چېن چۇەنگونىڭ «قەھرىمان» لىق ئىستىكى ۋە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تۆمۈر پەردە (1)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.09.27
chen-quanguo-chen-chwengo-muhakime-maqale.jpg چېن چۇەنگونىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىتى مۇھاكىمە قىلىنغان ماقالە. (www.jamestown.org دىن سۈرەتكە ئېلىنغان)
Photo: RFA

چېن چۇەنگونىڭ ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا ۋۇجۇدقا چىقارغان ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىشلىرىنىڭ بىرى-رايوندا غايەت زور ساندىكى ساقچى قوشۇنى بەرپا قىلىش ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كېڭەيتىش بولدى. چەتئەللەردىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى «يېڭىچە» شەكىلدە ئىجرا قىلىۋاتقان بۇ شەخسنىڭ خىزمەت «نەتىجىلىرى» گە تەپسىلىي قاراپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلار يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئامانلىق» ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋىتى توغرىلىق ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاددىي ئەسكەرلىكتىن يېتىلىپ چىققان «سىياسىيون» چېن چۇەنگو تاشقى دۇنيادىكىلەر ئۈچۈن ئۇنچە تونۇشلۇق بولمىغان بىر شەخس. ئەمما خىتاينىڭ ئۆزىدە بولسا ئۇ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى «ئىسلاھاتچى» ھەمدە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى يېڭىچە شەكىلدە كاپالەتكە ئىگە قىلىۋاتقان «بايراقدار» شەخس سۈپىتىدە تونۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئامېرىكىدىكى «جېيمىس تاۋن فوندى» باشقۇرۇۋاتقان «خىتاي خەۋەرلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 21-سېنتەبىردىكى 12-سانىدا ئادريان زېنز ۋە جېيمېس لېيبولدنىڭ ئاپتورلۇقىدا ئېلان قىلىنغان مەخسۇس تېمىدىكى ماقالىدا دەل چېن چۇەنگونىڭ نۆۋەتتىكى ھۆكۈمرانلىقى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنغان.

«چېن چۇەنگو: بېيجىڭنىڭ تىبەت ۋە شىنجاڭدىكى بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيىسىنىڭ ئارقىسىدىكى كۈچتۈڭگۈر شەخس» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ ماقالىدا چېن چۇەنگونىڭ تىبەتتە يولغا قويغان سىياسەتلىرى ھەمدە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا قايتىدىن تەجرىبە قىلىنىشى تەپسىلىي ئانالىز قىلىنغان. ماقالە ئاپتورلىرىنىڭ قارىشىچە، چېن چۇەنگو ئۈرۈمچىدە ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئوتتۇرىغا چىققان ئەڭ روشەن ئۆزگىرىش رايون مىقياسىدىكى ساقچىلىق ۋە ئامانلىق خىزمىتى ئۈچۈن 90 مىڭدىن ئارتۇق خادىم قوبۇل قىلىش بولغان.

ماقالە ئاپتورلىرىنىڭ يېزىشىچە، خېنەندىكى بىر كۆك نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان چېن چۇەنگو ھەربىيلىكتىن كەسىپ ئالماشتۇرغاندىن كېيىن ھازىرقى خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ خېنەن ئۆلكىسىدە پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ ئىشلەۋاتقاندا بىر مەزگىل ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن ئىكەن. 2011-يىلى چېن چۇەنگو «مالىمان رايون» دەپ قارىلىۋاتقان تىبەت ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ يۆتكىلىپ كەلگەن ھەمدە تېزدىن بۇ «مالىمان رايون» نى تىنجىتقان. ماقالە ئاپتورلىرىنىڭ بىرى، ئاۋسترالىيە لاتروبى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى جېيمىس لېيبولد زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بۇ توغرىلىق مۇنداق دېدى: 

«شۇنداق، مۇقىملىقنى ساقلاش تىبەت ياكى شىنجاڭغا ئوخشاش رايونلار ئۈچۈن ئۇزۇندىن بۇيان ئاچقۇچلۇق خىزمەتلەر بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. چېن چۇەنگو 2011-يىلى تىبەتكە يۆتكىلىپ كەلگەندە ئۇ مۇقىملىقنى ساقلاشقا مەنسۇپ بىر قاتار سىياسەتلەرگە ۋارىسلىق قىلدى. ئەمما ئۇ پارتىيە سېكرېتارى بولغان بەش يىل ئىچىدە قىلغان ئەڭ چوڭ ئىشى ئامانلىق تەدبىرلىرىنى قوشلاپ ئاشۇرۇش شۇنىڭدەك ئامانلىقنى ساقلاشتىكى يېڭى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ چىقىش بولدى. بۇ تەدبىرلەر پارتىيەلىك كادىرلارنى بۇتخانىلارغا نازارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش، ‹خەلققە قۇلايلىق ساقچى پونكىتى› تورى قۇرۇش، يۇقىرى پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى باشقۇرۇش گۇرۇپپىلىرىنى تەسىس قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ‹دوستلۇق ئورنىتىش› دېگەن نامدا خىتايلار بىلەن يەرلىك مىللەتلەرنى تۇغقان قىلىپ چېتىپ قويدى، ئەمما بۇنىڭدا نازارەت ۋە كونتروللۇق مەقسەت قىلىنغانلىقى ئېنىق.»

