قايناقسۇدا كۆيۈپ كەتكەن 8 ياشلىق ئەسمانىڭ ئائىلىسىدىن 3 كىشىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-03-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاتتىق سىياسىي بېسىم قىلىۋاتقان نۆۋەتتىكى شارائىتتا، بالىلارمۇ قىزىل بايراق كۆتۈرۈۋېلىپ ئويناپ يۈرگەن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 4-نويابىر، قەشقەر.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاتتىق سىياسىي بېسىم قىلىۋاتقان نۆۋەتتىكى شارائىتتا، بالىلارمۇ قىزىل بايراق كۆتۈرۈۋېلىپ ئويناپ يۈرگەن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 4-نويابىر، قەشقەر.
AP Photo/Ng Han Guan

ئۆتكەن ھەپتە گۇما ناھىيەسى كۆكتېرەك بازىرىنىڭ قاغا كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى «تەربىيەلەش» تىكى ئەخمەت ئابلىزنىڭ قايناقسۇدا كۆيۈپ كەتكەن قىزى ئەسما ئەخمەتكە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىشى ھەققىدە بىر يازما مۇراجىئەتنامە تارقاتقان ئىدى. ئىجتىمائىي ئاخباراتلاردا يەنە ئەسما ئەخمەتنىڭ ئۈرۈمچى 2‏-دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقى ۋە داۋاملىق ياردەمگە موھتاجلىقى ھەققىدە سىن كۆرۈنۈشلۈك مۇراجىئەت فىلىمى تارقالدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى داۋاملىق ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا ئەسما ئەخمەتنىڭ بۇ يىل 8 ياش ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەدىنىگە قايناقسۇ تۆكۈلۈپ كۆيگەن مەزگىلىدە ئائىلىسىدىن 3 كىشىنىڭ «تەربىيەلەش» تە ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى.

قايناقسۇدا كۆيۈپ كەتكەن ئەسما ئەخمەتنىڭ 26‏-فېۋرال كۈنى ئۈرۈمچى 2 ‏-دوختۇرخانىغا ئەكېلىنگەنلىكى بايان قىلىنغان ۋىدىيولۇق مۇراجىئەتنامىدە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ قېيىن ئەھۋالدا ئىكەنلىكى ۋە داۋاملىق ياردەمگە موھتاجلىقى بايان قىلىنغان. بۇ مۇراجىئەتنامىدە ئەسما ئەخمەتنىڭ دوختۇرخانىدىكى مەزگىلىدە ئاپىسىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. ئەمما دادىسىنىڭ «تەربىيەلەش لاگېرى» دىن قويۇپ بېرىلگەن ياكى بېرىلمىگەنلىكى، ئەسما ئەخمەتنىڭ قانچە ياش ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن. گۇما ناھىيەلىك ساقچى قوماندانلىق مەركىزى ئەسما ئەخمەتنىڭ ئائىلە ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

بىز كۆكتېرەك يېزىلىق ھەرقايسى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا تېلېفون قىلدۇق. خادىملاردىن بىرى ئەسما ئەخمەت ئائىلىسىدىن 3 كىشىنىڭ «تەربىيەلەش» تە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئەمما بۇ 3 كىشىنىڭ كىملەر ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. خادىملاردىن بىرى مەزكۇر ئائىلىدىن ئەسمانىڭ دادىسى، ئانىسى ۋە ئاكىسى بولۇپ جەمئىي 3 كىشىنىڭ «تەربىيەلەش» تە ئىكەنلىكى، ئەمما ئەسما ھادىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، بۇ ئۈچىدىن پەقەت ئاپىسىنىڭ قىزىغا قارىشىغا رۇخسەت بېرىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى يازما ۋە سىن مۇراجىئەتنامىنىڭ ھەر ئىككىسىدە ئەسما ئەخمەتنىڭ يېشى تىلغا ئېلىنمىغان. قاغا كەنت ئاياللار مۇدىرى ئەسما ئەخمەتنىڭ 8 ياش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. قوشنا كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى خادىمىمۇ ئەسما ئەخمەتنىڭ 8 ياش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. قاغا كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى قوغداش خادىمىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەسما ئەخمەتنىڭ دادىسى ئەخمەت ئابلىز بۇ يىل 58 ياش، 5 پەرزەنتنىڭ ئاتىسى. ئەمما ئۇنىڭ قىزى ئەسمانىڭ ئۈستىگە قايناقسۇ تۆكۈلگەنلىكى پاجىئەسىدىن خەۋىرى بار-يوقلۇقى مەلۇم ئەمەس.

ئۆتكەن ئايلاردا يەنە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بىر ئۇچۇردا ئۈرۈمچىدە ئاتا-ئانىسى «تەربىيەلەش» كە ئەكېتىلگەن بىر كىچىك قىزنىڭ بىنانىڭ بالكونىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ يارىلانغانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى. ئۇيغۇر رايونىدىكى نۆۋەتتىكى «يېپىق تەربىيەلەش» دولقۇنىدا بەزى ئائىلىلەردىن 18 ياشتىن يۇقىرىلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا «تەربىيەلەش» تە ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىگىسىز بالىلارنىڭ نامەلۇم بىر جايغا ئەكېتىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار بولسىمۇ، بۇ ئۇچۇرنىڭ راستلىقى تېخى دەلىللەنمىدى. ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ئېنىقلىشىمىزدا، قاراقاشنىڭ ياۋا يېزىسىدىكى بىر ساقچى خادىمى مەزكۇر يېزىدىكى ئاتا-ئانىسى «تەربىيەلەش» كە ئەكېتىلگەن 25 بالىنىڭ بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە يىغىۋېلىنىپ قارىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت