دائىرىلەر ئۈندىداردا يىتكەن بالىلارنىڭ ئۇچۇرىنى چەكلىدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2015-08-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر دىيارىدا بالا يىتىپ كېتىش، بالا ئوغرىلاش قىلمىشلىرى ئائىلە ۋە جەمئىيەتكە ئېغىر بالاسى ئاپەت بولغان، ئىجتىمائىي تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان تونۇشلۇق بىر رېئالنى مەسىلە. تور، مىكروبلوگ، ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئاتا -ئانىلارنى مەخسۇس يوقاپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئۇچۇرىنى تورغا چىقىرىش سۇپىسى بىلەن تەمىنلەپ كەلمەكتە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلاردا ئۈندىدار ئىشلىتىش ئومۇملاشقاندىن بۇيان يىتكەن بالىلارنىڭ ئۇچۇرلىرى ئۈزۈلمەي ئېلان قىلىنىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىش مەسىلىسى كۈچلۈك جامائەت پىكرى ھاسىل قىلغان ئىدى. ئۈندىدار ئارقىلىق يەنە جاي-جايلاردا يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئىزدەش پىدائىيلار توپلىرى قۇرۇلۇپ، بالىلارنىڭ تېپىلىشىدا ھازىرغىچە ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بىر ئۇچۇر ۋاسىتىسىگە ئايلانغان ئىدى. ھالبۇكى يوقاپ كەتكەن بالىلارنى ئىزدەشتە ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتە بولۇپ كېلىۋاتقان ئۈندىداردا، يوقاپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئۇچۇرىنى تارقىتىش يېقىندا دائىرىلەر تەرىپىدىن چەكلەنگەن.

مەلۇم بولغاندەك ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بالىلارنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىشى يېقىنقى يىللاردا پەۋقۇلئاددە كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر ھادىسە بولۇپ قالدى. ئاتا -ئانىلارنىڭ يىتىپ كەتكەن بالىسى ئۈچۈن قانچىلىك ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس. ھازىر مەيلى چوڭ شەھەر، ناھىيە، يېزا بولسۇن، ھەممىلا يەردە بالىلاردىن ئەنسىرەپلا تۇرىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىۋاتىدۇ، بالىلارنىڭ ئوغرىلىنىش خەۋپى ئۇيغۇر ئاتا -ئانىلارنى ھەممىدىن بەكرەك خاتىرجەمسىز قىلىۋاتقان، بالىلارنىڭ، ئائىلىنىڭ ھاياتى ۋە بەختىنى نابۇت قىلىپ، جەمئىيەتكە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقان بىر رېئال مەسىلە، بالا ئوغرىلىرى يەنە -دۆلەت بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچىنىمۇ قوشۇپ ئوغرىلىماقتا.

بولۇپمۇ بالىلارنىڭ يىتىپ كېتىشىنىڭ خىتايدا بالىلارنى ئوغرىلاپ سېتىش، بۇلاڭچىلىق، زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە ئوخشاش جىنايەتكە سېلىشتىن باشقا يەنە، ئىچكى ئەزا قاراڭغۇ بازىرى بىلەنمۇ چېتىشلىق مەسىلە ئىكەنلىكىدەك قاراڭغۇ تەرەپلىرى جەمئىيەتتە تېخىمۇ زور قورقۇنچ ۋە غەزەپ پەيدا قىلماقتا.بالىلارنى ئوغرىلاشنى كەسىپكە ئايلاندۇرۇۋالغان، جىنايەت شايكىلىرىغا جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ۋە ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى تەلەپ قىلىش جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە ئايلاندى.

مۇشۇنداق بىر جىددىي ئىجتىمائىي مەسىلە خىتايدا شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدە پۈتۈن جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەر تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىي ھەرىكەت ياكى چارە ياكى مەخسۇس بىر لايىھە ئوتتۇرىغا چىقمىدى ئەمما يۇتۇپ كېتىۋاتقان بالىلارنىڭ سانى بارغانچە ئاشماقتا، تېپىلغانلىرى بولسا 1% كىمۇ يەتمەيدۇ. ھەتتا ئۇلارمۇ ئاساسەن ئۆزلىرى ساقچىخانىغا بېرىپ قالغان ياكى باشقىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ ساقچىخانىلارغا ئېلىپ كېلىنگەنلەر خالاس. ساقچىلارنىڭ بىۋاسىتە قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىدە تېپىلغان بالىلار يوق دېيەرلىك.

