خىتاي زەربە بېرىش نىشانىنى «بۆلگۈنچىلىك»، «ئەسەبىيلىك» ئىدىيەسىنى تارقاتقان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارغا قاراتتى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.04.19
perhat-ezim-maarip-naziri.jpg ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى پەرھات ئەزىم.
xjedu.gov

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى پەرھات ئەزىم «شىنجاڭ گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلىپ، بەزى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىنى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» قىلىش بىلەن تەنقىد قىلغان. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مائارىپ سېپىدىكى بەزى ئوقۇتقۇچىلار قارىماققا پارتىيەگە سادىقتەك قىلسىمۇ، بىراق يوشۇرۇن «ئەسەبىيلىك»، «بۆلگۈنچىلىك» ئىدىيەسىنى تارقىتىپ كەلگەن.

پەرھات ئەزىم، بۇ خىل سىياسىي پرىنسىپ، سىياسىي قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان «ئىككى يۈزلىمىچى» ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بايقالغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىملىكى، كونكرېت قانداق يوشۇرۇن «بۆلگۈنچىلىك»، «ئەسەبىيلىك» پىكرىنى تارقاتقانلىقى ۋە ئۇلارغا قانداق چارە كۆرۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان.

بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، پەرھات ئەزىمنىڭ سۆزى «ئىككى يۈزلىمىلەر» نى تازىلاشنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا كېڭەيگەنلىكىنىڭ سىگنالى. كۆزەتكۈچىلەر، بۇنداق قاتتىق سىياسىي رامكا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي مەسئۇلىيىتى ۋە رولىنى بوغۇپ تاشلايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

بۇرۇن ئۇيغۇر رايونىدا ئۇزۇن يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ھازىر مەلۇم ياۋروپا دۆلىتىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى خالىس ئەپەندى مۇنداق دېدى:

«ئەلۋەتتە، ئوقۇتقۇچىلار تەلىم-تەربىيە بىلەن شۇغۇللانغاندا، مۇنبەرنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، تەبىئىي ھالدا ئۆزىنىڭ لوگىكىلىق ئانالىزى ئاساسىدا تەربىيە ئېلىپ بارىدۇ. ھەرقانچە قىزىللاشقان ئوقۇتقۇچى بولسىمۇ، ئۇ مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا يەنىلا مىللىي كىملىكى بويىچە ھەرىكەت قىلىشقا يۈزلىنىدۇ. مۇشۇ نەرسىلەرنى يوقىتىۋېتىشتە ئۇرۇنۇشنىڭ ئۆزى ئىنسانىيەت تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ھادىسە. ئوقۇتقۇچىلار بۇ خىل بېسىملارغا ئۇچراۋەرگەن ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ بىلىم بېرىشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيىتى بىر چەتكە قايرىلىپ قېلىپ، ئۇلار نوقۇل سىياسەت نېمە دېسە، شۇنى ئىجرا قىلىدىغان، ئۆزىنىڭ سۆز ھەرىكىتىدىن تارتىپ، قىزىقىشىغىچە ھەممە نەرسىگە تولىمۇ زىيادە سەزگۈرلۈك بىلەن ئېھتىيات قىلىدىغان، پۈتۈن ۋۇجۇدى ۋە ئەس-خىيالى سىياسىي تەلەپكە قانداق ئۇيغۇن كېلىشتىن ئىبارەت مۇشۇ مەسىلىگە مەركەزلىشىپ قېلىپ، ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش، مېتودىكا، باشقا جەھەتلەردىكى ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋاقتى ھېچقاچان بولمايدۇ ۋە بۇنىڭغا ۋاقىت چىقىرالمايدۇ. نەتىجىدە، ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ مەكتەپتىكى مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ.»

لېكىن بەزى خىتاي ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر مائارىپ سېپىدىكى بۇ خىل قاتتىق سىياسىي كونتروللۇقنىڭ يوشۇرۇن نىشانى-ئۇيغۇر مەدەنىيىتى. ئامېرىكىدا چىقىدىغان «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى، ئاتاقلىق خىتاي ئۆكتىچى زات خۇ پىڭ ئەپەندى، خىتاينىڭ مۇددىئاسى «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش» دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تىغ ئۇچى نوقۇل ئادەتتىكى ئۆكتىچى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىپلا قالماي، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزىگە قارىتىلدى. ئۇنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش. مانا بۇ ئۇنىڭ يەتمەكچى بولغان ئاساسلىق نىشانى. ئۇ ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى بىلمەيدىغان، ئۆزىنىڭ ئۆرپ ئادەتلىرىدىن خەۋەرسىز بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنى تەربىيىلەپ چىقىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىۋاتىدۇ. بۇرۇن نۇرغۇن كىشىلەر كومپارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى قىلمىشلىرىغا پەقەت سىياسىي نۇقتىدىن قارايتتى. بىراق ھازىر ئۇنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ جەھەتتىكى قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى ئېنىق كۆرۈپ يەتتى. ئۇنىڭ قىلمىشىنىڭ بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىۋاتىدۇ».

خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە، بۇنداق قاتتىق سىياسىي رامكا ئىچىدىكى مائارىپ ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ساغلام تەربىيە ئېلىشىغا تەسىر قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل سىياسىي مائارىپ ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرىدە ساختا تارىخ ۋە ساختا مەدەنىيەت تونۇشىنى شەكىللەندۈرىدىكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ خىل مائارىپنىڭ زەربە بېرىش كۈچى تېخىمۇ چوڭقۇر بولىدۇ. ئەگەر سەن بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۈزۈل-كېسىل ۋەيران قىلىش نىيىتىڭ بولسا، سەن ئۇنىڭ مائارىپىغا قول سالىسەن. چۈنكى، مائارىپ ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرىدۇ. ئۇنىڭ بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلارنىڭ ئىدىيەسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ناھايىتى زور. شۇڭا، ئىشنى ياش-ئۆسمۈرلەردىن باشلىدى. شۇنداق قىلغاندا بۇ ئۇلاردا ساختا تارىخ قارىشى، ساختا مەدەنىيەت تونۇشىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇيغۇرلاردىكى ئەسلى مەۋجۇت بولغان ئۆز مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا بولغان تونۇشنى ئاستا-ئاستا سىقىپ چىقىرىدۇ. بۇ ناھايىتى ئېغىر مەسىلە. بۇنىڭغا ھەر ساھە جىددىي دىققەت قىلىشى كېرەك».

مائارىپ نازىرى پەرھات ئەزىم «شىنجاڭ گېزىتى»دىكى ماقالىسىدە، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى سىياسىي قائىدىگە خىلاپلىق قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ، «بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش مائارىپ سېپىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك، مۇرەككەپ كۈرەش. ئۇ ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىنتىزامغا ئەمەل قىلىپ، 3 خىل كۈچلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ» دېگەن.

ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك، دىنىي رادىكال كۈچلەر ئۇيغۇر رايونىدا ئىزچىل ئەسەبىي ئىدىيەلەرنى تارقىتىپ، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار قوشۇنى ۋە مائارىپ سىستېمىسىغا سىڭىپ كىرىشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن.

لېكىن ياۋروپادىكى خالىس ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇنداق قاتتىق سىياسىي كونتروللۇق ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئۈچۈن بىر خىل تەھدىت. ئۇ، بۇنداق قاتتىق سىياسىي بېسىم ئاستىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش «دارۋازنىڭ دار ئۈستىدىكى ھەرىكىتىگە ئوخشايدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ سىياسىي رامكىنىڭ يەنە بىر پاجىئەلىك تەرىپى خۇددى بۇنىڭدىن 40-50 يىل ئاۋۋال 'مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا يۈز بەرگەنگە ئوخشاش بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ 2‏-بىر بىر تۈركۈم كىشىلەردىن شەخسى ئۆچ ئالىدىغان بىر خىل قورالىغا ئايلىنىپ قېلىش ئېھتىمالى بار. مەسىلەن، مەكتەپ رەھبەرلىرى ياكى شۇ مەكتەپتىكى مەلۇم ئىنسانلارنىڭ كۆزىگە سىغمىغان 2‏-بىر ئىنسان بولسا، ئۇنى مۇشۇ خىل ۋاستىلار ئارقىلىق بوھتان چاپلاپ، زەربە بېرىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا (دەرسخانىدا) بەزى بىر شەخسلەرنىڭ تەرجىمىھالى، ھايات پائالىيىتى ياكى مەلۇم ئۇتۇق-نەتىجىلىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا بىلدۈرۈش جەريانىدا بىلىپ-بىلمەي خىتاينىڭ قۇلىقىغا ياقمايدىغان سۆزلەر تەبىئىي چىقىدۇ. چۈنكى، تارىخ، دېگەن تارىخ. خىتاي قوبۇل قىلمىغان تارىخنى سۆزلەش ئۇلارغا نىسبەتەن جىنايەت شەكىللەندۈرىدۇ، دېگەن تۇيغۇ پەيدا قىلىپ، زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. دېمەك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت قىلىشى خۇددى دارۋازنىڭ دار ئۈستىدە مېڭىپ تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىشىغا ئوخشاش ھالغا كېلىپ قالدى، دەپ قارىساق بولىدۇ».

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو ئېگىرى پارتىيە-ھۆكۈمەت ئىچىدىكى «بۆلگۈنچىلىك» «ئەسەبىيلىك» مەسىلىسىدە پىكرى مۈجمەل كادىرلارنى تازىلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما بۇ ھەرىكەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاشكارا نىشانغا ئېلىشىدا تۇنجى ئوقنى قەشقەرنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى مەمتىمىن ياسىن ئاتقان. ئۇ، قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ ئۈندىدار سالونىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر كادىرلىرىنى «بۆلگۈنچىلىك»، «ئەسەبىيلىك»كە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە «سەمىمىيەتسىز» ۋە «شەكىلۋاز» دەپ تەنقىدلىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.