ماقالە ئاپتورلىرىنىڭ قارىشىچە، چېن چۇەنگو ئەنە شۇ يوسۇندا خۇددى ئەنگلىيە ياكى ياپونىيە قوللانغان «يەرلىكلەر ئارقىلىق يەرلىكلەرنى نازارەت قىلىش» ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويغان. بۇنىڭ بىلەن يەرلىك ئۇيغۇرلار غايەت زور ساندا خىتاينىڭ ئامانلىق ساھەسىگە قوبۇل قىلىنغان ھەمدە بۇ سان تېزلا ئۆتكەن ئون-يىگىرمە يىل مابەينىدە قوبۇل قىلىنغان ساقچىلارنىڭ ئومۇمى سانىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن. بۇ توغرىلىق سۆز بولغاندا جېيمىس لېيبولد مۇنداق دەيدۇ: 

«شۇنداق قىلىپ چېن چۇەنگو 2016-يىلى شىنجاڭغا يۆتكىلىپ كېلىپ جاڭ چۈنشيەننىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلغاندا تىبەتتە ئىجرا قىلغان بىر قاتار سىياسەتلىرىنى شىنجاڭغا ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ 2016-يىلى ئاۋغۇستتا ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ بىر ئاي ئۆتە-ئۆتمەيلا ئۈرۈمچىدە ‹خەلققە قۇلايلىق ساقچى پونكىتى› قۇرۇلۇشى باشلىنىپ كەتتى. ھازىر بۇ قۇرۇلۇش پۈتكۈل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىقياسىدا داۋام قىلماقتا. سىزنىڭ خەۋىرىڭىز بولغىنىدەك شىنجاڭدىكى ھەر بىر ناھىيە ۋە شەھەردە ھازىر مىڭلىغان ‹خەلققە قۇلايلىق ساقچى پونكىتى› تەسىس قىلىنىپ بولدى. خۇددى سىز تىلغا ئالغان باياتىنقى ماقالىمىزدا بىز كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك بۇ خىلدىكى ‹ئالدىنقى سەپ› ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ كۆپ ساقچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىز توپلىغان سانلىق مەلۇماتلار بولسا چېن چۇەنگو شىنجاڭغا يۆتكىلىپ كەلگەندىن بۇيان 90 مىڭدىن ئارتۇق ساقچى خادىمى قوبۇل قىلىش ھەققىدە ئېلان بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.» 

ئەمما ئۇيغۇر دىيارىدا بۇنچە كۆپ ساقچى قوشۇنى بەرپا قىلىش ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تېررورلۇق ۋە زورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ بەك ئەۋج ئېلىپ كەتكەنلىكىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىۋاتقانلىقى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا يەر ئېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ماقۇللانغاندىن كېيىن ئۇنىڭ قوشۇمچە ھۆججەتلىرى قاتارىدا «ش ئۇ ئا ر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نىزامى» نىڭ تەستىقلىنىشى بۇ خىل سەۋەبنىڭ تېخىمۇ «يوللۇق» ئىكەنلىكىنى نامايىش قىلىشتىكى يەنە بىر كوزىر بولۇپ قېلىشقا باشلىدى. 

ماقالە ئاپتورلىرىنىڭ بىرى، گېرمانىيەدىكى «ياۋروپا مەدەنىيەت ۋە ئىلاھىيەت مەكتىپى» نىڭ لېكتورى، دوكتور ئادريان زېنز بۇ مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ، «ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى» ھەققىدە سۆز بولغاندا خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ ھەرقاچان ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان تۈرلۈك زۇلۇملار ھەققىدە سۆز قىلىشتىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچىدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ خىل زورلۇق ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە باھا بېرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىكى ئارقا كۆرۈنۈشلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق لازىم ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: 

«بۇ مەسىلىلەرنى مەن ئامانلىق تەدبىرلىرى بويىچە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلگەن ماقالەمدە خېلى تەپسىلىي شەرھىلىگەن. ئۇ ماقالىنى مەن جېيمىس لېيبولد بىلەن بىرلىكتە يېزىپ چىققان ۋە ‹خىتاي خەۋەرلىرى› ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان. ماقالىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا بىز ئېنىق قىلىپ بۇنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىزنىڭ (ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان) زۇلۇملارنى تىلغا ئېلىشىمىزدىكى ئاساسىي سەۋەب شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ھازىر ھېچقانداق چەكتىن ئاشمىغان، ھېچكىمگىمۇ زىيىنى بولمايدىغان ھادىسىلەر، جۈملىدىن ئائىلە ئەزالىرى توپلىشىپ ئىبادەت قىلىشتەك ئىشلار قايتۇرما ھۇجۇمغا سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. مەسىلەن ئېيتساق، بۇ يىلنىڭ بېشىدا خوتەندە بولغان پىچاقلىق ھۇجۇم ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئاتىكارچىلىقى ئارقىسىدا كېلىپ چىققان. ئېسىمدە قېلىشىچە، سىلەرنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن بىرەيلەن بۇ ھەقتە خېلى تەپسىلىي خەۋەر ئىشلىگەن. شۇ خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھۆكۈمەت خادىملىرى بىر ئائىلە كىشىلىرى توپلىشىپ ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئۆي تەكشۈرۈپ كېلىپ قالغان ھەمدە ئۇلار بىلەن جېدەللەشكەن، شۇنىڭدەك ئۆيدىكىلەرگە تەھدىت سالغان. شۇنىڭ بىلەن جېدەل چوڭايغان. ئاقىۋەت ئۇلارنى سوئال-سوراق قىلىپ بولغۇچە پىچاقلىق ھۇجۇم باشلىنىپ كەتكەن. شۇ قېتىملىق ۋەقە ھېچقانداق تەييارلىقسىز ھەمدە ئېنىق نىشانسىز ئوتتۇرىغا چىققان. شۇڭا بۇ ۋەقە قانداقتۇر تېررورلۇق ھۇجۇمى ئەمەس، ئۇ پەقەت زۇلۇمغا قارشى ئوتتۇرىغا چىققان بىر تۈرلۈك ئىستىخىيىلىك ئىنكاس، خالاس.»

ئادريان زېنزنىڭ پىكرىچە، زۇلۇم ئالدىدىكى بۇ خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ھازىر يالغۇز ئۇيغۇرلار دىيارىدىلا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقىنى يوق. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەملىكە خاراكتېرىدىكى ھۆكۈمرانلىقىدا تۇرۇۋاتقان رايونلاردىن تىبەت رايونىدىمۇ تىبەتلەر ئۆزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك زۇلۇملارغا قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋام ئەتمەكتە. ئەمما ئۇلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش شەكلى ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا باشقىچە شەكىلنى ئالغان. شۇنىڭغا ماس ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قايتۇرغان ئىنكاسلىرىمۇ پەرقلىق بولغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

«ئۇيغۇرلار بۇ خىل نارازىلىقلىرىنى تىبەتلەردىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان شەكىلدە ئىپادىلەۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن دۆلەتنىڭ بۇنىڭغا قايتۇرغان ئىنكاسىمۇ پەرقلىق بولۇۋاتىدۇ. خەۋىرىڭىز بولغىنىدەك قولغا چىققان قورالنى ئېلىپلا باشقا بىرىگە ھۇجۇم قىلىش قىزىق قانلىقتا بولىدىغان ئىشلار. بۇ خىلدىكى قان قىزىقلىق تىبەتلەردىمۇ بار، ئەمما ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا ئۇنچە كۆپ ئەمەس. ئۇلاردا بۇ خىل نارازىلىق كۆپىنچە ئۆزىگە ئوت يېقىش شەكلىدە ئىپادىلىنىۋاتىدۇ. يەنى بۇ جەھەتتە تىبەتلەر ئۇيغۇرلارغا ئوخشىمايدىغان ئۇسۇلنى قوللىنىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا خىتاي دۆلىتىمۇ شۇنىڭغا يارىشا تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلاردا ھازىر كۆپرەك بولۇۋاتقىنى پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش. پىچاقلىق ھۇجۇم بولسا ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق جايدا يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان ئىشلاردۇر. شۇڭا ئۆتكەندە خىتاي ھۆكۈمەت تارماقلىرى پىچاقلارغىچە تىزىملاشنى يولغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇچقاققا دېگۈدەك ئامانلىق خادىملىرىنى ئورۇنلاشتۇردى. ئەمما مېنىڭچە، ھەر بىر پۇقراغا بىردىن ساقچىنى نازارەتچى قىلىپ قويۇشتەك ‹ساقچى دۆلىتى› بەرپا قىلىش ئەمەلىيەتتە ئاساسەن مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلاردۇر. بۇ پۈتۈنلەي ئۇخلىماي چۈش كۆرگەنلىك. ھالبۇكى، خىتايلارنىڭ چۈشەنچىسىدە، شۇنىڭدەك خىتاي مەدەنىيىتىدە ھەممىلا نەرسىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قاراش بەكلا مۇستەھكەم ئورۇن ئالغان.»

ماقالە ئاپتورلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ خىلدىكى ئوخشاش بولمىغان دىن، مەدەنىيەت ۋە جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىككە ئېگە بولغان رايونلاردا ئوخشاش سىياسەتنى مېخانىك شەكىلدە مەجبۇرىي ئىجرا قىلىش ئىجابىيلىقتىن كۆرە سەلبىي نەتىجىلەرگە بەكرەك ھامىلىدار ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.