لاگېرغا تاشلانغان چەتئەل پۇقراسى: گۈلباھار جېلىلوۋا لاگېردا كۆرگەن قارا كۈنلەر (5)

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019.01.24
gulbahar-jelilova-perzentliri.jpg قازاقىستانلىق ئۇيغۇر گۈلباھار جېلىلوۋا پەرزەنتلىرى بىلەن. جازا لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ، قازاقىستانغا كەلگەن ۋاقتى.
Gülbahar Jélilowa xanim özi teminligen

قازاقىستان پۇقراسى بولغىنىغا قارىماي 2017-يىلى-5 ئايدا ئۈرۈمچىدە لاگېرغا قامالغان گۈلباھار جېلىلوۋا قاراڭغۇ كامىرىدا ياتقىنىغا 15 ئايدىن ئاشقان، ھاياتتىنمۇ ئۈمىدىنى ئۈزگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە كامېر ساقچىلىرى تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرىدۇ. «بۇلار ئەمدى مېنى ئۆلتۈرىدىكەن-دە» دەپ ئويلىغان گۈلباھار قورقۇنچ ئىلىكىدە كامىرىدىن ئېلىپ چىقىلىپ بېشىدىكى قارا خالتا ئېلىۋېتىلگەندىمۇ، ھەتتا پۇت-قوللىرىدىكى كىشەنلەر ئېلىۋېتىلگەندىمۇ ئۆزىنىڭ ھۆرلۈككە چىققانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ.

مۇخبىرىمىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شاھىت گۈلباھار خانىم ئۆزىنىڭ زۇلمەتلىك جازا لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ يېڭىدىن ھاياتلىققا ئېرىشكەن ئاشۇ مىنۇتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.