لاگېرلار ۋە ئاسسىمىلياتسىيە مەسىلىسى ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىنىڭ ئاساسىي تېمىسى بولدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018.11.05
Lagerlar-assimilyatsiye-mesilisi.jpg «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى» ناملىق يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 3-نويابىر، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 3-نويابىر كۈنى ئەنقەرەدە «شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى» ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

ئەنقەرەدىكى تۈركىيە دۆلەتلىك مىللىي كۇتۇپخانىسىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىنغا «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى مەمەت ئۆز رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا خىتاينىڭ جازا لاگېرىدا 8 ئاي يېتىپ چىققان قازاقىستان پۇقراسى ئۆمەر بەكئالى ئۆزىنىڭ لاگېردىكى قاباھەتلىك كەچمىشلىرى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ ئازابلىق كەچۈرمىشلىرى يىغىن ئەھلىنى سۈكۈتكە چۆمدۈردى ۋە بەزى كىشىلەرنى يىغلاتتى.

ئاندىن ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇق «خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى.

يىغىندا يەنە ياۋرو-ئاسىيا ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇللاھ بۇكسۇر ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى.

يىغىندا دوكلات بەرگۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەسلى قانۇنلۇق ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا يەرلىك تۈركىي خەلقلەرنىڭ خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي ئايرىمىچىلىق، مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقى، ئاسسىمىلياتسىيە ۋە يوق قىلىش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە تارىختىكى ئەڭ ئېغىر خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

يىغىنغا رىياسەتچىلىق قىلغان «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتى رەئىسى مەمەت ئۆز ئەپەندى بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلەپ، مۇنداق دېدى: «بىز بۈگۈن بۇ يەردە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچىمىز. ئۆتكەن ھەپتە تەشكىلاتىمىزنىڭ ھەرقايسى شۆبىلىرىنىڭ رەئىسلىرى بىلەن بىر يىغىن چاقىرىپ بۇ مەسىلە توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان ئىدۇق. ئىككىنچى كۈنى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتنىشى بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىردۇق، دۆلەت تېلېۋىزىيەسى تەرىپىدىنمۇ تارقىتىلدى. سىلەر خەۋەرلەردە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلمىنىڭ ئاز بىر قىسمىنى كۆردۈڭلار، دۇنيا ئاخباراتلىرى بۇلارنى تارقىتىۋاتىدۇ. تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ توغرىلىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى كېرەك. ئەگەر خىتاي تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلايمەن دەيدىكەن خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىنسان ھەق- ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. تۆۋەندە سۆزلىگۈچىلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچى».

مەزكۇر يىغىندا ئۆمەر بەكئالى ئەپەندى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى خىتاي خەۋپسىزلىك خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى، 8 ئاي جەريانىدا جازا لاگېرىدا قېيىن-قىستاق ۋە تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات بولماستىن ئۇيغۇر ۋە قازاقلا بولىدىكەن لاگېرغا سولاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاينىڭ مەزكۇر «جازا لاگېرلىرى» نى قۇرۇشى خىتاي دائىرىلىرى دۇنياغا جاكارلىغاندەك ئۇيغۇر ۋە قازاقلارغا ئوخشاش تۈركىي مىللەتلەرنى قايتا تەربىيەلەش، ھۈنەر-كەسىپ ئۆگىتىشمۇ؟ ئۆمەر بەكئالى ئەپەندى بۇنى رەت قىلىپ، بۇ جايلارنىڭ خىتاي دېگەندەك ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئۆمەر بەكئالى ئەپەندى 3-نويابىر كۈنى ئەنقەرەدىكى تۈركىيە دۆلەتلىك مىللىي كۇتۇپخانىسىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى» ناملىق بۇ يىغىندا قىلغان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ ھازىرقىدەكلا بۇ مەسىلىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۆمەر بەكئالى ئەپەندى ھازىر ئۇيغۇر ۋە قازاق خەلقى ئېغىر كۈندە تۇرۇۋاتقاندا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيە بىلدۈرمەسلىكىدىن ئۆزىنىڭ قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئارقىدىن پروفېسسور ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇق يىغىندا سۆزلەپ، بىگۇناھ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، بىلىم ئىگىلىرى، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى چولپانلار ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلىرىدە ئېغىر روھىي ۋە جىسمانىي ئازابلارغا دۇچار بولۇۋاتقانلىقى، ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىلىپ ئىگە-چاقىسىز قالغان نارەسىدە يېتىم بالىلارنىڭ ئۆسمۈرلەر لاگېرلىرىغا سولانغانلىقى ياكى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىلگەنلىكىنى دەلىل-ئىسپاتلار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويدى.

ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇق ئەپەندى سۆزىدە خىتاينىڭ ھازىر ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتايدا باشقا بىر مىللەت بولماسلىقى كېرەك، خىتاي چېگراسى ئىچىدە بىرلا خىتاي تىلىنى ئىشلىتىش كېرەك، خىتاي تامىقىنى يېيىش كېرەك، خىتايچە تەپەككۇر قىلىش كېرەك، دەۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا 1990-يىللارغىچە خىتاي مەدەنىيىتى ھاكىم ئەمەس ئىدى. 1990-يىلىدىن كېيىن خىتاي مەدەنىيىتى كۈچىيىشكە باشلىدى. ئەمدى بولسا خىتاي، بۇ يەردىكى كىشىلەرنى بالدۇرراق ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا تىرىشماقتا».

ئارقىدىن ئابدۇللاھ بۇكسۇر ئەپەندى سۆزلىدى، ئۇ خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق خەلقلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرى مەسىلىسىدىن ھالقىپ، دۆلەت جىنايىتىگە ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

3-نويابىر كۈنى ئەنقەرەدە ئېچىلغان «شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى» ناملىق يىغىنغا تۈركلەردىن سىرت ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇلدىن كەلگەن كۆپ ساندا ئۇيغۇرنىڭمۇ ئىشتىراك قىلىشى، بۇنداق يىغىنلاردىن بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.