د ئۇ ق ھەيئىتى تۈركىيە ئاق پارتىيە مۇئاۋىن باشلىقىغا دوكلات سۇندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2013.06.18
memduh-chawushoghlu.jpg د ئۇ ق مۇساپىرلار كومىتېتى مۇدىرى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى تۈركىيە ئاق پارتىيە مۇئاۋىن باشلىقى مەمدۇھ چاۋۇشئوغلىغا 5-ئىيۇل ۋەقەسى توغرىسىدىكى دوكلاتلارنى ۋە 6 ماددىلىق بىر تەلەپ خېتىنى سۇندى. 2013-يىلى 18-ئىيۇن، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

ئاق پارتىيە مۇئاۋىن باشلىقى مەمدۇھ چاۋۇشئوغلى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن د ئۇ ق مۇساپىرلار كومىتېتى مۇدىرى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى باشچىلىقىدىكى 4 كىشىنى قوبۇل قىلدى.

د ئۇ ق تۈركىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتكە مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى مەمدۇھ چاۋۇشوغلۇنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن خىتايغا بارغاندا، ئۈرۈمچىگىمۇ بارىدىغانلىقىدىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئىز-دېرەكسىز يوق بولۇپ كەتكەنلەر ھەققىدىكى دوكلاتى، 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە تۇتۇقلانغانلار ھەققىدىكى دوكلاتى ۋە 6 ماددىلىق بىر تەلەپ خېتىنى مەمدۇھ چاۋۇشوغلۇ ئەپەندىگە سۇندى.

د ئۇ ق ھەيئىتىنى قىزغىن كۈتۈۋالغان مەمدۇھ چاۋۇشوغلۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، دوكلاتلارنى ئوقۇپ چىقىدىغانلىقىنى دېدى. ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى تۈركىيەگە كېلىپ پاناھلىق تىلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بېرىپ ھۆكۈمەتنىڭ ھەل قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. بىز ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مىكروفونىمىزنى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىگە ئۇزاتتۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.