ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى ئەمىلى تورنبەرى خانىم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019.02.18
Emily-Tornberry-uyghur-mesilisi.jpg ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندىكى لوندون مۇسۇلمانلار مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزايلى» تېمىسىدىكى يىغىندا ئەنگلىيە ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئەمىلى تورنبەرى خانىم ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە سۆز قىلدى. 2019-يىلى 13-فېۋرال.
RFA/Erkin Tarim

13-فېۋرال ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كوردوبا فوندىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق 27 ئاممىۋى تەشكىلات ھەمدە لوندوندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشى بىلەن لوندون مۇسۇلمانلار مەركىزىدە «خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزايلى» تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلغان.

3 سائەتتىن كۆپرەك داۋام قىلغان بۇ يىغىنىدا ئەنگلىيە ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئەمىلى تورنبەرى خانىم، ئۇيغۇر زىيالىيسى رەھىمە مەخمۇت خانىم، ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن، ئۇيغۇر پائالىيەتچى مەھمۇت تۇردى ئەپەندى ۋە ئەنگلىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن ئوتتۇرىغا قويغان.

ئەزىز ئەيسا ئەلكۇن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىغىندا بۈيۈك بىرىتانىيەدىكى ئىككىنچى چوڭ پارتىيە بولغان ئەمگەك پارتىيەسىدىن سايلانغان پارلامېنت ئەزاسى، مەزكۇر پارتىيەنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل خادىمى ئەمىلى تورنبەرى خانىم ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان مەدەنىيەتكە ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە ھەر قايسى دۆلەتلەرگە چاقىرىق ئېلان قىلىپ، خىتاينى خەلقئارا قانۇنلار ئارقىلىق جازالاش ۋە خىتايغا ئېمبارگۇ يۈرگۈزۈش تەكلىپىنى بەرگەن. شۇنداقلا ئۇ ھازىر ئېنگىلىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنى خىتايغا قارىتا ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە بىرەر قارار ئېلىشقا، بۈيۈك بىرىتانىيە پارلامېنتىنى بۇ مەسىلە بويىچە ھۆكۈمەتكە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قوغان.

يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى ئەنگلىيە مۇسۇلمانلار مەركىزىنىڭ مۇدىرى، كوردوبا فوندىنىڭ رەئىسى دوكتور ئاناس ئەل-تىكرىتى ئەپەندى سۆزلىگەن. ئۇ سۆزىنى مۇنداق باشلىغان: «ئالدى بىلەن بۈگۈنكى پائالىيىتىمىزگە ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقارغان ئوخشىمىغان ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەرگە، ئۇلارنىڭ بۇ يەردە ئۆزلىرىنىڭ تەجرىبىلىرى ۋە تەتقىقاتلىرى ئارقىلىق بىزنى ھازىرقى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار قىلماقچى بولغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. بۈگۈن بۇ يىغىندا بىزنىڭ مۇزاكىرە قىلماقچى بولۇۋاتقان مەسىلە ئىنتايىن جىددىي بىر مەسىلىدۇر. بۇ دەل ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە باستۇرۇلۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىدۇر. لوندون مۇسۇلمانلار مەركىزىنىڭ بۇ پائالىيەتكە ساھىبخانىلىق قىلغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەنمەن. بۈگۈنكى بۇ پائالىيىتىمىزنى بۈيۈك بىرىتانىيەدىكى 27 ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالماقچىمەن ۋە ئۇلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.»

دوكتور ئاناس ئەل-تىكرىتى ئەپەندى نۇتقىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتنىڭ تەسۋىرلىگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «بۈگۈنكى بۇ يىغىنغا بۇنچىۋالا كۆپ تەشكىلات ۋە قۇرۇلۇشلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بۇ مەسىلىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايمەن. چۈنكى بۈگۈن ئۇ يەردە بولۇۋاتقان ۋەقە ئىنسانلارنى ۋەھىمىگە سالىدىغان ۋە تەسۋىرلەش قىيىن بولغان بىر قورقۇنچلۇق بىر پاجىئەدۇر. بۇ پاجىئە ئۇيغۇرلار يۇرتىدا دەل مۇشۇ مىنۇتلاردىمۇ داۋام قىلماقتا. ئەپسۇس، بۇنداق بىر زور پاجىئە دۇنياغا يېتەرلىك دەرىجىدە ئاڭلانمايۋاتىدۇ. سىياسىيونلارنىڭ دىققىتىنىمۇ يېتەرلىك دەرىجىدە چەكمەيۋاتىدۇ. بۇ مەسىلە پەقەتلا ئۇيغۇرلارنىڭ ياكى مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەسىلىسىدۇر. بۈگۈنكى بۇ يىغىندا بىز بۇنىڭغا قارىتا زادى نېمىلەرنى قىلالايمىز دېگەن تېمىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىمىز.»

مەزكۇر يىغىندا سۆز قىلغان ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر يىغىننى لوندوندىكى كوردوبا فوندىنىڭ چاقىرغانلىقىنى، ئەنگىلىيەدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بۇنداق دائىرىسى كەڭ يىغىننىڭ تىنجى قېتىم چاقىرىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

لوندون ئىسلام مەركىزىدە چاقىرىلغان «خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزايلى» تېمىسىدىكى يىغىنغا لوندوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 27 ئاممىۋى تەشكىلاتتىن سىرت، يەنە بەزى تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى، ئەنگىلىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ئىشتىراك قىلغان. ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى رەھىمە مەخمۇت خانىم مەزكۇر يىغىندا ئۆزىنىڭ نېمىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن لوندوندا 2 مىليون ئەتراپىدا مۇسۇلمان ئاھالىسىنىڭ ياشايدىغانلىقىنى، پۈتۈن ئەنگىلىيەدە بولسا 3 مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئاھالىسىنىڭ بارلىقىنىڭ پەرەز قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ئەنگىلىيەدىكى مۇسۇلمان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئۇيۇشتۇرغان بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

رەھىمە مەخمۇت خانىم ئەنگىلىيەدىكى كودوبا فوندىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىغا ئاڭلىتىلىشىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

بۇ يىغىن لوندون مۇسۇلمانلار مەركىزى بىلەن ئەنگىلىيەدىكى كوردوبا فوندىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئۆتكۈزگەن تۇنجى قېتىملىق دائىرىسى كەڭ پائالىيىتى بولۇپ، بۇندىن كېيىن ئەنگىلىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا پائالىيەتلەر ئۆتكۈزىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.