چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىدارە قىلىش سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى (3)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-05-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ پارتكوم سابىق سېكرېتارى ژاڭ چۈنشيەن بىلەن ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن كەلگەن تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو. 2016-يىلى 29-ئاۋغۇست.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ پارتكوم سابىق سېكرېتارى ژاڭ چۈنشيەن بىلەن ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن كەلگەن تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو. 2016-يىلى 29-ئاۋغۇست.
ts.cn

«ئوچۇق خەت» ئېلان قىلدۇرۇپ خىتايغا بولغان ساداقىتىنى سىناش

چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئىدارە قىلغان يېرىم يىلدىن ئارتۇق جەرياندا يولغا قويغان قاتتىق قول سىياسەتلىرىنىڭ بىرى، ئۇيغۇر كادىرلىرى، دىنىي ساھەدىكى زاتلار ۋە زىيالىيلارنى «ئوچۇق خەت» ئېلان قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىگە بولغان ساداقىتىنى سىناش بولغانلىقى مەلۇم.

«ئوچۇق خەت» ئېلان قىلىش دولقۇنى ئەڭ دەسلەپ كېرىيە ناھىيە جاي يېزىسىنىڭ باشلىقى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭ بۇ يىل 25-مارت كۈنى ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا مۇراجىئەت» ناملىق ئوچۇق خېتىدىن باشلانغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 20-ئاپرېل كۈنى «ئوچۇق خەت» ئېلان قىلىپ، ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭ ئوچۇق خېتىگە ئاۋاز قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ رەئىسلىك سالاھىيىتى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، «كەڭ ئۇيغۇر خەلقىنى سىياسىي جەھەتتىن ئويغىنىشقا، ‹ئۈچ خىل كۈچ›نىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىشىغا يول قويماسلىققا شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىتىنى تار دائىرىدىكى ‹مىللىي ھېسسىيات› چەمبىرىكىدىن ھالقىپ چىقىش» قا چاقىرىق قىلغان.

ئارقىدىنلا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشلىقى ئىلھام سابىرمۇ «ئوچۇق خەت» ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ «كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ئەقلىنى ئىشلىتىپ ‹ئۈچ خىل كۈچ› نىڭ رېئال خەۋپى ۋە قورقۇنچلۇق غەرىزىنى ئېنىق تونۇپ يېتىشىنى، شۇنداقلا ‹ئۈچ خىل كۈچ› بىلەن بولغان چەك-چېگرانى ئېنىق ئايرىش» نى تەلەپ قىلغان.

24-ئاپرېل كۈنى خوتەن ۋالىيسى ئەزىز مۇسا «ئۇيغۇرلار تارىخنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى لازىم» ناملىق «ئوچۇق خەت» ئېلان قىلغان. ئۇ مەزكۇر ئوچۇق خەتتە «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى ھون ياكى تۈركلەرنىڭ ئەۋلادى ئەمەس، بەلكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىرى» ئىكەنلىكى ھەققىدە داۋراڭ سالغان.

ئۇ ئۆزىنىڭ ئوچۇق خېتىدە تۆۋەندىكىدەك ئەشەددىي بايانلارنى يازغان: «ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىغا خەنزۇ ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ قېنى ئارىلاشقان. خەنزۇلارنىڭ قېنىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قان تەركىبلىرى بار. ئۇلار تارىختىن بۇيان قانداش تۇغقانلارغا ئايلانغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى تارىخىي ھەقىقەت. شۇنداقكەن، ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆز ئەجدادىنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، خەنزۇلارنى چەتكە قاقىدىغان پسىخىك ھالەتنى يوقىتىشى، ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك.»

ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن دوكتور ئەنىۋەر توختى ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى ئوچۇق خەت ياكى مۇراجىئەت ئېلان قىلىشقا قىستىشىدىكى تۈپ مەقسىتى ئۇلارنىڭ غۇرۇرىنى يەرگە ئۇرۇش، پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەنىۋىيىتىنى قۇللۇق زەنجىرىگە باغلاشتۇر، دەيدۇ.

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ھىندونېزىيەدىكى مۇھەممەدىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى پاترىك مېيېر بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈرىدۇ: «جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى ئەڭ كۆپ ئەندىشە قىلدۇرۇۋاتقان نۇقتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى چىڭ ساقلاۋاتقانلىقىدۇر. بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي، يەنى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى جۇڭگولۇق دەپ بىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ھالبۇكى، تارىخىي باغلىنىش، مەدەنىيەت يىلتىزى ۋە دىنىي جەھەتتىن ئۇيغۇرلار خىتايغا قارىغاندا ئوتتۇرا ئاسىياغا يېقىن، تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرنىڭ كىملىكى خىتايغا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ. شۇڭا جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىر ئاماللارنى قىلىپ ياكى زورلۇق كۈچ ئىشلىتىپ ئۇيغۇرلارنى خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ قوينىغا سىڭدۈرۈۋېتىشنى ياكى جۇڭگولۇق كىملىكىگە قوشۇۋېلىشنى ئويلايدۇ. ئەگەردە ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت، دىن ۋە تىل جەھەتتىكى كىملىكىدە چىڭ تۇرالىسا، ئۇ چاغدا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەقسىتى قىيىنلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى ئالماشتۇرۇش پىلانى سۇغا چىلىشىدۇ.»

