د ئۇ ق رەھبەرلىرى گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.12.01
2016.12.01
د ئۇ ق رەھبەرلىرىدىن ئۈمىد ئاگاھى(ئوڭدىن ئىككىنچى) ۋە پەرھات مۇھەممەدى(سولدىن بىرىنچى) ئەپەندىلەر گېرمانىيە پارلامېنتىدا دۆلەتنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن. 2016-يىلى 1-دېكابىر.
د ئۇ ق رەھبەرلىرىدىن ئۈمىد ئاگاھى ۋە پەرھات مۇھەممەدى ئەپەندىلەر 1-دېكابىر گېرمانىيە پارلامېنتىدا دۆلەتنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. بۇ ئۇچرىشىشقا خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى رەھبەرلىرىدىن يۈرگەن تىراك ۋە ئۇلرىك دەلىيۇس ئەپەندىلەرمۇ قاتناشتى.
ئۇچۇرىشىش مەخسۇس ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تېما قىلغان بولۇپ، ۋەكىللەرنى پارلامېنت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى پاتزەلت ئەپەندى ھەمدە دۆلەتنىڭ باشقا بىرقانچە نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى كۈتۈۋالغان.
پروگراممىنىڭ تەپسىلاتنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.









