د ئۇ ق تور تېلېۋىزىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئالقىشقا ئېرىشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018-04-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
د ئۇ ق تور تېلېۋىزىيەسىنىڭ تۇنجى پروگراممىسىدا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىلەر. 2018-يىلى 16-ئاپرېل.
د ئۇ ق تور تېلېۋىزىيەسىنىڭ تۇنجى پروگراممىسىدا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىلەر. 2018-يىلى 16-ئاپرېل.
RFA/Ekrem

16-ئاپرېل د ئۇ ق تور تېلېۋىزىيەسىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

د ئۇ ق ئۇچۇر-تەشۋىقات مەركىزى تەرىپىدىن قۇرۇلغان د ئۇ ق تور تېلېۋىزىيەسىنىڭ تۇنجى پروگراممىسى 16-ئاپرېل كۈنى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن يۈز كۆرۈشتى. مەزكۇر تور تېلېۋىزىيەسىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى پروگراممىسىغا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىلەر قاتناشقان بولۇپ، بۇ پروگرامما ئېلان قىلىنغان تۇنجى كۈنىلا فەسېبوك، يۇتۇب ۋە ۋاتساپپ قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى كۆرۈلۈش قېتىم سانى 10 مىڭ كىشىگە يەتكەن.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن خەلچەم خانىم، د ئۇ ق نىڭ تور تېلېۋىزىيەسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن بىرىدۇر. ئۇ نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتاي تېلېۋىزىيەسىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلدى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، د ئۇ ق ئۇچۇر-تەشۋىقات مەركىزى تەركىبىدە د ئۇ ق. ت ۋ نى قۇرۇش پىلانى 2017-يىلى 11-ئاينىڭ 10-12-كۈنلىرى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە چاقىرىلغان د ئۇ ق نىڭ 6-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدىن كېيىنلا تەستىقلانغان بولۇپ، 5 ئايلىق تېرىشچانلىق نەتىجىسىدە بۇ تېلېۋىزىيە قانىلى د ئۇ ق نىڭ ميۇنخېندىكى باش شتابىدا قۇرۇلۇپ، 12-ئاپرېل كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.

«د ئۇ ق. ت ۋ رەسمىي قۇرۇلدى» ناملىق خەۋەر تۇنجى پروگرامما بىلەن قوشۇلۇپ 16-ئاپرېل ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان يۈزلەرچە ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئالقىش ياغدۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ خۇرسەنلىكى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈرگەن. ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئاينۇر ھاشىمھاجى خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇم-سىتەملىرى ھەددىدىن ئاشقان مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە، خىتايغا قارشى تەشۋىقات كۈرىشى ئۈچۈن د ئۇ ق تەركىبىدە بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ ئالقىشقا سازاۋەر ھادىسە بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى بۇ يىل 4-ئاينىڭ 27-كۈنى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەر كۈنى تۈرلۈك سىن فىلىملىرى بىلەن خۇسۇسىي دەۋەت ئېلان قىلىپ جامائەتكە تونۇلغان گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى زەينۇرە تۇرسۇن خانىم بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغاندا، 16-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان «د ئۇ ق. ت ۋ» دىكى، قۇرۇلتاي رەئىسى دولقۇن ئەيسا تەرىپىدىن تەشەببۇس قىلىنغان 5 مىڭ كىشىلىك نامايىش چاقىرىقى ۋە «ھەربىر ئۇيغۇر شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي مارشىنى يادا بىلىش كېرەك» دېگەن پىكىرنى قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قۇرۇلتاي ئۇچۇر-تەشۋىقات مەركىزى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان «د ئۇ ق. ت ۋ» نىڭ قەرەللىك پروگراممىلىرى 4-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە بېلگىيەدە چاقىرىلىدىغان «د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى» ھەمدە «3-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان ئىستراتېگىيە مۇھاكىمە يىغىنى»، شۇنداقلا 27-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلىدىغان «5 مىڭ كىشىلىك نامايىش» تىن كېيىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنىپ تۇرىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت