د ئۇ ق رەئىسى ئوسلودا «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھۇجۇمى» ناملىق يىغىندا نۇتۇق سۆزلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019.02.05
dolqun-eysa-oslo-yighin.jpg د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «رافتو كىشىلىك ھوقۇق فوندى»، «نورۋېگىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى» ۋە «نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى» بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھۇجۇمى» ناملىق يىغىندا نۇتۇق سۆزلىدى. 2019-يىلى 4-فېۋرال، ئوسلو، نورۋېگىيە.
RFA/Ekrem

د ئۇ ق رەئىسى «رافتو كىشىلىك ھوقۇق فوندى»، «نورۋېگىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى» «نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى» نىڭ بىرلەشمە يىغىنىغا قاتناشتى.

2-فېۋرالدىن ئېتىبارەن نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودىكى زىيارىتىنى باشلىغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 4-فېۋرال كۈنى «رافتو كىشىلىك ھوقۇق فوندى»، «نورۋېگىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى» ۋە «نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى» بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھۇجۇمى» ناملىق يىغىندا نۇتۇق سۆزلەشتىن ئىلگىرى، نورۋېگىيەدە بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان.

«نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى» نىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 3-ۋە 4-فېۋرال كۈنلىرى نورۋېگىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن سىرت نورۋېگىيەدىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەتلەردە بولغان. «نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن خەلچەم مەمتىمىن خانىم تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئوسلودا يەنە ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن دىدارلىشىپ، د ئۇ ق نىڭ خىزمەتلىرىدىن مەلۇماتلار بەرگەن.

4-فېۋرال كۈنى ئوسلودا «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھۇجۇمى» ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن. بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، يىغىنغا ھەر مىللەتتىن بولغان كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلاتلار ئاڭلىغان.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھۇجۇمى» ناملىق يىغىندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئاساسىي تېما بولغان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشلىق بىر قىسىم مۇھىم ئەربابلار دوكلاتلار بەرگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى دوكلات تەقدىم قىلىش پائالىيىتى ناھايىتى نەتىجىلىك ئۆتكۈزۈلگەن.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ نورۋېگىيەدىكى 3 كۈنلۈك زىيارىتى نەتىجىلىك ئاخىرلاشقان. ئۇ بۈگۈن باشقا دۆلەتتىكى پائالىيەتلەر ئۈچۈن سەپەرلىرىنى باشلايدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.