كەنت سېكرېتارى كېرىيەدىكى «پەرىشتىلەر مەكتىپى» نىڭ ئورنى قۇرۇلمىسى ھەققىدە توختالدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.08.28
derya-bala-jeset-perishte.jpg مەكىت ناھىيەسىدە ئاتا-ئانىسى «تەربىيەلەش لاگېرى» غا ئەكېتىلگەن بالىنىڭ دەريادىن سۈزۈۋېلىنغان جەسىتى (سىزما نۇسخىسى).
RFA/Uyghur

ئاشكارىلىنىشىچە، كېرىيەدىكى ئاتا-ئانىسى تەڭلا يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئەكېتىلگەن، ئائىلىدە ھېچقانداق ئىگە-چاقىسى قالمىغان بالىلار ئۈچۈن قۇرۇلغان ئىككى ئاتالمىش «پەرىشتىلەر مەكتىپى» دىن بىرى ناھىيە بازىرىدا؛ يەنە بىرى بولسا كېرىيەنىڭ يېڭىئاۋات يېزىسىدا بەرپا قىلىنغان. ئالاقىدار خادىم مۇخبىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا مەزكۇر ئىككى مەكتەپنىڭ ئېنىق ئورنى، ئۇنىڭغا قوشنا بولغان ئىدارە-جەمئىيەتلەر ۋە مەكتەپنىڭ بىنا قۇرۇلمىسى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

بىز كېرىيە ناھىيەسىدە ئاتا-ئانىسى تەڭلا تەربىيەلەشكە ئەكېتىلگەن ۋە ئائىلىسىدە ھېچقانداق بىر قارىغۇچىسى قالمىغان بالىلارنىڭ «پەرىشتىلەر مەكتىپى» نامىدىكى ئىككى ياتاقلىق مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئېنىق ئورنى، مۇھىتى ۋە بىنا قۇرۇلمىسى ھەققىدىمۇ مەلۇمات ئىگىلىدۇق. مەلۇم بولۇشىچە، كېرىيە ناھىيە بازىرىدا ئۆتكەن يىلى قۇرۇلغان ئاتالمىش «پەرىشتىلەر مەكتىپى»، ناھىيە بازىرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئورنىغا تەسىس قىلىنغان؛ ناھىيەلىك سۇ ئىدارىسى ۋە مۇغۇلا شىپاخانىسى ئەتراپىغا جايلاشقان. بەش قەۋەتلىك بىر بىناسى بولغان بۇ مەكتەپ يەسلى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

2 مىڭ ئەتراپىدا ئوقۇغۇچىسى بار بۇ مەكتەپ، بۇ يىل كىرگەندىن كېيىن، سىغىمچانلىق جەھەتتىن ئېھتىياجنى قامدىيالمىغاندىن كېيىن، بۇ يىل 4-ئايدا يېڭىباغ يېزىسىدا «پەرىشتىلەر مەكتىپى» دىن يەنە بىرى بەرپا قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە باشلانغۇچ ۋە يەسلىدىن تەشكىللەنگەن بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىلگىرىكى سابىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە سابىق مەركىزى يەسلىدىن ئىبارەت ئىككى ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مەلۇم بولۇشىچە، يېڭىباغدىكى بۇ ئاتالمىش پەرىشتىلەر مەكتىپىنىڭ باشلانغۇچ قىسمى 4 قەۋەتلىك، يەسلى قىسمى ئىككى قىسمى قەۋەتلىك بىنادىن تۈزۈلگەن. خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىمۇ شەھەر مەركىزى ياكى ئەتراپىغا تەسىس قىلغان، يەنى ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ نەزىرىدىن ئۇزاق تۇتمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى ئېگىز قورۇق تاملار بىلەن قورشاش ئارقىلىق لاگېر ئىچىدىكى ئىجرائاتلارنى ئەل-جامائەتتىن يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر بۇ ئاتالمىش پەرىشتىلەر مەكتىپىنىمۇ ناھىيە ۋە يېزىنىڭ بازار مەركىزىگە تەسىس قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەھۋاللارنى ئەل-جامائەتنىڭ كۆزىدىن يىراق تۇتۇشقا تىرىشقان. مەكتەپ قورۇسى ساقچىلار تەرىپىدىن نازارەت قىلىنغاندىن باشقا، مەكتەپ تاملىرىغا بىخەتەرلىك سىملىرى يەنى تىكەنلىك سىملار ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئۇيغۇر رايونىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىغا توپلانغانلىقى خەۋىرى دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بۇ ۋەزىيەتنىڭ بالىلارنىڭ ھاياتىغا كۆرسەتكەن ۋە كۆرسەتكۈسى تەسىرىمۇ ئالاقىدار تەرەپلەردە جىددىي ئەندىشە پەيدا قىلغان ئىدى. ئىلگىرى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئاتا-ئانىسى تەربىيەلەشكە ئەكىتىلگەنلەردىن خوتەندە 8 ياشلىق ئەسما سەمەتنىڭ ئۈستىگە قايناقسۇ تۆكۈۋالغانلىقى، مەكىتتە 9 ياشلىق بىر بالىنىڭ دەريادىن جەسىتى سۈزۈۋېلىنغانلىقى قاتارلىق بىرقانچە ۋەقە ئاشكارىلانغان ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى بالىلار ۋەزىيىتىنىڭ ئېچىنىشلىقلىق ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىلگەن ئىدى.

يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن كېرىيەدە 3 مىڭچە بالىنىڭ تىكەنلىك سىمدىن قورشالغان مەكتەپلەردە، ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا يېتىشتۈرۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەمما مەكتەپ ئەتراپىدىكى بۇ ساقچىلارنىڭ ۋە ئۇ تىكەنلىك سىملارنىڭ بۇ بالىلارنىڭ روھىي دۇنياسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.