كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى قۇرۇلدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2018.10.17
Tuyghun-abduweli.jpg كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئاكتىپ سىياسىي پائالىيەتچى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندى.
RFA/Ekrem

كانادا دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەردىن بىرى شۇنداقلا ئۇيغۇرلار داۋاملىق كۆپىيىۋاتقان بىر دۆلەت. نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر دەۋاسىنى يەنىمۇ كۈچلۈك ئاڭلىتىشقا بولغان تەقەززا، كانادادىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە كانادادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئورتاق قوللايدىغان بىر تەشكىلاتىنى قۇرۇپ چىقىپ، بىر نىشان، بىر مەقسەت ئاستىغا ئۇيۇشۇشىغا تۈرتكە بولماقتا. ئەنە شۇ نىشان بىلەن 2018-يىلى 14-ئۆكتەبىر كۈنى كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن «كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.

مۇراسىمدا يەنە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، تورونتو، ۋانكوۋېر، مونتېرىيال، ئالبېرتا، كالگارى قاتارلىق 5 شەھەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ دېموكراتىك ئۇسۇلدا ئېلىپ بارغان سايلىمى نەتىجىسىدە 184 ئاۋاز بىلەن 15 يىل بۇرۇن كاناداغا يەرلەشكەن ئۇيغۇر شائىرى، ئاكتىپ سىياسىي پائالىيەتچى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى مەزكۇر تەشكىلات رەئىسلىكىگە سايلانغان. ئۇ مۇراسىمدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى سۆيۈپ تۇرۇپ، ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان.

كاناداغا ئەڭ بۇرۇن يەرلەشكەن ئۇيغۇرلاردىن ئۇيغۇر زىيالىيسى شاۋكەت ئەپەندى كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ۋە تۇيغۇن ئابدۇۋەلىنىڭ رەئىس بولۇپ سايلىنىشىنىڭ كانادا جامائىتىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى بىلەن ۋۇجۇدقا چىققانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ يېڭى جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ كانادادىكى ئۇيغۇر جامائىتىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىگە بىر خەيرلىك ئىش بولۇشىدىن ئۈمىدى زور ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. شاۋكەت ئەپەندى يەنە «يېڭى قۇرۇلغان بۇ تەشكىلات كانادا ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىشنى ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇشى كېرەك» دېگەن قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندى سايلامغا ئۆزىنى نامزات كۆرسىتىشكە تۈرتكە بولغان تاشقى كۈچنىڭ نۆۋەتتە كۈنسايىن يامانلىشىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى بولغان بولسا، ئىچكى كۈچنىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەلەم كۈرىشىدىن باشقا، 15 يىلدىن بۇيان ئۆزىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ھاياتىدا مەيلى كانادادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدا ۋە ياكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدا 8 يىل كاتىپ بولۇپ خىزمەتلەرنى ئاتقۇرۇش جەريانىدا توپلىغان تەشكىلاتچىلىق ھەم تەجرىبىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندى گەرچە كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى ئەمدىلا قۇرۇلغان ياش تەشكىلات بولسىمۇ، ئەمما تەشكىلاتنىڭ 1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىزىنى بېسىشنى مەقسەت قىلغان، سابىت داموللامنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى يېتەكچى ئىدىيە ئاساسى قىلغان بىر ئۇيغۇر تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلار دەۋاسىنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى دەپ بىلدۈردى.

تەشكىلات رەئىسى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندى ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ 10 تۈرلۈك خىزمەت پىلانى بويىچە خىزمەتلىرىنى باشلىغان بولۇپ، تەشكىلات ئۆزىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئالدىمىزدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغان «تاڭنۇرى» تور تېلېۋىزىيەسى بىلەن تەشۋىقات خىزمەتلىرىنىمۇ كۈچەيتمەكچى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.