د ئۇ ق ھەيئىتى ئاۋسترالىيە پايتەختى كانبېررادا مۇھىم ئۇچرىشىشلار ئېلىپ باردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018-12-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئىجرائىيە ھەيئىتى رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى، ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خادىمى لۇيىسا خانىم ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەت ئاۋسترالىيە زىيارىتىدە. 2018-يىلى 3-دېكابىر.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئىجرائىيە ھەيئىتى رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى، ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خادىمى لۇيىسا خانىم ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەت ئاۋسترالىيە زىيارىتىدە. 2018-يىلى 3-دېكابىر.
RFA/Erkin Tarim

ئۇيغۇر مەسىلىسى بولۇپمۇ «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسى دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەتلەردە يۇقىرى دەرىجىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئاۋسترالىيەنىڭ پايتەختى كانبېررا شەھىرىدە بىر يۈرۈش ئۇچرىشىشلار ئېلىپ باردى. بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ بۇ ئۇچرىشىشلار ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدۇق.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى ئاۋسترالىيە زىيارىتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنىڭ ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزالىرى، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، ئاخبارات ئورگانلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

د ئۇ ق ئىجرائىيە ھەيئىتى رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى بۈگۈنكى تۇنجى ئۇچرىشىشنىڭ ئاۋسترالىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتى مەسئۇلى، پارلامېنت ئەزاسى مايكل دەنبي (Michael Danby) ئەپەندى بىلەن بولغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى تۇنجى ئۇچرىشىشىمىز ئاۋسترالىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا بولدى. تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەت ھەققىدە، خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىققا قارشى قانداق تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشى، بولۇپمۇ بۇ ھەقتە ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنىڭ نېمە قىلىشى توغرىسىدا سوئال-جاۋابلار بولدى. بۇلارنىڭ سىرتىدا ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش توغرىسىدا نېمىلەر قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا سۆزلەشتۇق. بۇ ئۇچرىشىشتا يەنە ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزاسى ئوتتۇرىغا قويغان ماگنىتىسكىي قانۇن توغرىسىدىمۇ بەزى تەلەپ-پىكىرلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتۇق».

ئاندىن كېيىن ئۆمەر قانات ئەپەندى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى يەنە ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەۋەلىكىدىكى ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسلىرى، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى بايان قىلدى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇيغۇر دەۋاسىدا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلگەن. ئاۋسترالىيەمۇ 6-نويابىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرى جەھەتتىن ئۇيغۇرلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن. ئۇنداقتا د ئۇ ق رەھبەرلىرى بۇ قېتىمقى ئاۋسترالىيە زىيارىتىدە نېمە مەقسەتكە يەتمەكچى؟ ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ قېتىمقى زىيارەتتە 4 خىل مەقسەتكە يېتىشنى نىشان قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئىجرائىيە ھەيئىتى رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى، ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خادىمى لۇيىسا خانىم ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەتنىڭ ئاۋسترالىيە زىيارىتى 12-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن. ئۇيغۇر پائالىيەتچى نۇرگۈل ساۋۇت خانىم بۇ ھەيئەتنىڭ ئاۋسترالىيەگە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ زىيارەتنىڭ ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا سىياسەت بەلگىلىشى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

د ئۇ ق ھەيئىتى بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇرلار بىلەنمۇ ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر پائالىيەتچى جۈرئەت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر ئۇچرىشىشلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ د ئۇ ق ۋە د ئۇ ق رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىش كۈچەيگەن.

د ئۇ ق ھەيئىتى 12-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي، مېلبورن، ۋە ئادېلايد قاتارلىق جايلىرىغا زىيارەت ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، ھۆكۈمەت، ئاخبارات ئورگانلىرى، تەتقىقات مەركەزلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرلىكتە ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەنمۇ ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت