دولقۇن ئەيسا: «خىتاينىڭ ب د ت دىكى پوزىتسىيەسى ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرىدۇ»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018.08.15
bdt-xitay-lager-ret-qilish-3.jpg ب د ت نىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى تۈگىتىش كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا، خىتاي ۋەكىللىرىدىن سوئال سورالماقتا. 2018-يىلى 13-ئاۋغۇست، جەنۋە.
webtv.un.org

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت نىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش يىغىنىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغانلىقى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا قىزىق تېما بولماقتا.

جەنۋەدە 6-ئاۋغۇست باشلانغان ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ 96-نۆۋەتلىك يىغىنىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى كۆزدىن كۆچۈرۈلگەن، 10-ئاۋغۇست كۈنى 49 نەپەر خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ب د ت نىڭ ئالاھىدە دوكلات خادىملىرى تەرىپىدىن يۈزگە يېقىن سوئال قويۇلغان ئىدى. 13-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا مىللىي زۇلۇم يوقلۇقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغاندىن كېيىن، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بۇ مەسىلە قىزىق تېما سۈپىتىدە ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى.

د ئۇ ق نىڭ ميۇنخېندىكى باش شىتابىدىن بۈگۈن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، يەنە كۆپلىگەن خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگانلىرى د ئۇ ق دىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ ب د ت دا بۇنى ئىنكار قىلغانلىق مەسىلىسى ھەققىدە بەس-بەستە زىيارەتلەرنى قانات يايدۇرماقتا ئىكەن.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىلەر بۈگۈن يەنە د ئۇ ق تور تېلېۋىزىيەسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت دا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى تۈپتىن ئىنكار قىلغانلىقىغا قارىتا قۇرۇلتاينىڭ پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرگەن.

ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ 96-نۆۋەتلىك يىغىنىغا د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشلىق 5 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان ئىدى. پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، د ئۇ ق رەھبەرلىرى تۈنۈگۈن كەچتە جەنۋەدىن قايتىپ كېلىپلا رەئىسلەر يىغىنى چاقىرىپ، ب د ت دىكى يىغىن مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان ھەمدە بۇ يىل 11-ئايدا جىددىي رەۋىشتە «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» يىغىنى چاقىرىپ، لاگېرلار مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدە خەلقئارالىق كۆلەمدە بىر مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى قارار قىلغان.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 11-ئاينىڭ 9- ۋە 10-كۈنلىرى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» يىغىنى چاقىرىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى» يىغىنىمۇ چاقىرىلىدىكەن ھەمدە بۇ ئىككى يىغىندىن 2 كۈن ئىلگىرى، يەنى 11-ئاينىڭ 7- ۋە 8-كۈنلىرى د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ 2-نۆۋەتلىك كېڭەيتىلگەن ئومۇمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. 11-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن 1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدىن ئىبارەت ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، «ئىستىقلال مارشى مۇكاپاتى» نى تارقىتىش پائالىيىتىمۇ بىرگە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. 8-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچتە ئېلىپ بېرىلغان د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى تېلېفون يىغىنىدا يەنە بۇ يىل 11-ئاينىڭ 6-كۈنى جەنۋەدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش تەشكىللەش مەسىلىسىمۇ قارارغا باغلانغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.