كانادا ئالبېرتادىكى ئۇيغۇرلار: «ۋەتەندىكى زۇلۇم بىزنى سىلكىندۈردى»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2018.03.21
bir-awaz-bir-qedem-namayish-kanada.jpg «15-مارت بىر ئاۋاز بىر قەدەم» خەلقئارا ئۇيغۇر ئاياللىرى نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 15-مارت، كانادا.
Photo: RFA

كانادانىڭ ئالبېرتا ئۆلكىسىنىڭ كارگارى ئېدمونتون شەھەرلىرىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 15-مارت پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان «بىر ئاۋاز بىر قەدەم» خەلقئارا ئۇيغۇر ئاياللىرى نامايىشىغا كانادانىڭ نېفىت ئۆلكىسى دەپ ئاتىلىدىغان مەزكۇر رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆپ قىسمى قاتناشقان. نامايىش تەشكىللىگۈچىلىرىدىن ئالبېرتا ئۆلكىسىنىڭ كالگارى شەھىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان غەيرەت ئەپەندى نامايىش مەيدانىدىكى جەڭگىۋار كەيپىياتنىڭ ھەممەيلەننى ھاياجانلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «2009-يىلى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۈز بەرگەن ‹5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى› دىن كېيىن قېرىنداشلىرىمىزدا چوڭ بىر ئويغىنىش بولغان ئىدى. ئەينى چاغدا ئالبېرتا رايونىدا بىر قېتىملىق زور كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلغاندىن بۇيان بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ئاساسەن يېپىق، جىمجىت ھالەتتە تۇرغان ئىدى. ئۆتكەن ھەپتىدىكى 15-مارت نامايىشىغا قەدەر تېخى بۇنداق بىر زور كۆلەملىك نارازىلىق نامايىش بولمىغان ئىدى. شۇ كۈنكى نامايىشقا قىش پەسلى تېخى ئاياغلاشمىغان كالگارىي شەھىرىدىن پارلامېنت بىناسى جايلاشقان ئېدمونتون شەھىرىگە قار-شىۋىرغانلىق ھاۋا رايىدا 300 كىلومېتىر يولنى بېسىپ، 3 سائەت ماشىنا ھەيدەپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭ نامايىش مەيدانىدىكى جەڭگىۋار روھى ھالىتى نامايىش قاتناشچىلىرى ھەم ئۇلارنىڭ نامايىشىنى كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەنلەرنى تەسىرلەندۈردى».

غەيرەت ئەپەندى يەنە كالگارىي شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشقا بۇنداق ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشى ۋە نامايىش مەيدانىدا كۆك بايراقنى لەپىلدىتىشىگە، بۇلتۇردىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىنىڭ بارغانچە چېكىدىن ئېشىپ، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرنىڭ ئائىلىسىدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامىلىشىدەك ئېغىر ۋەزىيەت سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرى چېكىدىن ئاشتى. شۇ كۈنى نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئائىلىسىدىن ئاز دېگەندە بىر ئادەم ياكى ئۇنىڭدىن جىق ئادەم ‹تەربىيەلەش مەرلكەز› لىرى نامىدىكى جازالاش لاگېرلىرىدا ياكى تۈرمىلەردە. مەيلى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشىلىق قىلغانلار بولسۇن ياكى جىم تۇرغانلار بولسۇن، ھەممە ئۇيغۇر ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئوخشاش زۇلۇمغا ئۇچرىماقتا. مېنىڭچە ۋەتەندىكى بۇ خىل چېكىدىن ئاشقان زۇلۇم، 100 نەچچە ئۇيغۇر بار كالگارىي شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئائىلىسى بىلەن ھەتتا 3-4 ياشلىق بالىلىرى بىلەن نامايىش مەيدانىغا ئېلىپ كەلدى. شۇڭا ئەسلى سۈكۈت ئىچىدە ئېلىپ بېرىش قارار قىلىنغان نامايىشتا نامايىش قاتناشچىلىرىنىڭ تەلىپى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق شوئارلىرىنى ئاۋازىمىز بوغۇلغىچە توۋلاشقا، ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرۈۋالغان ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇمىنى كانادالىقلارغا ئاڭلىتىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللار ئەنە شۇ ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرى ئۇچراۋاتقان چېكىدىن ئاشقان زۇلۇم».

ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خانىممۇ ئۆز ئائىلىسىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، «تەربىيەلەش لاگېر» لىرىغا ۋە كېسىم ھۆكۈم قىلىنىپ تۈرمىلەرگە قامالغان قېرىنداشلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتى ئۆزىنى ئائىلىسى بىلەن بىرگە بۇ نامايىشقا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئالبېرتا ئۆلكىسى ئېدمونتون شەھىرىدىكى 15-مارت «بىر ئاۋاز بىر قەدەم» نامايىشىنى تەشكىللىگۈچىلىرىدىن مۇكەررەم خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گەرچە نامايىش ئېلىپ بېرىلغان كۈنى ئۆزى ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە نيۇ-يورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىناسى ئالدىدىكى نامايىشقا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، ئېدمونتودىكى نامايىش مەيدانىدا بولمىسىمۇ، ئەمما شۇ كۈنى ئېدمونتون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەتتا 3-4 ياشلىق بالىلىرىنىمۇ ئېلىپ ئائىلىسى بىلەن قاتناشقان مەنزىرىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن كۆرگىنىدە، بۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىدىن سۆيۈنگەنلىكى ۋە پەخىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇكەررەم خانىم يەنە بۇ يىل 15-مارت كۈنىدىكى نامايىشقا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن، بالىلىرى بىلەن قاتناشقانلىقىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدىمۇ توختالدى.

ئۇ بايانىدا شەخسەن ئۆزىنىڭ ئائىلىسى بويىچە بالىلىرىنى ئېلىپ كانادادىن دۆلەت ئاتلاپ ئامېرىكىغا كېلىپ نيۇ-يوركتىكى نامايىشقا قاتناشقاندىن كېيىن بالىلىرىدىن ئۇيغۇر مىللىتىگە قىزىقىش تۇيغۇسى ۋە كۆزلىرىدە ئىپادىلەنگەن مىللىي غۇرۇرنى كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ خىل نامايىشلارنىڭ بالىلارنى مىللىي روھ بىلەن تەربىيەلەشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

كانادانىڭ ئالبېرتا ئۆلكىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان غەيرەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غەيرەت ئەپەندى بۇ يىل 3-ئاينىڭ 7-كۈنى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش توغرۇلۇق كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترېدوغا مەكتۇپ يازغان. 8-مارت كۈنى كانادا باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسىمۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن خەت يېزىپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەتكە دىققەت قىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇ ئەھۋاللارنى كانادانىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا يوللايدىغانلىقىنى، كانادانىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردە بۇ ئەھۋاللارنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.