سىتوكھولمدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى نەتىجىلىك ئاخىرلاشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2017-10-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
سىتوكھولمدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 15-ئۆكتەبىر، شىۋېتسىيە.
سىتوكھولمدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 15-ئۆكتەبىر، شىۋېتسىيە.
RFA/Ekrem

ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، قانۇنىي بىلىملەر بىلەن تەربىيەلەش كۇرسى 15-ئۆكتەبىر ئاخىرلاشتى.

13-ئۆكتەبىر شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدا باشلانغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇنىي بىلىملەر بىلەن تەربىيەلەش كۇرسى رەسمىي باشلانغان ئىدى. كۇرسنىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ، كۇرىسقا قاتناشقان ئۇيغۇر ياشلىرىغا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكىتىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى دىپلوماتىك پائالىيەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئەھۋاللىرى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەزىيىتى قاتارلىقلار تونۇشتۇرۇلدى. ئامېرىكادىن كەلگەن ئۆمەر قانات، نۇري تۈركەل ئەپەندىلەر بۇ ھەقتە مەخسۇس لېكسىيە سۆزلىدى.

14-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى كۇرستا، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خادىمى لۇسىيا خانىم، د ئۇ ق پروگرامما يېتەكچىسى پىتېر ئىرۋېن ۋە قۇرۇلتاي خادىمى رايىن ئەپەندىلەر ئۇيغۇر دەۋاسىنى ياۋروپا پارلامېنتى، ب د ت ۋە ياۋروپادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەردە خەلقئارا سەۋىيەدە ئېلىپ بېرىشنىڭ يوللىرى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىدى. بۇنىڭ بىلەن كۇرسقا قاتناشقان ياشلار ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خەلقئارادىكى ئەڭ يېڭى يۈزلىنىشى ھەققىدە كۆپلىگەن بىلىملەرگە ئىگە بولدى.

بىرقانچە كۈنلۈك كۇرستا سۆزلەنگەن دەرسلەر ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىدى. دەرس جەريانىدا سوئال-جاۋاپلار بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكىتىدىن يېتەرلىك ساۋاتى بولمىغان، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خەلقئارادىكى سەۋىيىسى ھەققىدە بىلمەيدىغان ياشلار كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدى. بۇ دەرسلەر جەريانىدا يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىلمىي يولىرى، دىپلوماتىك كۈرەش ۋە ئالاقىلارنىڭ تاكتىكىلىرىمۇ تەپسىلىي ئۆگىتىلدى.

كۇرس داۋامىدا بەزى ياشلار بۇ كۇرسقا بولغان ئىنكاسلىرىنى بىلدۈردى. شىۋېتسىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇيدىغان بىر ئۇيغۇر قىزى ئۆز تەسىراتلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. يەنە بىر ئۇيغۇر يىگىتىمۇ بۇ كۇرسقا بولغان قاراشلىرىنى بىلدۈردى. فىنلاندىيەدىن كېلىپ بۇ كۇرسقا قاتناشقان بىر قىز بولسا، قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتلىرىنى ئۆز دۆلىتىدە قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

د ئۇ ق ياشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، بۇ قېتىمقى كۇرسنىڭ نەتىجىلىك بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

بۇ يەردە كۇرس ئەھلىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغان دەرسلەردىن بىرى، خەلقئارا كەچۈرۈم تاشكىلاتى خادىمى فوكىس خانىمنىڭ نۇتقى ۋە ئالاقە ھەققىدە ئۆتكەن دەرسى بولدى. بۇ دەرس ئەمەلىي تەجرىبە بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ ئۆتۈلگەن بولغاچ، كۈلكە-چاخچاق، قىزىقىش ۋە ھاياجان ئىچىدە داۋام قىلدى. سەھنىگە تەكلىپ قىلىنغان تارتىنچاق ياشلار ئۆزىدىكى قورۇنۇشنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇرلىنىپ، كىشىلەر بىلەن بولغان ئالاقىدە، نۇتۇق جەھەتتە دادىل، ئۈنۈملۈك بولۇشنىڭ يوللىرىنى ئۆگەندى.

15-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن 3 كۈنلۈك بۇ كۇرس ئاخىرلاشتى. يېپىلىش مۇراسىمىدا د ئۇ ق رەئىسى رابىيە خانىم نۇتۇق سۆزلەپ، ياشلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىد-ئىستەكلىرىنى بىلدۈردى. بۇ كۇرسقا ساھىبخانىلىق قىلغان شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆكبايراقى ۋە گېربىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن شارپىنى د ئۇ ق رەھبەرلىرىگە مۇكاپات سۈپىتىدە تەقدىم قىلدى. ئاخىرىدا كۇرسانتلارغا گۇۋاھنامە تارقىتىپ بېرىلدى.

13-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇنىي بىلىملەر بىلەن تەربىيەلەش كۇرسىنى د ئۇ ق، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ۋە ئامېرىكادىكى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى (NED) ماددىي جەھەتتىن قوللىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت