ئانالىزچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل مىللەت گەۋدىسى بويىچە لاگېرلارغا قامىلىشىنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى ئاگاھلاندۇردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2018.09.03
lager-yepiq-terbiyelesh-oginish.jpg ئەتراپى سىم تور ۋە قوراللىق ئەسكەرلەر بىلەن قورشالغان «تەربىيەلەش لاگېرى».
Social Media

خىتاينىڭ چوڭچىڭدىكى ۋېيپۇ تەتقىقات مەركىزىنىڭ «ئىناق جەمئىيەت» سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان «‹ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش› تەربىيەسىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش ھەققىدە» سەرلەۋھىلىك دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھازىرغىچە ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ 2017-يىلدىكى ئەھۋالى خۇلاسىلەنگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ تەتقىقاتچىسى چيۇ يۈەنيۈەن نامىدا يېزىلغان مەزكۇر دوكلاتتا غەرب دۆلەتلىرىدىكى كۆپلىگەن نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردا پاكىتلار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەۋجۇتلۇقى ئۈزلۈكسىز رەت قىلىنىۋاتقان ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ قۇرۇلۇش سەۋەبى ئىزاھلىنىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «دىنىي ئەسەبىيلىك» تىن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ كۆپ بولغانلىقى، بولۇپمۇ يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان، يەنى 2014-، 2015- ۋە 2016‏-يىللارى رايوندا داۋاملاشقان «قاتتىق زەربە بېرىش» دولقۇنىدا زەربىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ توپلىشىپ ۋەقە چىقىرىش خەۋىپى تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن ھەرقايسىي «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» تەسىس قىلىنغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن. مەزكۇر دوكلاتتا يەنە «تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىشنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك بىر جەريان» ئىكەنلىكىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

دوكلاتتا ئىلى ئوبلاستى، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ۋىلايەت-ئوبلاستلاردىكى ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دىن قايتىپ چىققان 588 كىشى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش مەلۇماتى بېرىلىپ، بۇ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە «تەربىيە» لىنىشتىن ئىلگىرى ئۆز خاتالىقىنى تونۇمىغانلار 68 پىرسەنتنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما «تەربىيە» لىنىشتىن چىققاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىچىدە 99 پىرسەنت كىشىنىڭ ئۆز خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، بۇ ئەھۋال «ئىدىيەۋى جەھەتتىن قايتا تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىشنىڭ نەتىجىسى» دەپ مەدھىيەلەنگەن.

نيۇ-يورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى، خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى شيا مىڭ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يېقىندىن بۇيان خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىليوندىن ئارتۇق كىشى قامالغان «ناتسىستلار ئۇسلۇبى» دىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ ئورنى ئاشكارىلىنىپ، بۇ لاگېرلارغا قامالغانلار ھەققىدە شاھىتلارنىڭ ئىسپاتلىرى بارغانچە كۆپىيىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىۋاتقان بىر شارائىتتا خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئېغزىدىن بۇ خىل پاكىتلارنىڭ ئاشكارىلىنىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە،» دېدى.

شيا مىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر دوكلاتتا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىدىكى ئىلى ئوبلاستىدىن تارتىپ، جەنۇبتىكى ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ ساناپ ئۆتۈلۈشى ۋە بۇ جايلاردىكى ئاتالمىش«قايتا تەربىيەلەش» نى تاماملىغان 588 نەپەر كىشىنىڭ خاتالىقىنى تونۇش نىسبىتىنىڭ 99 پىرسەنتكە يەتكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنىشىنىڭ ئۆزىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز يالغانچىلىقلىرىنى ئۆزى ئاشكارىلىغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

مەزكۇر دوكلاتتا يەنە ھەرقايسى جايلاردا ئېلىپ بېرىلغان «قاتتىق زەربە بېرىش» دولقۇنىدا زەربە ئوبيېكتىلىرىدا ئارىلاشتۇرۇۋېتىش، زىيادە كېڭەيتىۋېتىش خاتالىقلىرىمۇ يۈز بەرگەنلىكى ئېتىراپ قىلىنىپ، «نۆۋەتتىكى شارائىتتا قاتتىق زەربە دولقۇنىدا نارازى بولغان ئائىلىلەرنىڭ ۋەقە چىقىرىپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قايتا تەربىيەلەش ئوبيېكتىلىرىغا سىياسىي تەربىيەنى كۈچەيتىش، ئۇلارنىڭ ئۆز خاتالىقىنى تونۇپ ئىدىيەدە قايىل بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش زۆرۈر،» دېيىلگەن.

شيا مىڭ ئەپەندى دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەردىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدا كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلغان بۇ خىل جاز لاگېرلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنى ئۆزىنىڭ دىكتاتور ھاكىمىيىتىگە قارىتا «يوشۇرۇن خەۋپ» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شامىڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا بۇ خىلدىكى جازا لاگېرلىرى خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغاندىن بۇيانلا مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلار«ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش»، «ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش»، «ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلەش»، «زەھەر تاشلاتقۇزۇش» قاتارلىق ھەر خىل ناملاردا ئاتىلىپ كەلگەن ئىكەن.

شيا مىڭ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچ قاچان بۇ خىل جازا لاگېرلىرىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاشكارىلىمىغانلىقى ۋە 60 نەچچە يىلدىن بۇيان خىتايدا نەچچە يۈز مىليون كىشىنىڭ بۇ خىل لاگېرلاردا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ نۆۋەتتە پۈتكۈل دۇنيا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى «جازا لاگېرلىرى» نى تاقاشنى ۋە مۇناسىۋەتلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى تەلەپ قىلىۋاتقان شارائىتتا، ئەگەر خىتاي پۇقرالىرى يەنىلا سۈكۈتتە تۇرسا «ناتسىستلار ئۇسلۇبى» دىكى بۇ خىل لاگېرلىرىنىڭ پۈتكۈل خىتاي مىقياسىغا داۋاملىق كېڭىيىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

شيا مىڭ ئەپەندى يەنە يېقىندىن بۇيان خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى خىتاي دائىرىلىرىدىن ئۇيغۇر رايونىدىكى جاز لاگېرلىرىنى تاقاشنى تەلەپ قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلىرىغا خەلقئارا قانۇنلار بويىچە جازالاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى تاقىشىدا مەلۇم ئۈنۈمى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

28-ئاۋغۇست ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى بىلەن كېڭەش پالاتاسىنىڭ 17 نەپەر ئەزاسى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، مالىيە مىنىستىرى ستىۋېن مىنۇچىنغا مەكتۇپ يېزىپ، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماشتا رول ئوينىغان خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە خىتاي شىركەتلىرىنى جازالىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. مەكتۇپتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «يەر شارى ماگنىتسكىي قانۇنى» نى ئىشقا سېلىپ، ئالاقىدار خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋە شىركەتلىرىگە ۋىزا ئېمبارگوسى قويۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان «كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى» نى ھەل قىلىشقا چاقىرىلغان.

30-ئاۋغۇست كۈنى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا چاقىرىلغان. 30-ئاۋغۇست كۈنى يەنە ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى خىتاي ھەققىدە ئېلان قىلغان خۇلاسە دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن «قايتا تەربىيە» لاگېرلىرىدىكى قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇشنى دەرھال ئاياغلاشتۇرۇشنى، تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنى قويۇپ بېرىشنى، ئۆتكەن 5 يىلدىن بۇيان قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى، كىملىكى، تۇتۇلۇش سەۋەبلىرى ۋە بۇ ئورۇنلارنىڭ شارائىتلىرىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.