ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار «لاگېرلارنى تاقىتىش پائالىيىتى» نى پىلانلىق ۋە نىشانلىق داۋام قىلدۇرماقتا

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2018-08-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قاراماي شەھىرىدىكى يەر ئاستى يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ كۆزىتىش قىسمىنىڭ كۆرۈنۈشى.
قاراماي شەھىرىدىكى يەر ئاستى يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ كۆزىتىش قىسمىنىڭ كۆرۈنۈشى.
bitterwinter.org

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا لاگېرلارنى قۇرۇپ، كەڭ كۆلەمدە ئۇيغۇرلارنى قاماۋاتقانلىقىنىڭ ئاشكارىلىنىشى بىلەن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ، جۈملىدىن خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتى كۈچلۈك رەۋىشتە ئۇيغۇرلارغا ئاغدۇرۇلماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلاردا مېڭە يۇيۇشقا تۇتۇلۇۋاتقانلىقى، دىنىي ئىبادەتلىرىنىڭ چەكلىنىپ، كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ئاۋسترالىيە مەتبۇئاتلىرىدىنمۇ ئورۇن ئالماقتىكەن.

ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايوندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاش ھەققىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى تەلەپ قىلىنغان ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئىمزالىق مۇراجىئەتنامىسى ئاۋسترالىيە پارلامېنتنىڭ تورىدا ئالدىنقى ھەپتە رەسمىي قويۇلغان. ئىگىلىشىمىزچە، بۇ مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويۇش 12-سېنتەبىرگىچە داۋام قىلىدىكەن. نۆۋەتتە ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي، كانبېررا قاتارلىق جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار مەزكۇر مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا توپلاش ئۈچۈن نامايىش ۋە تەشۋىقاتلىرىنى داۋام قىلماقتىكەن.

ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى لاگېرلارغا سولانغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا ئىگە چىقىش ۋە ئۇلارنىڭ قۇيۇپ بېرىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن سىدنېي شەھىرىدە قۇربان ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنى، يەنى 22-ئاۋغۇست كۈنى نامايىش ئۇيۇشتۇرغان. نامايىش مەيدانىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن گۈلمىرە زۇنۇن خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بۇ قۇربان ھېيتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قۇرغان لاگېرلىرىدا زۇلۇم چېكىۋاتقان قېرىنداشلىرىنى ئەسلەش ۋە ئۇلارغا قانداق ياردەم بېرىش ھەققىدە ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتتىن ياردەم سوراش مەقسىتىدە نامايىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى» دىن مەلۇمات بەردى.

ئاۋسترالىيە پارلامېنتنىڭ تور بېتىگە قويۇشقا تاللانغان مەزكۇر مۇراجىئەتنامىنى ئاۋسترالىيەنىڭ كانبېررا شەھىرىدە ياشاپ كېلىۋاتقان، پسىخولوگىيە مەسلىھەتچىسى نۇرگۈل ساۋۇت خانىم تەييارلىغان بولۇپ، مۇراجىئەتنامە پارلامېنتقا سۇنۇلغان ۋە ھازىر بۇنىڭ نەتىجىسى كۆرۈلۈشكە باشلىغان.

نۇرگۈل خانىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنىڭ تورىغا قويۇلغان بۇ مۇراجىئەتنامىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قۇرغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاش، ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق لاگېرلاردا زۇلۇم چېكىۋاتقان بارلىق كىشىلەرنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان.

ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئىمزا توپلاش پائالىيىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان لاگېرلىرىنى رەسمىي يوسۇندا ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە ئاۋسترالىيە خەلقىگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوچۇق ئاشكارا ئاڭلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن. ئىككىنچى قەدەمدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارلامېنتنىڭ بېسىمى ئارقىلىق خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇنى سانائەتلەشكەن 20 دۆلەت گۇرۇھى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ بىيونېس-ئايرستا 11-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە ئېچىلىدىغان دۇنياۋى يىغىنىدا مۇزاكىرىگە قويۇشنى شۇنداقلا بۇ 20 دۆلەتنىڭ خىتايغا قارىتا ئورتاق ئىقتىسادى ۋە سىياسىي ئېمبارگو قويۇشىنى تەلەپ قىلىش قاتارلىقلارنى نىشان قىلىدىكەن.

نۇرگۈل خانىم نۆۋەتتە ئىمزا توپلاش قاتارلىق قەدەم باسقۇچلۇق ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلەرنىڭ زور نەتىجە بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، لاگېرلارنى تاقىتىش، سولانغانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن جەريان ۋە باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدىكەن. ئۇ يەنە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆز قوۋم-قېرىنداشلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل ئاۋاز توپلاش ھەرىكىتىنىڭ نۆۋەتتە ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، كانادا، ياپونىيە، ئەنگلىيە، فىنلاندىيە ۋە نورۋېگىيە قاتارلىق 18 دۆلەتكە كېڭەيگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان لاگېرلارنى تاقاشنى قولغا كەلتۈرۈش پائالىيەتلىرىگە، جۈملىدىن پارلامېنتقا سۇنۇلغان ئىمزالىق مۇراجىئەتنامىگە ئاۋاز توپلاش ئۈچۈن ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە كەڭ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان پەرىزات غەيرەت خانىممۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇشىنى تەلەپ قىلغان. پەرىزات خانىم ئىمزالىق مۇراجىئەتنامىگە ئاۋاز توپلاش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرى ۋە ئەھمىيىتىدىن ئۇيغۇر جامائىتىنى خەۋەرلەندۈرگەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئېلىپ بارغان دەۋا پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرزىنى ئاڭلاش ئۈچۈن رەسمىي ئادەم بەلگىلەنگەن بولۇپ، بۇ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا زور ئىلھام بولغان. نۆۋەتتە نۇرغۇن پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشۈشكە باشلىغان.

ئاۋسترالىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ 22-ئاۋغۇستتىكى ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، 21‏-ئاۋغۇست كۈنى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا ئاۋسترالىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى لىسا مارىيا سىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مەخسۇس تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. ئۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نۆۋەتتە 2 مىليونغا يېقىن كىشىنىڭ «قايتا تەربىيە» لاگېرلىرىدا سولىنىپ يېتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، رايوندا ئىككى يىلدىن بۇيان مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت