«جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر كېچىلىكى» نىڭ ئاساسلىق تېمىسى بولدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018.11.19
ondanda-uyghur-mesilisi.jpg لوندون شەھەر مەركىزىدىكى «يۇنۇس ئەمرە مەدەنىيەت مەركىزى» دە ئۆتكۈزۈلگەن «لوندون ئۇيغۇر كېچىلىكى» دە لوندون ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نىزامەتتىن سەمەدوف سۆز قىلماقتا. 2018-يىلى 16-نويابىر.
RFA/Erkin Tarim

ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيانىڭ مۇھىم سىياسىي مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى پائالىيەتلەر كۈچىيىشكە باشلاندى. 16-نويابىر كۈنى لوندون شەھەر مەركىزىدىكى «يۇنۇس ئەمرە مەدەنىيەت مەركىزى» دە «لوندون ئۇيغۇر كېچىلىكى» ئۆتكۈزۈلدى.

خەلقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزى بىلەن لوندون ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتكە لوندوندىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، يازغۇچىلار، ژۇرنالىستلار، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە لوندوندىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى.

«لوندون ئۇيغۇر كېچىلىكى» دە ئۇيغۇر دىيارىدىن يېڭى قايتىپ كەلگەن ئىنگلىز ژۇرنالىستلارمۇ قاتنىشىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا كۆرگەنلىرىنى ئاڭلاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى مەزكۇر كېچىلىكنىڭ ئاساسىي تېمىسىغا ئايلانغان.

خەلقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزى بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان «لوندون ئۇيغۇر كېچىلىكى» دە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور راچېل خاررىس خانىم، ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم، ئۆزبېك ژۇرنالىست ۋە يازغۇچى خەمىت ئىسمائىلوف، لوندوندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى راھىمە مەخمۇت خانىملار دوكلات بەرگەن.

مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان ئەزىز ئەيسا ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەلۇمات بەردى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر پائالىيەت تۈرمىدىكى ۋە جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە شۇنداقلا جازا لاگېرلىرىدا يېتىۋاتقان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارغا ئاتاپ ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا بۇ يىل ئىيۇل ئېيىدا تۈرمىگە تاشلانغان ئۇيغۇر شائىرە چىمەنگۈل ساۋۇتنىڭ «جان قوزام، سەن يىغلىما، پۈتۈن دۇنيا سەن ئۈچۈن يىغلايدۇ» دېگەن شېئىرى ئوقۇپ ئۆتۈلگەن.

ئۇيغۇر پائالىيەتچى راھىمە مەخمۇت خانىم ھازىر ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان سۆيۈنگۈل جانىشېف خانىمنىڭ «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق كىتابنى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلغان بولۇپ، ئۇ يىغىندا بۇ كىتابنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىگە باغلاپ تۇرۇپ چۈشەنچە بەرگەن. ئاخىرىدا يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇرچە ناخشا ئورۇنداپ بەرگەن.

لوندون ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى كېرەم زاھىر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، لوندوننىڭ دۇنيا سىياسىي مەركەزلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، شۇڭا لوندوندا ئۇيغۇرلار توغرىلىق كۆپ خىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى، بۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

16-نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «لوندون ئۇيغۇر كېچىلىكى» مول مەزمۇنغا ئىگە بىر پائالىيەت بولغان بولۇپ، ئەزىز ئەيسا يازغان شۇ ناملىق ھېكايىگە ئاساسەن ئىشلەنگەن «جاۋابسىز قالغان تېلېفون» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىممۇ كۆرسىتىلگەن. مەزكۇر پائالىيەت BBC نىڭ ئۆزبېكچە بۆلۈمى تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.