ئىستانبۇلدا «قانىغان يارىمىز شەرقىي تۈركىستان» ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2018.10.24
yarimiz-turkistan-yighin.jpg ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «قانىغان يارىمىز شەرقىي تۈركىستان» ناملىق يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 21-ئۆكتەبىر.
RFA/Arslan

21-ئۆكتەبىر، يەنى ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدىكى بايرامپاشا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يىغىن زالىدا «قانىغان يارىمىز شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىغىن مەركىزى ئىستانبۇلدىكى «بۇلغارىيە تۈركلىرى مەدەنىيەت ۋە خىزمەت جەمئىيىتى» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، يىغىندا ھەرقايسى مەتبۇئاتلار ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلارغا دائىر كۆپلەپ ئۇچۇر تارقىتىش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەزكۇر يىغىنغا ئەزەربەيجانلىقلار، بۇلغارىيە تۈركلىرى، قىرىم تۈركلىرى قاتارلىق قېرىنداش خەلقلەر ۋەكىللىرى شۇنىڭدەك «تۈرك دۇنياسى خىزمەت ۋەخپى» قاتارلىق كۆپ ساندىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى بولۇپ، 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

يىغىن شېھىتلارنىڭ روھىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سۈكۈتتە تۇرۇش ۋە «شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى» نى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. «بۇلغارىيە تۈركلىرى مەدەنىيەت ۋە خىزمەت جەمئىيىتى» نىڭ باش كاتىپى ئويا جانبازئوغلى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.

ئۇ سۆزىدە شەرقىي تۈركىستانلىق شېھىتلاردىن ئوسمان باتۇر، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، ئابدۇلئەھەد بارات مەخسۇم، مۇھەممەد سالىھ داموللام قاتارلىقلارنىڭ نامىنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالدى ھەمدە «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن كۈرەشكەن پۈتۈن شېھىتلارنى ئەسلەيمىز ۋە ھۆرمەت بىلدۈرىمىز،» دېدى.

ئويا جانبازئوغلى سۆزىدە يەنە ئۆمەر رەزىيۇللاھۇ ئەنھۇنىڭ «بىر زۇلۇمنى تۇسالمىساڭلار، ئۇنى باشقىلارغا ئاڭلىتىڭلار» دېگەن سۆزىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بۈگۈنكى زۇلۇملارنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

يىغىندا يەنە «شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى» ئىدارە ھەيئەتلىرىدىن دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى» دېگەن تېمىدا، «شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى» نىڭ رەئىسى دوكتور مۇھىتتىن جانئۇيغۇر «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى» دېگەن تېمىدا، «ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپى» نىڭ رەئىسى دوكتور ئۆمەر قۇل «شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى سۆزىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى توغرىسىدا توختالدى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا قايسى دەۋرلەردە قانداق مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، بۇ زېمىننىڭ قاچاندىن باشلاپ خىتاي ئىشغالىيىتىگە چۈشۈپ قالغانلىقى ھەققىدە توختالدى.

دوكتور مۇھىتتىدىن جانئۇيغۇر ئەپەندى سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا توختىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇشلارنى دەلىل-پاكىتلار ئارقىلىق ئېكراندا كۆرسەتتى. ئۇ يەنە ئاتالمىش «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىدا يېتىۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە يەنە جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى دارىلئېتام نامىدىكى بالىلار لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارغا خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى ۋە مىللىي كىملىكلىرىدىن ئۇزاقلاشتۇرىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

مۇھىتتدىن جانئۇيغۇر يەنە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا تۇتقۇنلارغا مېڭە يۇيۇش ئوپېراتسىيەسى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، لاگېر سىرتىدا بولسا يەرلىك خەلققە تېز سۈرئەتلىك ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن بايان قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي دائىرىلىرى بىر تەرەپتىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈشكە قىزىقتۇرۇپ تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكىمەكتە.»

مۇھىتتىدىن جانئۇيغۇر ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر خەلقى يوق بولۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئەگەر خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا ئارىلاشمىسا يوق بولۇشىمىز ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس. بۇ مەسىلە ھەر بىر تۈرك ئۈچۈن تۈركلۈك مەسىلىسىدۇر. ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن مۇسۇلمانلىق مەسىلىسىدۇر. ھەر بىر ئىنسان ئۈچۈن ئىنسانلىق مەسىلىسىدۇر.»

يىغىندا يەنە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپىنىڭ رەئىسى دوكتور ئۆمەر قۇل دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلدى.

دوكتور ئۆمەر قۇل خىتاينىڭ تارىختىكى يىپەك يولىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش نامىدا دۇنياغا كېڭىيىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇلارنىڭ شىئەندىن لوندونغىچە يول ياساش پىلانىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئانالىز قىلىپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ قەشقەردىن پاكىستاننىڭ گۇۋادار پورتىغىچە يول ياسىغانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى.

دوكتور ئۆمەر قۇل سۆزىدە يەنە بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ گويا قايناۋاتقان بىر قازانغا ئوخشاش جىددىي ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكىنى، خىتاي ئۆلكىلىرىدە مۇقىمسىزلىق پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنى، رايونلار ئارا ئىقتىسادىي پەرق ۋە تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ بارغانسېرى ئۆرلەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دوكتور ئۆمەر قۇل ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «خىتاي ئەگەر ئۆزىنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلمىغان تەقدىردە تۈرك دۇنياسى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا بىر توقۇنۇش يۈز بېرىشى مۇمكىن. بۇ خىل ۋەزىيەت دۇنيا تىنچلىقىغا، بىخەتەرلىكىگە ۋە مۇقىملىقىغا تەھدىت شەكىللەندۈرىدۇ. خىتاي مەسىلىلەرنى مۆتىدىل ۋە قانۇنىي ئاساسلار بىلەن ھەل قىلىشى كېرەك. ئەگەردە مەسىلەر تىنچ ۋە مۆتىدىل يوللار بىلەن ھەل قىلىنمىسا رايوندا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان توقۇنۇش بېيجىڭدىن لوندونغىچە بولغان پۈتكۈل ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنى تەسىرگە ئۇچىرىتىشى مۇمكىن…»

يىغىن ئاخىرىدا «ۋوس پرەس» نامىدىكى ئەزەربەيجان گېزىتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى مۇخبىرى ئابدۇللا ئەپەندى پىكىر بايان قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن ھەممە ئورتاق بىر كومىتېت قۇرۇش كېرەكلىكىنى ۋە دەرھال ئەمەلىي خىزمەتكە ئۆتۈشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئەگەر مۇشۇنداق بىر ئورگان قۇرۇلسا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.