يەكەندە ئىشسىزلارنىڭ يىغىۋېلىنىپ «سىياسىي تەربىيە» ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-02-05
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
«يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» ئالدىدا پوستا تۇرغان ساقچىلار. 2017-يىل 2-نويابىر، كورلا.
«يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» ئالدىدا پوستا تۇرغان ساقچىلار. 2017-يىل 2-نويابىر، كورلا.
AP Photo/Ng Han Guan

مۇخبىرىمىزنىڭ دۆلەت شېئىرى ئوقۇشقا مەجبۇرلانغانلىقى ئۈچۈن كېلىپ چىققان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەسىنى ئېنىقلىشى داۋامىدا يەكەن ناھىيىسىدە زور بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دە سولىنىپ ياتقىنىدىن باشقا، 16 ياشتىن 45 ياش ئارىلىقىدىكى ئىشسىز كىشىلەرنىڭمۇ ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم يىغىۋېلىنىپ، «سىياسىي تەربىيە» ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، «تەربىيىلەش كۇرسى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ كۇرستىكى ئاتالمىش كۇرسانتلار گەرچە ئۆيلىرىگە قايتالىسىمۇ، ئەمما ئۇلارمۇ ئوخشاشلا تەنقىد، ھاقارەت ۋە تەھدىتلەرگە ئۇچرايدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بەزى جايلىرىدا «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دىن باشقا يەنە «ئوچۇق تەربىيىلەش كۇرسىلىرى» نىڭمۇ بارلىقى، بۇ ئاتالمىش كۇرسىلاردا 16 ياش بىلەن 45 ياش ئارىسىدىكى ئىشسىز ئاھالىلەرنىڭ يىغىۋېلىنىپ، «سىياسىي تەربىيە» ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئىگىلىشىمىزچە، يەكەن ناھىيىسىنىڭ تومئۆستەڭ يېزىسى ۋە يەكەن بازىرىنىڭ باغ ھويلا ئاھالىلەر كومىتېتى ھەر كۈنى 150‏-200 ئارىسىدىكى كىشىنى ئاھالىلەر كومىتېتىغا يىغىۋېلىپ، خىتاي تىلى ئۆگىنىش ۋە دۆلەت شېئىرى يادلاشنى مەجبۇرلىماقتىكەن.
ئاھالىلەر ئەتىگەن سائەت 9 دىن 11 گىچە، چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دىن 4 كېچە ۋە ئاخشىمى سائەت 7 دىن 9غىچە 3 جەمئىي 3 قېتىم يىغىۋېلىنماقتىكەن. ئۇلارغا كۈندە 6 سائەت ئەتراپىدا «سىياسىي تەربىيە» ئېلىپ بېرىلماقتىكەن. كەنت ساقچىسىنىڭ بۇ بايانلىرىدىن، بۇ كۇرستىكى ئاھالىلەر پەقەت 3 ۋاق تاماق ۋە زۆرۈر تۇرمۇش مەشغۇلاتى ئۈچۈنلا ئۆيلىرىگە قايتىۋاتقان بولۇپ، قالغان ۋاقتى ئاساسەن دېگۈدەك «تەربىيىلەش كۇرسى» غا قاتنىشىش ۋە بايراق چىقىرىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن ئۆتىدىكەن. ماھىيەتتە ئۇلارنىڭ پۈتۈن كۈن تەربىيىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا بۇلتۇر ۋە ئوزاقى يىللىرى ئاتۇش ۋە ئاقسۇنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا «تۇۋاق ئېچىش» ۋە «مەسىلە تاپشۇرۇش» نامىدا سىياسىي يىغىنلار ئېچىلغانلىقى، بۇ يىغىنلاردا كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ خاتالىقلىرىنى پاش قىلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. ئۇ چاغدىكى يىغىن پەقەت ھەپتىدە بىر قېتىم ئېچىلغان ۋە ئاھالىلەر تولۇق قاتناشتۇرۇلغان بولسا، يەكەندە ئاشكارىلانغان بۇ سىياسىي يىغىنلارغا پەقەت 16 ياش بىلەن 45 ياش ئارىسىدىكى ئىشسىز ئاھالىلەرلا قاتناشتۇرۇلغان. 

كەنت ساقچىلىرى يەنە ئىشسىز ئاھالىلەرنى يىغىۋېلىشتىكى مەقسەتنىڭ ئۇلارنىڭ «ئىش چىقىرىپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى يوشۇرمىدى. 
بۇ ئىشسىزلار يىغىلىۋېلىنغان ئاتالمىش «كۇرس» لاردىمۇ خۇددى جازا لاگېرلىرىدىكىگە ئوخشاش يىغىۋېلىنغانلارنىڭ تەنقىد، تىل-ھاقارەت ۋە تەھدىتكە ئۇچرايدىغانلىقى دەلىللەندى. 

ئىشسىزلارنى يىغىۋېلىپ «تەربىيىلەش» نىڭ يەكەن ناھىيىسىدىن باشقا جايلاردىمۇ يولغا قويۇلغان ياكى قويۇلمايۋاتقانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. ئەگەر بۇ رايوندا ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇۋاتقان بولسا ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىشسىزلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى، يېزىلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دېھقانچىلىقنىڭ جىددىي پەسىللىرىدىن باشقا ۋاقىتلىرىدا ئىشسىز ئىكەنلىكى كۆزدە تۇتۇلسا، نۆۋەتتە «سىياسىي تەربىيىلەش» دېگەن نام ئاستىدا جازالىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان 10 پىرسەنتتىن 40 پىرسەنتكىچە دېگەن نىسبەتتىنمۇ يۇقىرى بولۇشى تەخمىن قىلىنماقتا.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت