ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە زىيالىيلار «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» دىكى ئىككى يۈزلىمىلىككە قارشى كۈرەشكە ئىنكاس قايتۇردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.06.22
ikki-yuzlimichi-qesem-imza.jpg «بۆلگۈنچىلىك» كە قارشى تۇرۇش تەشۋىقات يىغىنىدا قەسەم قىلىش مۇراسىمى. 2017-يىلى 21-ماي، ئۈرۈمچى.
news.ts.cn

ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئالىي مەكتەپ باشلىقلىرىنىڭ قەسەمياد يىغىنىدا، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» قاتارلىق 5 مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئىپادە بىلدۈرۈپ: «ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىكى ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە زەربە بېرىدىغانلىقى» نى جاكارلىغان. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە زىيالىيلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاتالمىش ئىككى يۈزلىمىلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتى، ئىلگىرىكى يىللاردىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى سىياسىي كۈرەشلەرنىڭ بىرى. چۈنكى، دائىرىلەر يىللاردىن بۇيان ئىلىم-مەرىپەت، مىللىي كىملىك، مىللىي غۇرۇر بىلەن تويۇنغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى يېتىلدۈرۈۋاتقان«شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» قاتارلىق بىلىم ئوچاقلىرى ۋە ئۇ جايلاردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى ئەڭ خەتەرلىك ئىنسانلار توپى دەپ قارىغان ۋە زەربە نىشانى قىلغان.

خوتەنلىك يېزا كادىرى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن باشلانغان «كومپارتىيىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە زەربە بېرىش» ھەققىدىكى ئىپادە بىلدۈرۈش، قەسەمياد پائالىيەتلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارغىچە كېڭىيىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە زىيالىيلارنىڭ جىددىي دىققىتىنى ۋە ئىنكاسىنى قوزغىدى.

خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلىرىنىڭ 20-ئىيۇندىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 15-ئىيۇن كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قەسەمياد يىغىنىدا «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتى، يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى، خوتەن پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى» قاتارلىق 5 مەكتەپنىڭ باشلىقلىرى ئۆزلىرىنىڭ شەخسى نامىدا يېزىلغان «ئىككى يۈزلىمىلىككە قارشى كۈرەش قىلىش» ھەققىدىكى ئوچۇق خېتىنى ئوقۇپ ئۆتكەن.

مەزكۇر قەسەمياد يىغىنىدا «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ بۇ يىل 3-ئايدا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن مەكتەپ مۇدىرى ۋەلى بارات سۆزىدە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۈچ خىل بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ ئىدىيىۋى ئاڭ جەھەتتىن سىڭىپ كىرىدىغان مۇھىم ئىستىھكاملىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بىز ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىكى تەتقىقات تونىغا ئورىنىۋالغان بىر تۈركۈم ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى يەنى 3 خىل بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ ياردەمچىلىرىنى تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك، چۈنكى، ئۇلار پەردە ئارقىسىغا يوشۇرۇنۇۋالغان دۈشمەنلەر، ئۇلار دەرس مۇنبىرىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارغا ئەكسىيەتچى ئىدىيىلەرنى، بۆلگۈنچىلىك ۋە مىللىي ئۆچمەنلىك ئىدىيىلىرىنى تارقىتىۋاتىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز دەيدىكەنمىز، ئاۋۋال بۇ خىل بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىنىڭ مەنبەلىرىنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىشىمىز كېرەك!» دېگەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئىشتىراكچىلىرى ۋە مۇھىم يېتەكچىلىرىدىن بىرى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ مەكتەپ مۇدىرى ۋەلى بارات تەكىتلىگەن «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى چەتئەللەردىكى 3 خىل بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ ئىدىيىۋى ئاڭ جەھەتتىن سىڭىپ كىرىدىغان ئىستىھكامى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىكى بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىلىرىنى تارقىتىدىغان ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە زەربە بېرىش كېرەك» دېگەن سۆزلەر ھەققىدە توختالدى.

ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىستىلا قىلغاندىن بۇيان «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى تەڭسىز مىللىي سىياسەتلىرىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىدە يېتەكچى بولۇپ كەلگەن بولسا، ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر مىللىي، تارىخىي ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە تەلىم بەرگەن ئوقۇتقۇچىلار ھەر قېتىم رايوندا ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي كۈرەشلەردىكى زەربە نىشانى بولۇپ كەلگەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بايانىدا 1985-يىلى 12-دېكابىر ئوقۇغۇچىلار دېموكراتىك نامايىشى ۋە 1988 يىلى يۈز بەرگەن «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە تەلەپ قويۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن، 1988-يىلدىكى نامايىشقا يېتەكچىلىك قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى بولغىنى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» دىن بۇيرۇق بىلەن قوغلانغانلىقى ۋە «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» دا ئېلىپ بېرىلغان ئوقۇتقۇچىلارغا سىياسىي جەھەتتىن زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى ئەسلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئىلىم-مەرىپەت، مىللىي كىملىك مىللىي غۇرۇر بىلەن تويۇنغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى يېتىلدۈرۈۋاتقان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق بىلىم ئوچاقلىرى ۋە ئۇ جايلاردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى ئەڭ خەتەرلىك ئىنسانلار توپى دەپ قاراپ، ھەر قېتىم ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن، ئۇلارنى زەربە نىشانى قىلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن، ئىلگىرى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» دا تولۇق كۇرس ۋە ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى تاماملىغان ۋە تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، نۆۋەتتە ئامېرىكادا مۇستەقىل تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان مېھرىئاي خانىممۇ ئۆز قارىشىنى بايان قىلدى.

مېھرىئاي خانىم ئۆزىنىڭ ئىلگىرى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» دا ئوقۇۋاتقان ۋە خىزمەت قىلغان چاغلىرىدىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا مىللىي غۇرۇرى كۈچلۈك ئوقۇتقۇچىلارغا ھەر خىل قالپاقلارنى كىيدۈرۈپ زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى كۆپ قېتىم ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مېھرىئاي خانىم يەنە، نۆۋەتتە ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن چەتئەللەردىكى مۇھاجىرەتتىكى ھايات يولىنى تاللىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نى تۈگەتكەن ۋە ئىشلىگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زور كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مېھرىئاي خانىم سۆزىدە، چەتئەللەردىكى مۇھاجىرەت يولىنى تاللىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ زور بىر قىسمىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي بويۇنتۇرۇقى ئاستىدا پاراۋانلىق تۇرمۇش كەچۈرۈشتىن ۋاز كېچىش يولىنى تاللىشىغا غەرب دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى ئەركىن تەتقىقات مۇھىتى ۋە سۆز-پىكىر ئەركىنلىكىگە بولغان ئىنتىلىش سەۋەب بولغان بولسا، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلۇۋاتقان رېئال ۋەزىيىتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كېلەچىكىگە بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىنىڭ چەتئەللەردىكى ئاۋانگارت كۈچلىرىگە ئايلاندۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ، يۇقىرىقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» قاتارلىق بىلىم ئوچاقلىرىنى ئىدېئولوگىيە سېپىدىكى زەربە نىشانى قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.