كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيىسى تەشۋىقاتىنىڭ قۇربانلىرى(4)

«جۇڭگولۇقلارنىڭ ئانىسى» - ھەنىپە ئالىماخۇن (2)
ئالتاي ۋىلايىتىگە قاراشلىق چىڭگىل ناھىيىسىدىكى ھەنىپە ئالىماخۇننىڭ ئىنسانىي مۇھەببەتنى چىقىش قىلغان ھالدا ھەرقايسى مىللەتلەردىن بولغان يىتىم بالىلارنى بېقىۋالغانلىق ۋەقەسىنىڭ خىتايدىكى ھەرقايسى تاراتقۇلاردا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىسى» دېگەن نامدا كەڭ تەشۋىق قىلىنىشى ھەققىدە بىر قىسىم ئۇيغۇر ئانىلىرى ۋە زىيالىيلىرى پىكىر بايان قىلدى. ئۇلار بىردەك بۇنىڭ خىتايدىكى سىياسىي تەشۋىقاتنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن ئوتتۇرىغا چىققان سۈنئىي ھادىسە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۆزىگە خاس قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.
زىيارەت جەريانىدا گېرمانىيىدىكى گۈلنار خانىم بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، ھەنىپە ئالىماخۇننىڭ بىر ئاددىي ئايال ۋە ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن تاشلىۋېتىلگەن بوۋاقلارنى بېقىۋالغانلىقىنى ئۇنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي خاراكتېرىدا ماھىيەتلىك پەرقلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، خىتايلار ھەيران قالىدىغان ئەخلاق مەسىلىلىرىنىڭ كۆپىنچە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ساۋات خاراكتېرلىك بىلىم ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يەرلىك ئۇيغۇرلار كۆچمەن خىتايلارنىڭ مىللىي خاراكتېرىنى ۋە ماھىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەنسېرى دائىرىلەر مۇشۇنداق سۈنئى ئۈلگىلەرگە تېخىمۇ مۇھتاج بولىدىكەن.
بۇ ھەقتە گېرمانىيىدىكى راھىلە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 2009 - يىلىدىكى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار دىيارىدا يەرلىك مىللەت بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن كۆچمەن خىتاي ئاممىسى ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي سۈركىلىشنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىغان مىللىي ئۆچمەنلىككە ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بولسا مۇشۇ خىلدىكى رېئاللىقنى تاشقى دۇنيادىن يوشۇرۇش ئۈچۈن ھەنىپە خانىمدىن «ئۈلگىلىك تىپ» سۈپىتىدە پايدىلانغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇيغۇرلاردا يىتىم بالىلارنى بېقىۋېلىشنىڭ ھەممىلا يۇرتلاردا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئۇيغۇر مائارىپچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ بۇ خىلدىكى گۈزەل خىسلەتتە ھېچقانداق بىر غەرەزنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئىناقلىقنىڭ سىياسىي تەشۋىقات ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى باراۋەرلىك ئاساسىدا بولۇشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.
بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان سۆھبەتداشلىرىمىزدىن راھىلە خانىم خىتاينىڭ مۇشۇ خىلدىكى تەشۋىقات ئويۇنلىرىنىڭ ھازىر ئاللىقاچان ۋاقتى ئۆتكەن نەرسىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھېچقاچان كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.