تۇرغۇنجان تۇرسۇن: ئايالىم لاگېردا، 2 نارەسىدە بالامنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيمەن

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2018.08.27
LAGER-Turghunjan-tursun-perzentliri.jpg ئايالى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرى تۇتۇپ كېتىلگەن تۇرغۇنجان تۇرسۇننىڭ كىچىك بالىلىرىنىڭ ئايرىلىشتىن بۇرۇنقى سۈرىتى. ھازىر ئۇلار 5 ۋە 7 ياشتا بولۇپ، ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغان.
RFA/Gülchéhre

ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىشى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئەڭ جىددىي ۋە خەتەرلىك مەسىلە دەپ قارالماقتا. نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئومۇميۈزلۈك دۇچ كەلگەن بۇ ۋەزىيەتكە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تۇتقان ئاكتىپ ئىنكاسلىرى، مۇھاجىرەتتە سۈكۈتتە تۇرغان يەنىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەندىشىلىرىنى بۆسۈشىگە ۋە ئۆز بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى ئاشكارا ۋە جانلىق پاش قىلىشىغا تۈرتكە بولماقتا. يېقىنقى كۈنلەردە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا سىنلىق گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ بىرى يەكەن ناھىيە بازىرىدىن بولغان تۇرغۇنجان تۇرسۇن، 4 يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بولۇپ، دائىرىلەر ئۇنىڭ ئايالى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى تۇتۇپ كەتكەندىن بۇيان، ئۇ 5 ياش ۋە 7 ياشلىق ئىككى بالىسىنىڭ نەدىلىكى ۋە ئۆلۈك-تىرىكلىكىدىنمۇ خەۋەر ئالالماي كەلمەكتە ئىكەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچى تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، بىگۇناھ كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىش، قانۇنسىز ھۆكۈم ئېلان قىلىش، ئائىلىسىنى قوشۇپ ئوپچە جازالاش، ئائىلىلەرنى پارچىلاش، بالىنى ئاتا-ئانىدىن ئايرىش، ئىز-دېرەكسىز يوق قىلىۋېتىشلەر يېقىنقى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر دىيارىدا دائىم يۈز بېرىپ كېلىۋاتقان ۋەقەلەر ھېسابلىنىدۇ. قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسى يەكەن بازىرىلىق بولغان، ھازىر تۈركىيەنىڭ دېڭىزلى بۈيۈك شەھىرىدە ياشاۋاتقان تۇرغۇنجان تۇرسۇننىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە ئۇ ئۆزى تۈركىيەدە بولسىمۇ، ئۇنىڭ تۈركىيەدە بولغانلىقى سەۋەبلىك ئۇنىڭ ئائىلىسى مانا بۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتىلگەن قىسمەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرمەكتە ئىكەن.

تۇرغۇنجان تۇرسۇننىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ 2014-يىلى ‏-6ئايدا، ئائىلىسىنى قامداش ئۈچۈن تىرىكلىك يولى ئىزدەپ تۈركىيەگە كەلگەن. ھالبۇكى ئەينى ۋاقىت خىتاي دائىرىلىرى چەتئەللەرگە، بولۇپمۇ تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە چىقىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنى سۈرۈشتە قىلىشقا ۋە ھەر خىل بېسىملار بىلەن ئۇلارنى قايتىپ كېلىشكە باشلىغان پەيت ئىدى. دائىرىلەر تۇرغۇنجان تۇرسۇننىڭ يۇرتتا قالغان ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۇنى قايتىپ كېلىشكە زورلىغان. ئۇ قايتىپ كەتسە خەتەرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى جەزم قىلىپ، قايتىشنى خالىمىغان. تۇرغۇنجان تۈركىيەدىن قايتىپ كەلمىگەندىن كېيىن، ئاخىرى دائىرىلەر ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى ھەمدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى 2015-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغان.
تۇرغۇنجاننىڭ 4 ئوغلى بولۇپ يېقىنلىرى ۋە بەزى تونۇشلىرىدىن خەۋەر تېپىشىچە، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان چوڭ ئوغلى 23 ياشلىق ئابدۇشۈكۈر تۇرغۇننى دائىرىلەر گۇئاڭجۇ شەھىرىدىن ئادەم ئەۋەتىپ تۇتۇپ كەلگەن. ئىككىنچى ئوغلى ئالىمجان تۇرغۇن يەكەن بازاردا تۇتقۇن قىلىنغان.

تۇرغۇنجاننىڭ ئايالى ئارزۇگۈل تۇرسۇن 7 ياشلىق سەيپۇللا ۋە 5 ياشلىق مۈجاھىت بىلەن بىرلىكتە يەكەن ناھىيە ئىگەچى بازار 9-كەنتتىن تۇتۇپ كېتىلگەن. تۇرغۇنجان دائىرىلەر ئۇنىڭ ئايالى ئارزۇگۈلنى 2015-يىلى 11-ئايدا بالىلاردىن ئايرىپ، «يىغىۋېلىش لاگېرى» غا ئېلىپ كەتكەندىن بۇيان بالىلارنىڭ ھازىر نەدىلىكى، ھايات ياكى ئەمەسلىكىدىنمۇ خەۋەر ئالالماي كەلمەكتە ئىكەن.

تۇرغۇنجان ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھېچقانداق گۇناھى يوق بۇ كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئادالەتسىز زۇلۇمىغا ئۇچرىغاندىن باشقا يەنە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە جىيەنلىرىمۇ ئوخشاشلا ناھەق جازالاشتىن قۇتۇلالمىغان.

تۇرغۇنجاننىڭ ھەدىلىرى گۈلەمبەر تۇرسۇن، ھۆرنىسا تۇرسۇن، نۇرىمانگۈل تۇرسۇن، سىڭلىسى گۈلسەنەم يەكەن ناھىيەسىدە شۇ مەزگىللەردە تۇتۇلۇپ لاگېرلارغا سولانغان. لېكىن ئۇ بۇلارنىڭ قايسى لاگېردا ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەن.
تۇرغۇنجاننىڭ خەۋەر تېپىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بىگۇناھ بۇ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئېغىر جازالانغىنى، يەكەن ناھىيە، يەكەن بازىرى، ئىگە چى يېزىسى 19-كەنتىدىكى چوڭ ئاچىسى گۈلەمبەر تۇرسۇننىڭ ئوغۇللىرى، 27 ياشلىق ئابدۇرېشىت ئىسمىتۇللا ۋە 24 ياشلىق ئابدۇقاھار ئىسمىتۇللا بولۇپ، ئۇلار 18 يىلدىن كېسىلگەن. خىتاي دائىرىلىرى ئۇلارنى پەقەت تۈركىيەدىكى تاغىسى، يەنى تۇرغۇنجان بىلەن 2015 يىلى 8-ئايدا بىر قېتىم تېلېفوندا ئالاقىلەشكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭغا پۇل سالغانلىقىنى باھانە قىلىپ جازالىغان ئىكەن. ئۇ ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن باشقا نېمە گۇناھى بارلىقىنى بىلمەيدىكەن.

ئۆزىنىڭ شۇنداقلا بالىلىرى، ئايالى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى، پەقەت ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا بۇ زۇلۇملارنى چېكىۋاتقانلىقىنى تەكرارلىغان تۇرغۇنجان تۇرسۇن چوڭقۇر ئەلەم بىلەن «مەن ئوتنىڭ تېشىدا كۆيگۈچە، ئىچىدە كۆيسەمچۇ» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.