ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئاۋازى: «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018.01.12
dolqun-eysa-yawropa-parlament-lazlo-tokes.jpg د ئۇ ق نىڭ دولقۇن ئەيسا ئەپەندى قاتارلىق رەھبەرلىرى ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى لازلو توكەس ئەپەندى(ئوڭدىن ئىككىنچى). 2018-يىلى 12-يانۋار، بىريۇسسېل.
RFA/Ekrem

ياۋروپا پارلامېنتىدا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر دوستلۇق گورۇپپىسى» ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى پارلامېنتقا ئاڭلىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 10-يانۋاردىن باشلاپ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى پائالىيەتلىرىنى باشلىغان بولۇپ، ئۇ 2 كۈن ئىچىدە 8 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى خادىملار بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئەتراپلىق ئاڭلاتقان ھەمدە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە جىددىي قارارلار قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە چەك قويۇشنى تەلەپ قىلغان.

ياۋروپا پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى قۇرۇلغان. ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى ئىلخان كۈچۈك ئەپەندى ئۇنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان. ھازىر بۇ گۇرۇپپىغا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فابىئو كاستالدو ھەمدە ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 دىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزاسى رەسمىي ئەزا بولۇپ كىرگەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا پارلامېنتىدىكى تەسىرى كۈچلۈك بولغان بۇ كىشىلەرنىڭ «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» غا ئەزا بولۇشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئاڭلىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى مىللىي ھەرىكىتى تارىخىدىكى زور ئىش ھېسابلىنىدىكەن. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى ياۋروپا پارلامېنتىدىكى زىيارىتىنىڭ ئاساسىي مەقسەتلىرىنىڭ بىرىمۇ «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ھەمدە بۇ گۇرۇپپا بىلەن بۇ يىل ئىچىدە ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ پىلان-پروگراممىلىرىنى ھازىرلاش، ياۋروپا پارلامېنتىدىن ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار مۇھىم قارارلارنى چىقىرىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش ئىكەن.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى ياۋروپا پارلامېنتىدىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ رولىغا يۇقىرى باھا بېرىش بىلەن بىرگە غەربتىكى ھەرقايسى دېموكراتىك ئەللەر پارلامېنتلىرىدىمۇ بۇ خىلدىكى دوستلۇق گۇرۇپپىلىرىنى قۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ياۋروپا پارلامېنتىدىكى 2 كۈنلۈك پائالىيىتى جەريانىدا يەنە خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنى «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزات كۆرسىتىش ئۈچۈن پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئىمزاسىنى توپلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فابىئو كاستالدو، پارلامېنت ئەزاسى ئىلخان كۈچۈك، ھېلگا ترۈپېل، لازلو توكېس، ئىگنازىئو كوررائو قاتارلىقلار نامزاتلىق جەدۋىلىگە ئىمزا قويغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى ياۋروپا پارلامېنتى زىيارىتىدە ئۇيغۇر مۇھاجىرلار مەسىلىسىنى نۇقتىلىق تېما سۈپىتىدە چىڭ تۇتقانلىقى مەلۇم. ئۇ، 11-يانۋار كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا مۈشكۈلات ئىچىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى تەكرار تەلەپ قىلغان.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى پائالىيەتلىرى 14-يانۋار ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا يەنە بىر قىسىم مۇھىم پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەر ئۆتكۈزىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.