بايىنغولىن ئوتتۇرا سوتنىڭ باش سوتچىسى غالىپ تۆمۈرنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.12.25
yepiq-terbiyelesh-korla-turme.jpg ئىككى نەپەر خىتاي ساقچىسىنىڭ «تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ ئالدىدا تۇرغان كۆرۈنۈشى. 2017-يىلى 2-نويابىر، كورلا.
AP Photo/Ng Han Guan

يېقىندا كورلا ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى كورلىدا داۋام قىلىۋاتقان ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە زەربە بېرىش دولقۇنىنىڭ يېقىنقى ئايلاردا سىياسىي-قانۇن ساھەسىدىكى ئۇيغۇر كادىر ۋە ئەمەلدارلارغا مەركەزلەشكەنلىكىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسى غالىپ تۆمۈرنىڭ 6 ئايدىن بېرى تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

بۇ ھەقتە رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا كورلىدا بىر تۈركۈم ساقچى، سوتچى ۋە تەپتىش خادىملىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ ماسلاشمىغانلىقى سەۋەب بولغان بولسا، يەنە بەزىلىرىگە بۇنىڭدىن 10-15 يىل ئاۋۋالقى سىياسىي دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشتا يەڭگىل ھۆكۈم چىقىرىپ قويغانلىقىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئۆتكەن ھەپتە تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان كورلىدا سىياسىي-قانۇن ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان بىر خادىم بايىنغولىن ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدىن بىرقانچە كىشىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى، بۇلاردىن بىرىنىڭ غالىپ ئىسىملىك باش سوتچى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

بىز باش سوتچى غالىپنىڭ فامىلىسى ۋە تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن كورلا شەھەرلىك ۋە بايىنغولىن ئوبلاستلىق سوت مەھكىمىلىرىگە تېلېفون قىلدۇق. ئالاقىدار خادىملارنىڭ بەزىلىرى ئۆزلىرىنىڭ غالىپ بىلەن بىر بۆلۈمدە ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرسا؛ يەنە بەزىلىرى غالىپنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتۇلغانلىقىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا يېقىنقى ئىككى يىلدا كورلىدا تۇتقۇنلار سانىنىڭ كۆپلۈكى سەۋەبىدىن بىر تۈركۈم كىشىلەرگە سوت ئېچىلماستىنلا ھۆكۈم چىقىرىلغانلىقى؛ تەييار بېسىلغان ھۆكۈمنامىلەرگە مەھكۇمنىڭ ئىسمى يېزىلىپلا سوتچىلارغا بېرىلگەنلىكى ۋە سوتچىلارنىڭ تېز ئىمزا قويۇشى تەلەپ قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان. ئىنكاستا يەنە بەزى سوتچىلار بۇنداق قىلىشنىڭ دۆلەتنىڭ ئوبرازىغا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغانلىقى ئۈچۈن گۇمانلىق كىشىگە ئايلانغان بولسا، يەنە بەزىلەر ئالدىدىكى سوت ھۆكۈملىرىنى ئوقۇپ چىقىپ ئىمزا قويغانلىقى، يەنى ئىمزانىڭ كېچىككەنلىكى ۋە مۇشۇ سەۋەبتىن بۇلارنىڭمۇ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» گۇمانى بىلەن تۇتۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بىز كورلىدا تۇتۇلغان ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچى» لەر ئارىسىدا غالىپ ئىسىملىك بىرىنىڭ بار يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا، خادىملاردىن بىرى بۇنىڭ بىر دۆلەت مەخپىيەتلىكى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. يەنە بىر خادىمدىن غالىپنىڭ قايسى دېلوغا ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغانلىقى ۋە ياكى قايسى دېلوغا ئىمزا قويۇشنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇ ھەقتە ئوتتۇرا سوت سىياسىي باشقارمىسىنىڭلا جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ ھەقتە ئۇنىڭدىن ئىزچىل مەلۇمات تەلەپ قىلغىنىمىزدا، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىش مەجبۇرىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.

بايىنغولىن ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى سىياسىي باشقارمىسىنىڭ بىر خادىمىدىن ئوتتۇرا سوتتىن تۇتقۇن قىلىنغان باش سوتچىنىڭ ئىسمىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ بۇ تۇتقۇننىڭ ئىسمىنىڭ غالىپ ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بىز ئۇنىڭدىن غالىپنىڭ تولۇق ئىسمىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ «غالىپ تۆمۈر» دەپ جاۋاب بەردى. ئەمما ئۇ غالىپنىڭ نېمە ئۈچۈن ۋە قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ ئۆزىنىڭ يېڭىدىن ئىشقا چۈشكەنلىكىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ، بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

تۇتقۇندىكى باش سوتچى غالىپ تۆمۈرنىڭ كورلىدىكى مەلۇم بىر ئورۇندا خىزمەت قىلىدىغان بىر دوستى ئالاقىدار كىشىلەردىن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن غالىپ 10 يىل بۇرۇن ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغان ۋە 3 يىللىق كېسىلگەن بىر مەھكۇمنىڭ جازا مۇددىتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن تەكرار يەنە بىر قېتىم ئاتالمىش «جىنايەت» ئۆتكۈزگەنلىكى، بۇ ئەھۋالنىڭ غالىپ تۆمۈرنىڭ تۇتۇلۇشىغا باھانە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ يەنە غالىپ تۆمۈرنىڭ تۇتۇلۇشىغا بۇنىڭدىن باشقىمۇ باھانىلەرنىڭ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.