەپسىلاتى، ئامانلىق خادىملىرى بىلەن قىلىشقان سۆزلىرى ۋە تىياتىرخانا ئىچىدە كۆرگەن ۋە بايقىغان كەيپىيات ۋە مەنزىرە ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

مەلۇم بولۇشىچە تەلغەت ئابباس نۇتقىنى باشلىغاندا خىتاي رىياسەتچىمۇ سۆزىنى توختاتماستىن داۋاملاشتۇرۇپ، تەلغەت ئابباسنىڭ ئاۋازىنى بېسىپ چۈشۈشكە تىرىشقان؛ ئەمما تەلغەت ئابباس تىياتىرخانىدىكى قۇلايلىق ئورنى، ھەققانىي سۆزلىرى ۋە جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتالىغان. ئۇنىڭ سۆزىدىن تەسىرلەنگەن ئامانلىق خادىملىرىمۇ، ئۇنىڭغا قوپال مۇئامىلە قىلماستىن سۆزلىۋېلىش پۇرسىتى بەرگەن.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىيالايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.