بۇنداق بىر شارائىتتا ياردەمگە موھتاج ئاتا ئانىلار، كىشىلەر تەبىئىي ھالدا تور، ئۈندىدار، مىكروبلوگ قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق بىر -بىرىدىن جەمئىيەتتىن ياردەم سورىماقتا. ئۈندىدار بولسا قوللانغۇچىلارغا يوقاپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئۇچۇرىنى ۋە رەسىملىرىنى ئېلان قىلىش سۇپىسى بىلەن تەمىنلەپ كەلدى، پەرزەنتىنى يىتتۈرۈپ قايغان ئاتا ئانىلار ئىچىدە ئۈندىدارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق بالىلىرىنى تېزىلا تېپىۋالغانلارمۇ ئاز ئەمەس. بالىلىرى يىتىپ كەتكەن شۇ باغرى قان ئاتا-ئانىلارغا ھېسداشلىق قىلغۇچىلار كۆپەيدى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلغانلارمۇ كۆپىيىپ ئۇلارغا مېھىر شەپقەت يەتكۈزگەنلەر ھال سورىغانلار كۆپىيىپ، بۇ مەسىلىگە جەمئىيەتنىڭ ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى ئىپادىلەندى.

ئەمما يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى ئۈندىدار قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە يوقاپ كەتكەن بالىلارغا ئائىت مەزمۇنلاردا ئۇچۇر تارقىتىشنى چەكلىگەن. بۇ ھەقتە بۈگۈن رادىئومىزغا قەشقەرنىڭ مەلۇم ناھىيىسىدىن ئۇچۇر يەتكۈزگەن بىر ئۇيغۇر، بۇ ھەقتە يېقىندا قەشقەردە 3 ياشلىق قىزىنى يىتتۈرۈپ قويغان بىر ئاتا، قىزىنى يىتتۈرۈپ قويغاندىن كېيىنلا ساقچىغا بارغانلىقى ئىككى كۈنگىچە ئۈنۈمى بولمىغاندىن كېيىن قىزىنى ئىزدەش ئېلانىنى ئۈندىدارغا يوللاپ بېرىشنى ئۆتۈنگەنلىكى ئەمما ئۈندىداردا، بۇ خىل ئۇچۇرنى تارقىتىش چەكلەنگەنلىكى سەۋەبىدىن، بالىسىنى پۈتتۈرگەن ئاتىغا ياردەم قىلالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ كىشى گەرچە ئۈندىداردا يىتىپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئۇچۇرىنى تارقىتىش چەكلەنگەنلىكىنى بىلسىمۇ سەۋەبىنى ئېنىق بىلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ ھەقتە شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى 13-ئاۋغۇست كۈنى «ئۈندىدار قاتارلىق ئۇچۇر ئۇستىلىرىدا يىتكەن بالىلارنى ئىزدەش ۋە كېسەللەرگە ئىئانە توپلاش قاتارلىق مەزمۇنلاردا ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىگە دائىر مەزمۇندا خەۋەر تارقاتقان ئىدى.

بىز ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، ساقچى دائىرىلىرىنىڭ جامائەت پىكرىگە قارىماستىن ئۈندىدار قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە يوقاپ كەتكەن بالىلارغا ئائىت مەزمۇنلاردا ئۇچۇر تارقىتىشنى چەكلەش ھەرىكىتىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە جاۋاب ئېلىشقا تىرىشتۇق.

قەشقەردىكى بىر ساقچى بۇ چەكلىمە ھەققىدە خەۋىرى بولسىمۇ سەۋەبىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىز يەنە ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايوندىكى بىر ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق:
-ياخشىمۇسىز ساقچىخانا
ياخشىمۇ سىز ئۈندىداردا نېمە ئۈچۈن يەتكەن بالىلارنىڭ ئۇچۇرىنى تارقاتسا بولمايدۇ؟ بۇنى چەكلەشتىكى سەۋەب نېمە؟
-سىز نەدىن تېلېفون قىلىۋاتىسىز، چەتئەلدىنما؟
-ئامېرىكىدىن.
-ئامېرىكىدىن؟ ۋوي توختاڭ، ۋاي خۇدايىم....! بۇ سەۋەبى...بىر دەم توختاڭ ھە، بۇ، مەسىلە ھەققىدە سىزنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

دەرۋەقە بۇ خىتاي ساقچىسى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ سەۋەبىنى دېمەيلا سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

مەلۇمكى ھازىرغىچە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىشىگە دائىر خەۋەرلەر، خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن پەقەت رادىئومىزدا ئاساسلىق خەۋەر قىلىنىپ كەلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت