غۇلجا شەھىرى يېڭىيەر يېزىسىدىكى بىر يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئائىت يېڭى پاكىتلار ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز سادا
2018.12.24
lager-ichki-korunushi-ghulja-bitter.jpg غۇلجىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ ئىچكى كۆرۈنۈشى. 2018-يىلى 12-نويابىر.
BITTER WINTER

ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىزچىل تاشقى دۇنيادىن يوشۇرۇن تۇتۇلۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىشى سەۋەبلىك لاگېرلارغا ئائىت دەلىل-ئىسپاتلار ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن مەيدانغا چىقىشقا باشلىدى. «زىمىستان تورى» ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ ئىچكى مەنزىرىسىنى تولۇق ئېچىپ بېرىشتە مۇھىم رول ئويناۋاتقان خەلقئارالىق تور تاراتقۇلىرىنىڭ بىرىدۇر.

ئۆتكەن مەزگىللەردە «زىمىستان تورى» غۇلجا شەھىرىدىكى بىر قىسىم يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەر ۋە سىن كۆرۈنۈشلەرنى تارقىتىپ، غەرب ئاخباراتىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار ھەققىدە بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان پاكىت بىلەن تەمىن ئەتكەن ئىدى. يېقىندا غۇلجا شەھىرى يېڭىيەر يېزىسىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ۋە تەربىيەلەنگۈچىلىرى چوقۇم ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە-نىزاملار تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان بىر سىن كۆرۈنۈشى مەزكۇر تور ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم دۇنياغا ئاشكارىلاندى.

مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشتە تونۇشتۇرۇلغان تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرى تېخى تولۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلمىگەن بولۇپ، «زىمىستان تورى» نىڭ مۇخبىرى چوڭ زالغا دۆۋىلەپ قويۇلغان لاگېر ئىچىدىكى تاملارغا ئېسىش ئۈچۈن تەييارلانغان قائىدە-نىزام تاختىسىنى تولۇق سۈرەتكە ئېلىۋالغان. مۇخبىرنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ گەرچە مەزكۇر لاگېرغا قارىتا چىقىرىلغان تۈزۈملەر بولسىمۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرى بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرىنىڭ تۈرمە باشقۇرۇش نىزامى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مۇخبىر ئەڭ ئاۋۋال لاگېر ئامانلىق بۆلۈمىنىڭ كۆرسەتمىسىنى چۈشەندۈرۈپ چىققان. ئۇنىڭدا دېيىلگەن ئاساسلىق مەزمۇن «ئامانلىق بۆلۈمى ‹بەشتىن مۇداپىئەلىنىش› خىزمەت تەلىپىگە بىنائەن قوراللىق ساقچى، جامائەت خەۋپسىزلىك خادىمى ۋە ئامانلىق خادىملىرىنى توپلاپ، لاگېر ئىچىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە ئامانلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش» بولغان. مۇخبىر يۇقىرىقى مەزمۇنغا ئاساسەن ئەگەر يېڭىيەر يېزىسىدىكى بۇ لاگېر ھەقىقەتەن نورمال بىر «تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى» بولىدىغان بولسا، مەكتەپنىڭ كۈندىلىك بىخەتەرلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن پەقەت بىرلا ئامانلىق ساقلاش خادىمىنىڭ يېتەرلىك بولىدىغانلىقىنى يەكۈنلەپ چىققان.

ئارقىدىنلا تونۇشتۇرۇلغىنى تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ئېلىپ بېرىدىغان تېلېفون ئالاقىسىگە قارىتىلغان بەلگىلىمە بولغان. ئۇنىڭدا «تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلىسىگە تېلېفون قىلىشتىن بۇرۇن چوقۇم خىزمەتچى خادىملارنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى كېرەكلىكى؛ ھەر بىر قېتىم پەقەت بىرلا تۇغقىنىغا تېلېفون قىلىشى؛ سۆزلىشىش ۋاقتى بەش مىنۇتنىڭ ئىچىدە بولۇشى؛ خىزمەتچى خادىملار ئۆزى بىۋاسىتە تېلېفون نومۇرىنى بېسىپ بېرىشى ۋە نازارەت قىلىشى؛ تۇتقۇنلار سۆزلىشىش جەريانىدا مەخپىي ئىبارىلەرنى ئىشلەتمەسلىكى؛ يۇقىرىقى تۈزۈملەرگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ بىر ئايدىن ئالتە ئايغىچە ئائىلىسىگە تېلېفون قىلىش سالاھىيىتىنىڭ ئېلىپ تاشلىنىدىغانلىقى» قاتارلىق مەزمۇنلار ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان.

تۇتقۇنلارنىڭ «ھەرىكەت ئۆلچىمى» 26 تۈرلۈك بەلگىلىمىنى ئۆز-ئىچىگە ئالغان. بۇنىڭ ئىچىدە 23-ماددا ئەڭ دىققەتنى تارتقان بولۇپ، تۇتقۇنلارغا ئالاھىدە ساقچى ۋە قوراللىق ساقچىلارنى كۆرگەندە «ئوفىتسېر»، ياردەمچى خادىملارنى كۆرگەندە «مەشقاۋۇل» دەپ چاقىرىشى تەلەپ قىلىنغان. بۇ ئۆلچەممۇ ئوخشاشلا تۈرمىدىكى جازا ئۆتەۋاتقانلارنىڭ «ھەرىكەت ئۆلچىمى» بىلەن يېقىنلىشىپ قالغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىلىنى ئاساسلىق تىل-يېزىق سۈپىتىدە قوللىنىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنى دۆلەت تىلى، يەنى خىتاي تىلىنى ئانا تىلى سۈپىتىدە قوللىنىشقا زورلاۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇنىڭدەك يېڭىيەر يېزىسىدىكى بۇ لاگېردىمۇ خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئايرىم بەلگىلىمە چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەيدىغانلار چوقۇم خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشى تەلەپ قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا ھەربىر سىنىپنىڭ سىنىپ مەسئۇللىرى تۇتقۇنلارنى چوقۇم ئىدىيەۋى ۋە سىياسىي جەھەتتە «مېڭە يۇيدۇرۇشى» لازىملىقى بەلگىلەنگەن.

مەزكۇر لاگېردىكى ئوقۇتقۇچىلارمۇ ھۆكۈمەت بېكىتىپ بەرگەن مەسئۇلىيەتلەردىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەجبۇرىيىتى «ماركسىزم، لېنىنىزم ۋە ماۋ زېدوڭنىڭ ئىدىيەسىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لىنىيەسىدە چىڭ تۇرۇش؛ تەربىيەلەنگۈچىلەرگە پرولېتارىياتلىق كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىنى سىڭدۈرۈش» تەلەپ قىلىنىدىكەن.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا ئادەمنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى «پاراڭلىشىش ۋە سىردىشىش تۈزۈمى» بولغان. ئۇنىڭدا دېيىلگىنى «ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش» نى پاراڭ مەزمۇنىغا سىڭدۈرۈش؛ پاراڭلىشىش ۋە سىردىشىش ئارقىلىق تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئىدىيەسىنى ھەر تەرەپتىن تولۇق چۈشىنىپ، قاراتمىلىققا ۋە ئېغىشىشچانلىققا ئىگە ئۇچۇر ۋە مەلۇماتلارنى توپلاش قاتارلىقلار ئىكەن. ئانالىزچىلار تەھلىل قىلىپ، بۇنىڭ ئاساسلىقى ئاتالمىش «تەربىيەلەنگۈچىلەر» نىڭ كاللىسىدىكى يوشۇرۇن ئىدىيەلەرنى سىلىق-سىپايىلىك بىلەن ئېنىقلاپ، ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك تەدبىر قوللىنىشنىڭ بىر يولى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

17-دېكابىر «مۇستەقىللىق تورى» دا «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ‹قايتا تەربىيە مەركەزلىرى› ئەمەلىيەتتە ‹تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرى› بىلەن ئوخشاش» سەرلەۋھىلىك بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەرىپىدىن يېزىلغان.

ماقالىدە جازا لاگېرىغا تۇتۇلغانلارنىڭ كۈندە پارتىيەنى ۋە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى مەدھىيەلەيدىغان ناخشىلارنى ئوقۇشقا، ئىسلام دىنىدىن ۋاز كېچىپ، كومپارتىيەگە سادىق بولۇشقا، ئىسلام دىنىدا ھارام بولغان چوشقا گۆشى ۋە ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىشكە زورلىنىدىغانلىقى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي بۆلۈمى دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ھەققىدە «مۇستەقىللىق تورى» غا سۆز قىلىپ، «ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن چىقىپ كېتەلمەسلىكى ۋە تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ ئۆزىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى دۇنيادىن يوشۇرۇۋاتقان بىر نەرسىسىنىڭ بارلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ،» دېگەن.

ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى باشتا ئېتىراپ قىلغان بولسا، كېيىن ئۇنىڭغا ئاتالمىش «كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى» دەپ ئىزاھات بەرگەنلىكى شۇنداقلا خەلقئارانىڭ بۇ مەسىلىگە تەدبىرسىز تۇرۇۋالغانلىقىمۇ تىلغا ئېلىنغان. ماقالىدە يەنە سوفىي رىچاردسون خانىمنىڭ بۇ مەسىلىگە بەرگەن ئىنكاسىغىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن. ئۇ سۆزىدە «ئەگەر دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر ھۆكۈمەت مىليوندەك مۇسۇلمان ئاھالىنى سولىۋالغان بولسا، بىز چوقۇم بۇنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇزاكىرە تېمىسى بولغانلىقىنى ياكى خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى كۈتكەن بولاتتۇق. ھالبۇكى، بۇنداق ھەرىكەتلەر خىتايغا كەلگەندىلا ئەمەلگە ئاشمايدىغاندەك قىلىدۇ،» دېگەن.
يۇقاردا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن «زىمىستان تورى» غا ئوخشاش خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان لاگىرلار ھەققىدىكى خەۋەر ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن ئەندىشىسىنى قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم. ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئوپتىكا ئىنژېنېرى، دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خەلقئارا تاراتقۇلاردا چىقىۋاتقان خەۋەرلەر ۋە سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلەردىن خىتاينىڭ لاگېرلارنى داۋاملىق كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ ئىنتايىن قورقۇنچلىق ئەھۋال. بىزنىڭ كۆپ ساندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ جېنى ھازىر خەتەر ئاستىدا، بىز ئىمكان بار خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ ۋەزىيەت ئۈچۈن ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرىش ئارقىلىق ئۇلارنى قۇتۇلدۇرىشىمىز كېرەك.»

بەزى ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «زىمىستان تورى» تارقاتقان لاگېر ھەققىدىكى دەلىل-ئىسپاتلىق سىن كۆرۈنۈشى «مۇستەقىللىق تورى» ئېلان قىلغان مەزكۇر ماقالىنىڭ ئوبرازلىق چۈشەندۈرمىسى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.