ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ھەپتىلەپ «چاقىرىلمىغان مېھمانلار» نى كۈتۈشكە مەجبۇر بولماقتا

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017.12.18
tughqan-yoqlash-xitay-teshwiqati.jpg خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىن بىرى بولغان ئۈندىدار توربېتىگە چىقىرىلغان «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» تەشۋىقاتى. 2017-يىلى 15-دېكابىر.
Social Media

ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقىتىدىغان، «شىنجاڭ گېزىتى» 18-دېكابىر سانىدىكى «ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - ‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى› پائالىيىتىنىڭ بىر ھەپتىلىكىگە نەزەر» تېمىلىق خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى 31 كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىسى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتە يۈك-تاق، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى، شۇنداقلا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ماتېرىياللىرى ۋە ئەلرايى كۈندىلىك خاتىرىسىنى ئېلىپ، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسى ھەم يېڭىئاۋات يېزىسىغا چۈشكەن. ئۇلار تۇغقانلاشقان دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئورۇنلىشىپ، دېھقانلارنىڭ ئۆيىدە تاماق يەپ، قونۇپ، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى ئېلىپ بارغان.

خەۋەردە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى دۈەن ۋېيجياڭنىڭ «ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆككەندىلا، ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلگىلى بولىدۇ» دېگەن سۆزىنى نەقىل ئېلىنغان بولۇپ، ئۇ يەنە «ئامما بىلەن بىر قازاننىڭ تامىقىنى يەپ، ھويلا-ئاراملىرىنى تازىلاپ، ئېتىزغا بېرىپ بىللە ئىشلەپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا تولۇق سىڭىپ، ئامما ئويلىغاننى ئويلىغاندىلا، ئامما ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلارنى توغرا ھەل قىلغىلى بولىدۇ» دېگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى تاراتقۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 12-ئايدا، «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ رەھبەرلىرى 12 -ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان بىرىنچى تۈركۈمدىكى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى باشلاپ، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىگە قاراپ يولغا چىققان. نۆۋەتتە 2-3-تۈركۈمدىكى كادىرلار، چامادانلىرىنى، ئورۇن كۆرپىلىرىنى بىللە ئېلىپ ئاساسىي قاتلاملاردىكى ئاتالمىش «تۇغقانلاشقان» ئائىلىلەرگە كۆچۈپ كىرىشكە باشلىغان.

دائىرىلەرنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر بىر ئۇيغۇر دېھقان ئائىلىسىگە قانچىدىن كادىر ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلەردە قانچە كۈن تۇرىدىغانلىقى نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقى ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلار ئېلىش ئۈچۈن بىر قىسىم يېزا-كەنت تارماقلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. پەقەت خوتەن لوپ ناھىيەسى باغچە يېزىلىق ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا تېلېفون ئۇلاندى.

تېلېفوننى بىر خىتاي كادىر ئېلىپ، بۇ جايغا ئۈرۈمچىدىن يېتىپ كەلگەن كادىرلارنىڭ باشلامچىلىقىدا «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، باشقا تەپسىلىي ئەھۋاللاردىن مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى جۇ خەيلۈننىڭ 8-دېكابىر «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا ئېيتقان سۆزلىرىگە قارىغاندا، بۇ نۆۋەت ئاساسىي قاتلامغا «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» كە چۈشكەن كادىرلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ، ئۆيمۇ-ئۆي ھەر بىر ئائىلىگىچە ئەھۋال ئىگىلەپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش، شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى» نى، بولۇپمۇ «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش» ئىكەن.

ئۇ يىغىندا يەنە مەزكۇر ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ كادىر، ئىشچى خىزمەتچىلەر ئۈچۈن مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋەزىپە ئىكەنلىكى ئىپادە قىلىپ، «ھەر بىر كادىر، ئىشچى-خىزمەتچى ئورۇنلاشتۇرۇشقا بىنائەن، ئالدىن ياخشى تەييارلىق قىلىشى كېرەك، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھەرقانداق سەۋەب، ھەر قانداق باھانە بىلەن مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى› پائالىيىتىگە قاتنىشىشنى رەت قىلىشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ.» دەپ تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» دە 12-دېكابىر ئېلان قىلىنغان بۇ توغرىلىق كۆرسەتمىسىدە، «ھەر دەرىجىلىك جايلار، تارماقلار، ئورۇنلاردىكى بارلىق كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەر رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باشلامچىلىقىدا تۈركۈملەرگە بۆلۈنۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى تۇغقانلاشقان ئائىلىلەرنىڭ ئۆيىدە تۇرىدۇ، ئامما نېمە يېسە كادىرلار شۇنى يەيدۇ، ھەر كۈنى ئاممىغا تاماق پۇلى تاپشۇرىدۇ، بىر ھەپتە قانات يايدۇرىدىغان ئامما بىلەن بىللە غىزالىنىش، بىللە تۇرۇش، بىللە ئەمگەك قىلىش، بىللە ئۆگىنىش پائالىيىتى ھەر مىللەت كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ پۇختا ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

بىز بۇ ھەقتە ئائىلىلەردىنمۇ ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتۇق. ئاقسۇدىكى بىر ئۇيغۇر ئايال، ئۆزىنىڭ ئورگان كادىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان 20 ياشلاردىكى يالغۇز قىزىنىڭمۇ خوتەنگە «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» گە چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە قىزى كەتكەندىن كېيىن ئۆزىنىڭمۇ تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى. قىزىنىڭ تېلېفوندا دېيىشىچە، 4 كادىر بىر ئۆيدە تۇرىدىكەن. شۇ ئۆيدە قونۇپ، يەپ-ئىچىپ خىزمەت قىلىدىكەن. بۇ ئايال ئۆزىنىڭ ئۆيىگىمۇ ئۈرۈمچىدىن كادىرلار كەلگەنلىكىنى، ئۆيى بىر ئېغىز ياتاقلىق ئۆي بولغاچقا ئۇلار قونۇۋالمىسىمۇ كۈندە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ چىقىپ كېتىپ بارغانلىقىنى، ئۇنى بۇنى سوراپ رەسىم چۈشكەندىن باشقا بىر ئىش قىلمىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ ئەھۋاللاردىن بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇ پائالىيەتنىڭ تېزرەك ئاياغلىشىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» گە دائىر ئۇچۇر مەلۇماتلار نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولماقتا. ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكغۈچىلەردىن، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى دائىرىلەرنىڭ خىتاينىڭ ئاتالمىش تۇغقان يوقلاش ھەپتىلىكىنى مۇشۇ كۈنلەردە ئېلىپ بېرىشىنىڭ، خىتاينىڭ چاغىنىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان تەدبىرىنىڭ بىرى دەپ چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئەمما مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلاش نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان، كۈتۈلمىگەن مېھمانلارنى دېھقانلارنىڭ ئائىلىسىگە مەجبۇرىي كىرگۈزۈپ ھەپتىلەپ تۇرغۇزۇش، كىشىلەرنىڭ شەخسىيىتىگە، ئۆرپ-ئادىتىگە ئېغىر ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق. بۇ خىتاي ئۆزىنىڭ قانۇنىغىمۇ، ئىنسانىي ئەخلاققىمۇ، مەنتىقىغىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس، تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ ئاشقۇن تەدبىرلەر ئەكسىچە بىزارلىق، ھەتتا تېخىمۇ چوڭقۇر نەپرەت ۋە دۈشمەنلىككە سەۋەب بولىدۇ» دەپ مۇلاھىزە قىلدى.

دائىرىلەر ھەتتا ئائىلىلەرگە ئەۋەتكەن بۇ كادىرلارغا ۋەزىپىنى ئورۇنلاش تەدبىرلىرى ۋە كۆرسەتمىلىرىنىمۇ بەلگىلەپ تارقىتىپ بەرگەن بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئۈندىدار سۇپىسىدا «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، «بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇرۇشقا ھەم تۈرتكە بولۇپ، باردى-كەلدى قىلىش، مۇڭدىشىش، سىردىشىش جەريانىدا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھېسسىياتنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئامما مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ قەدىرلەيدىغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك.» دېگەنلەر كۆرسىتىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.