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ يىل بېيجىڭدا ئېچىلغان «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە خوتەن ناۋاغ جامەسىنىڭ خاتىپى ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم داموللىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى جەريانىدا خوتەندىكى بىر قىسىم ساقچىخانىلار بىلەن قانۇن ئورۇنلىرى ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم داموللىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىك خەۋىرىنى ئىنكار قىلمىغان ئىدى. خوتەن شەھىرىگە قاراشلىق ناۋاغ ساقچىخانىسىمۇ بۇ دېلونىڭ تەپتىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ھالبۇكى، خىتاي تاراتقۇلىرى تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان خىتاي مەملىكەتلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم داموللىنىڭ بىر پارچە «ئوچۇق خېتى» نى 14-ماي كۈنى ئېلان قىلغان.

ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم داموللىنىڭ «ئوچۇق خېتى» دە مۇنداق دېيىلگەن: «يېشىم چوڭىيىپ قالدى، بىلىم سەۋىيەممۇ يۇقىرى ئەمەس، ئەمما مەن پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى بىلىمەن. ‹ئۈچ خىل كۈچ› لەر مىللەت، دىن تونىغا ئورىنىۋېلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئەھكاملىرىنى بۇرمىلاپ، مۇسۇلمانلارنى ئالداپ، ھەر خىل ئاماللار بىلەن بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، بىزنى كونا جەمئىيەتكە قايتۇرماقچى بولدى. بۇ، ئۇلارنىڭ ئۇخلىماي چۈش كۆرۈشى، بىز بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويمايمىز.»

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلاردىن دوكتور قاھار بارات ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي دائىرىلىرى قاتتىق ۋە يۇمشاق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۇيغۇر خەلقىنى ئۆزىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە قىستىماقتا، دەيدۇ.

دوكتور پاترىك مېيېر بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈرىدۇ: «مەن بۇنىڭدىن ھەيران قالمايمەن. چۈنكى بۇنداق قىلىش ئۇيغۇرلارغا قىيىن كەلسىمۇ، لېكىن ئۇلار شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر. ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق سىياسەتلىرىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقى بەش قولدەك ئېنىق. ئەمما ئۇلار ئۆز ئورۇنلىرىنى ساقلاش ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ تەلەپلىرىگە ماسلىشىشى، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرىنى ماختىشى كېرەك. شۇ سەۋەبتىن ھۆكۈمەت ئۇيغۇر كادىرلاردىن ۋاسىتە سۈپىتىدە پايدىلىنىدۇ.»

«ئوچۇق خەت» ئېلان قىلىش دولقۇنى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغىچە كېڭەيگەن بولۇپ، بۈگۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «پارتىيىنىڭ مائارىپ سىياسىتى يولىدا مېڭىپ، جۇڭگونىڭ زور تەرەققىيات دەۋرىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئالايلى» ناملىق ئوچۇق خېتى تارقالدى.

ئابدۇقادىر جالالىدىن ئۆزىنىڭ ئوچۇق خېتىدە مۇنداق دەپ يازغان: «مەن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستىتېتى ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى. مەن قەشقەردە ئادەتتىكى دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1984-يىلى شەرەپ بىلەن جۇڭگو كومپارتىيىسىگە ئەزا بولدۇم. مەن شىنجاڭنىڭ مائارىپ ساھەسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن بىر ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى ئېنىق تونۇپ يەتتىمكى، ‹ئۈچ خىل كۈچ› نىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى دەل شىنجاڭدا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇش، مىللەت بۆلگۈنچىلىكىنى تەرغىب قىلىش ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى پارچىلاشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنى پۈتكۈل جەمئىيەتكە، ئىنسانىيەتكە ۋە مەدەنىيەتكە قارشى زوراۋانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇلار ئۆز مىللىتىنىڭ شۇنداقلا ئۆز ۋەتىنىنىڭ خائىنلىرىدۇر ھەمدە پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمەنلىرىدۇر.»

ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ «ئوچۇق خەت» ئېلان قىلىپ، خىتايغا بولغان ساداقىتىنى بىلدۈرۈشكە زورلىنىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تېخىمۇ دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان دوكتور پاترىك مېيېر مۇنداق دەيدۇ: «مەن يۈزلىگەن ئۇيغۇرلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە پروفېسسورلار، ئەمەلدارلار ۋە ئادەتتىكى كىشىلەر بار. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ 1990-يىللاردىن بۇيان رايوندا يۈرگۈزۈپ كەلگەن قاتتىق سىياسىتىگە قارىتا ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىدە قارشىلىق ئىنكاسلىرى مەۋجۇت. بىلىشىمچە، ھەر بىر ئۇيغۇر كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا مۇستەقىللىقنى خالايدۇ، خەنزۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ياخشى كۆرمەيدۇ. ئەمما رېئاللىق ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدىن كۆپ رەھىمسىز. ئۇلار ياشىشى، مەۋجۇت سىستېما ئىچىدە خىزمەتكە ئېرىشىشى كېرەك. بۇ خىل رېئاللىق ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ھۆكۈمەت بىلەن ماسلىشىشقا، مەۋجۇت سىستېما ئىچىدە خىزمەت قىلىشقا، ھەتتا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى سىياسەتلىرىنى ھىمايە قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا، ئۇلار خىزمىتىنى، ئىجتىمائىي ئورنىنى ۋە ياشاش ئىمكانىيىتىنى يوقىتىدۇ.»

دوكتور قاھار بارات ئەپەندىمۇ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيەسى غەربكە يۈزلەندى. ئۇيغۇر دىيارى بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ تۈگۈنى. شۇنداقكەن، خىتاي بۇ يەردە قالايمىقانچىلىق بولۇشنى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ غەربكە كېڭىيىش پىلانىغا سۈكۈت قىلىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتقا ئېھتىياجلىق» دەيدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت