د ئۇ ق ھەيئىتى ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدە مۇھىم پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018-12-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
نۇرى تۈركەل ئەپەندى(سولدىن ئىككىنچى) ئاۋسترالىيەدىكى لاۋي ئىنستىتۇتىدا يىغىنغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى. 2018-يىلى 6-دېكابىر، سىدنېي.
نۇرى تۈركەل ئەپەندى(سولدىن ئىككىنچى) ئاۋسترالىيەدىكى لاۋي ئىنستىتۇتىدا يىغىنغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى. 2018-يىلى 6-دېكابىر، سىدنېي.
RFA/Erkin Tarim

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئاۋسترالىيەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى، ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدە مۇھىم پائالىيەتلەرگە قاتناشتى. پائالىيەت 5-دېكابىر ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش بىلەن باشلانغان بولۇپ، ئۇلار ئارقىدىن سىدنېي تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنى بىلەن لاۋي ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىدە چاقىرىلغان يىغىنغا قاتناشقان.

ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

ئۇ، بۈگۈنكى پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئېغىر ۋەزىيىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش سەۋەبلىرى ۋە بۇ ۋەزىيەتنى ھەل قىلىشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى توغرىسىدا مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى، بۇلاردىن سىرت ئىككى مۇھىم ئاخبارات ئورگىنىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئاۋسترالىيەدىكى ئەڭ داڭلىق ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىن بىرى بولغان لاۋي ئىنستىتۇتىدا يىغىنغا قاتناشقانلىقىنى، يىغىنغا ژۇرنالىستلار، سىياسىي ئانالىزچىلار، سىدنېيدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدە بىر كۈن ئىچىدە 4 مۇھىم پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ پائالىيەتلەرگە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئىجرائىيە ھەيئىتى رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى، ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خادىمى لۇيىسا خانىم ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى نۇرگۈل ساۋۇت خانىملار ئىشتىراك قىلغان.

بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ بۇ ئۇچرىشىشلار ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدۇق. ئۇيغۇر زىيالىيسى مەمەت تۇرسۇن ئەپەندى بۈگۈنكى پائالىيەتلەرنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن بىر رىغبەتلەندۈرۈش بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ بۇ قېتىمقى بىر ھەپتىلىك ئاۋسترالىيە زىيارىتى جەريانىدا 3 شەھەردە 4 مۇھىم يىغىن ئۆتكۈزۈلىدىكەن. نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئاۋسترالىيەدە ئارقا-ئارقىدىن بۇنداق بۇنداق يىغىنلارنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

د ئۇ ق ھەيئىتى 12-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي، مېلبورن، ۋە ئادېلايد قاتارلىق جايلىرىغا زىيارەت ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، جۈمە كۈنى ئادېلايد شەھىرىدە يەنە بىر مۇھىم يىغىن ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت