خىتاي «تېررورلۇق كىيىملىرى» نى مەملىكەت مىقياسى بويىچە چەكلەش ئۈچۈن قانۇن لايىھىسى تۈزدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015.08.26
hijap-romal-yaghliq-reshatka-jaza.jpg تۆمۈر رېشاتكىلىق ھويلىغا سولانغان ھىجاپلانغان ئۇيغۇر ئاياللىرى.
RFA/Ruqiye

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا مەملىكەت مىقياسى بويىچە «تېررورلۇق كىيىملىرى» نى چەكلەش لايىھىسى تۈزۈپ چىقىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ماقۇللىشىغا سۇنۇلغان.

لايىھىدە، قانداق كىيىملەرنىڭ تېررورلۇق كىيىمى ھېسابلىنىدىغانلىقىغا ئېنىق چۈشەنچە بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىسلامى يوسۇندىكى كىيىم-كېچەكلەرگە قارىتىلغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. كۆزەتكۈچىلەر بۇ لايىھىنى خىتايدا ئىسلامغا قارشى كەيپىياتنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قاراش بىلەن بىرگە بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ قاتتىق چەكلىمە ئاستىغا ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئەركىنلىكى، دىننىڭ ئاساسىي شەرتلىرىنى ئادا قىلىش، دىنى يوسۇندا كىيىنىشىگە قاتتىق ئارىلىشىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە تۈرلۈك چەكلىمىلەرنى ئېلان قىلىپ، ئۇنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتاتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى مانا ئەمدى بۇ چەكلىمىلىرىنى مەملىكەت مىقياسىغا كېڭەيتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا. 24-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى «تېررورلۇق كىيىملىرىنى كىيىشنى چەكلەش» نامىدىكى بىر لايىھىگە قاراپ چىقىشقا باشلىغان. لايىھە ماقۇللانغان تەقدىردە تېررورلۇق، رادىكاللىققا مۇناسىۋەتلىك كىيىملەرنى كىيگەنلەر ۋە باشقىلارنى كىيىشكە مەجبۇرلىغانلار ئەڭ ئاز دېگەندە 3 يىل قاماق جازاسى بىلەن جازالىنىدىكەن.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىدە بېرىلگەن خەۋەردىن قارىغاندا، لايىھىدە قانداق كىيىملەرنىڭ «تېررورلۇققا ئائىت كىيىملەر» سۈپىتىدە جىنايەت شەكىللەندۈرىدىغانلىقى ئېنىق شەرھلەنمىگەن، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا «تېررورچىلارنى، گۇمانلىق كىشىلەرنى» كۆرگەن يەردە ساقچىغا مەلۇم قىلىش ھەققىدىكى رەسىملىك ئۇقتۇرۇشلاردا ئاتالمىش تېررورچىلارنىڭ داۋاملىق ھالدا ئىسلامى يوسۇندا كىيىنگەن، ساقال قويغان، يۈزىنى ئېتىۋالغانلار شەكلىدە تەسۋىرلەنگىنىنى نەزەردە تۇتقاندا، يۇقىرىدىكى لايىھىدە ئېيتىلغان «تېررورلۇق كىيىملىرى» نىڭ ئىسلامى يوسۇندىكى كىيىملەرنى ئىشارەت قىلىۋاتقانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بولسا بۇ لايىھىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قامال قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ سىياسەتنىڭ ئىككى يۈزلىمىلىك بىر سىياسەتلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي دۆلەتلىك خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مۇتەخەسسىسى ئىلى ۋېي «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە، بۇ لايىھە تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ خىتايدا كەڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، بۇ بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىزنىڭ تېررورلۇق ۋە رادىكاللىققا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق بىر ھەرىكەتكە يۇمشاق قوللۇق قىلمايدىغانلىقىنى نامايان قىلىدۇ، دەپ سۆز قىلغان.

خىتاينىڭ «تېررورلۇققا مۇناسىۋەتلىك كىيىملەر»نى چەكلەشكە ئالاقىدار لايىھىسى بۈگۈن چەتئەل ئاخباراتلىرىدىمۇ ئېلان قىلىندى. «UCAnews» خەۋەرلەر تورىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، يۇقىرىدىكى بۇ لايىھىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئاللىقاچان ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۇ يىل بىرىنچى ئايدىن باشلاپ جامائەت سورۇنلىرىدا بۇرقا كىيىشنى چەكلەش قانۇنىنى رەسمىي ماقۇللىغانلىقى ۋە بۇ سەۋەبلىك قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان كىشىلەر بارلىقىنى مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈرگەن. خەۋەردە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاساسەن دىنسىز بولغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىسلامى يوسۇندىكى كىيىملەرنى قارشى ئالمايدىغان ئومۇمىي كەيپىياتىنىڭ بىر نامايەندىسى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىنىڭ نەنياڭ شەھىرىدە ۋە شىئەن شەھىرىدە بېشىنى ئورىۋالغان قىز-ئاياللارنى مەكتەپلەردە چەتكە قاقىدىغان، يۈزى ئوراقلىق دۇكان ئايلىنىۋاتقان ئاياللارنى تۇتقۇن قىلىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەن. ئەمما خىتاي تور بەتلىرىدە ۋەقەگە قايتۇرۇلغان ئىنكاسلاردا بولسا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ساقچىنىڭ ھەرىكىتىنى توغرا دەپ قوللىغانلىقى كۆرۈلگەن.

دىلشات رىشىت ئەپەندى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلامى يوسۇندىكى كىيىملەرنى «تېررورلۇق» كىيىملىرى بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويۇپ مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنى قانۇنلاشتۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىغا بارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ دىققەت قىلىپ، نارازىلىق بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى بۇ يىل 3-ئايدا قەشقەردە 38 ياشلىق بىر ئۇيغۇر ئەرنى بۇرۇت قويغانلىقى ۋە كادىرلارنىڭ خىزمەت ئىشلىشىگە قارىماي بۇرۇت قويۇشتىن ۋاز كەچمىگەنلىكى ئۈچۈن 6 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان، ئۇنىڭ ئايالىنى يۈزىنى ئورىۋالغانلىقى ئۈچۈن 2 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.