د ئۇ ق رەھبەرلىرى لوندون ۋە بېرلىندا مۇھىم ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018.10.17
Engiliye-parlament-ezasi-Alistair-Carmicheal.jpg د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى ئالىستاىر چارمىچەال ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى. 2018-يىلى 16-ئۆكتەبىر، لوندون.
RFA/Ekrem

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرىدىن دولقۇن ئەيسا ۋە ئەسقەرجانلار ئەنگلىيە ھەمدە گېرمانىيەنىڭ دۆلەت خادىملىرى بىلەن ئۇچراشتى.

تەكلىپكە بىنائەن 15-ئۆكتەبىر ئەنگلىيە سەپىرىنى باشلىغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن لوندوندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بۇ سەپەرنىڭ 2017-يىلى 11-ئايدا ميۇنخېندا چاقىرىلغان 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتايدىن كېيىنكى د ئۇ ق ۋەكىللىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئەنگلىيە زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقى تىلغا ئالدى. ئۇ بۇ قېتىملىق ئەنگلىيە زىيارىتىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە بىزنى بەزى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 16-ئۆكتەبىر كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتايدىكى ئورگان ئەتكەسچىلىكىدىن گۇۋاھلىق بېرىش» يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر دىياردىكى جازا لاگېرلىرىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن 200 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ سۆكۈلۈپ سېتىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى ھەمدە ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئۇ بۇ ئۇچرىشىشلار داۋامىدا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن يەنە ئەنگلىيەنىڭ مۇھىم ئەربابلىرى بىلەن ئوچۇق ۋە بەزى يېپىق سۆھبەتلەر ئېلىپ بارىدىكەن.

16-ئۆكتەبىر كۈنى د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا ۋەكىلى ئەسقەرجان ئەپەندى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىنغا بېرىپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم كومىتېتى» تەرىپىدىن چاقىرىلغان «مەلۇمات بېرىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش» سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان. 3 سائەت داۋام قىلغان بۇ يىغىنغا گېرمانىيە ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن «كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم كومىتېتى» نىڭ مەسئۇلى دوكتور بەربېل خانىم، ئاسىيا ۋە خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن دوكتور پېتېر رويىس، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرىدىن ئالبېرىكت فولكۋايىن ھەمدە ئاندىرېياس لاڭ ئەپەندىلەر قاتناشقان.

بۇ قېتىمقى يىغىن، 11-ئايدا ب د ت دا ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنى ئۈچۈن مەلۇمات توپلاش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش مەقسىتىدە چاقىرىلغان بولۇپ، يىغىنغا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى تەكلىپ قىلىنغان. د ئۇ ق غا ۋاكالىتەن بۇ يىغىنغا قاتناشقان ئەسقەرجان ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇمات بەرگەن.

18-سېنتەبىر كۈنى ب د ت دا ئۆتكۈزۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 39-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەتكە ۋاكالىتەن ئاۋسترىيە ھەمدە گېرمانىيە باشلىق 6 دۆلەت خىتايدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بولۇپمۇ گېرمانىيە ۋەكىلىنىڭ پوزىتسىيەسى ئىنتايىن كەسكىن بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي تەرەپ نەق مەيداندا گېرمانىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. ئەسقەرجان ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، گېرمانىيە تەرەپنىڭ پوزىتسىيەسىدە ھازىرمۇ ئۆزگىرىش بولمىغان ھەمدە بۇ يىل 11-ئايدا ب د ت دا ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنىدا گېرمانىيە ۋەكىللىرى يەنە ئوخشاشلا قەتئىي مەيدانىنى ئىپادىلەيدىكەن.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئاخىرقى بىرقانچە ئايدىن بۇيان ئامېرىكا، ياۋروپا ئەللىرى، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ب د ت دا رەسمىي كۈنتەرتىپكە كەلگەندىن بېرى غەرب دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ د ئۇ ق بىلەن بولغان ئالاقىسى زور دەرىجىدە كۈچەيگەن. د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر غەرب ئەللىرى ھۆكۈمەتلىرى، پارلامېنتلىرىنىڭ د ئۇ ق رەھبەرلىرىنى سۆھبەتلەرگە چاقىرىدىغان تەكلىپنامىلىرىنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، قۇرۇلتاي رەھبەرلىرى يېتىشەلمەيدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىشكە باشلىغان. بۇ بىر مەنىدىن، غەرب دۇنياسىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يېڭى بىر دولقۇننىڭ يارىتىلىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.