خوتەن ئىلچىدىكى بىر مەسچىت سىچۈەندىكى ئىچكىيىم كارخانىسىنىڭ تارمىقىغا ئايلاندۇرۇلماقتا

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.09.15
namaz-meschit-xoten-ashqunluq.jpg ئۇيغۇرلارنىڭ رېستورانلىرىدا ھاراق سېتىش مەجبۇرلىنىۋاتقان مەزگىلدە، مەلۇم مەسچىتتە ناماز ئۆتۈۋاتقان ئۇيغۇرلار. 2015-يىلى 16-ئاپرېل، خوتەن.
AFP

خىتاي ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «مەسچىتلەرنى ئەلالاشتۇرۇش» نامىدا مەسچىتلەرنى قىسقارتىش ھەرىكىتى باشلىغان ئىدى. بۇلتۇرقى شۇ ھەرىكەتتە قەشقەر توققۇزاق ناھىيىسىدە مىڭلارچە مەسچىت چېقىلغان، قۇلۇپ سېلىنغان ۋە ياكى ئۆزگەرتىلگەن ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۇ ھەرىكەت تېخى ئاياغلاشمىغان، نۆۋەتتە خوتەننىڭ ئىلچى قاتارلىق بىر قىسىم جايلىرىدا يەنىلا داۋاملاشماقتا.

ئەجەبلىنەرلىكى، دائىرىلەر بۇ مەسچىتلەرنى ئۆزگەرتىشتە ئۇنىڭ ئېتىقادچى ئاممىنىڭ نەزىرىدە مۇقەددەس ۋە مۇبارەك بىر جاي ئىكەنلىكىدەك مۇھىم ۋە نازۇك بىر نۇقتىنى نەزەردىن ساقىت قىلماقتا.

دائىرىلەر ئىلچىدىكى ئاياغ ئارامەھەللە مەسچىتىنى سىچۈەننىڭ بىر ئىچكىيىم كارخانىسىنىڭ تارمىقىغا ئايلاندۇرماقتا. ئارامەھەللە كەنت سېكرېتارىنىڭ بايان قىلىشىچە، مەزكۇر مەسچىت سىچۈەندىكى بىر ئىچ كىيىم كارخانىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. كارخانا يەرلىك ئاھالىلەردىن 15 نەپەر ئىشچى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى 15 كىيىم تىكىش ماشىنىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىشچىلار تىككەن ئىچ كىيىملىرىنىڭ سانىغا ئاساسەن مائاش ئالىدۇ.

نۆۋەتتە ئارامەھەللىدىن 15 كىشى مەزكۇر كارخانىنىڭ لوپتىكى بىر تارماق ئورنىدا شاگىرت ئىشچى سۈپىتىدە ئىشلىمەكتە ۋە ھۈنەر ئۆگەنمەكتە. كەنت سېكرېتارىنىڭ دېيىشىچە، نۆۋەتتە لوپتا ئىشلەۋاتقان شاگىرت ئىشچىلار ئايدا 1400 يۈەندىن مائاش ئالماقتا ۋە ئاياغ ئارامەھەللە مەسچىتى ئىچكىيىم كارخانىسىغا ئايلاندۇرۇلغاندىن كېيىن ھەر بىر ئىشچىنىڭ 3000 يۈەندىن مائاش ئېلىش ئېھتىماللىقى پەرەز قىلىنماقتا.

مانا بۇ ئىشنىڭ ئىقتىسادىي تەرىپى، ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىلەن كۆزەتكۈچىلەر، بۇ تۈر ئىجرائاتلارنىڭ مەنىۋى، سىياسىي ۋە ئەخلاقىي تەرەپلىرىنى نەزەردە تۇتماقتا. ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى، دوكتور قاھار باراتنىڭ بايان قىلىشىچە، مەسچىت بىر ئىبادەت ئورنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەگەر ئۇ ئېھتىياجدىن قالغان تەقدىردىمۇ، ئۇ قوغدىلىشى، ئەگەر ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە بۇ ئۆزگەرتىش دىنىي تەلىمات ۋە پرىنسىپلارنى چەتكە قاقماسلىق، ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.

ئۆتكەندە ئىلچى يېزىسىدىكى بىر مەسچىتنىڭ ئاتالمىش مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆيىگە ئۆزگەرتىلگەنلىكى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان قاھار بارات ئەپەندى، مەسچىتنى تاقىغاننىڭ ئۈستىگە، ئۇنى دىنىي تەلىماتلارغا زىت بىر پائالىيەت ياكى ئىشلەپچىقىرىش ئورنىغا ئۆزگەرتىشنىڭ ئېتىقادچى ئاممىنىڭ ھېسسىياتىنى زەخمىلەندۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. 

بەزى پائالىيەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەسچىتلەر بىلەن ئىچكىرىلەپ ھەپىلىشىشى، يەنى ئېتىقادچى ئاممىنىڭ نازۇك ھېسسىياتلىرىنى زەخمىلەندۈرۈشتىن ئۆزىنى تارتماسلىقى مەقسەتلىك ۋە پىلانلىق بىر ئىش. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، خىتاينىڭ ھېيتتا مەسچىتلەردە بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشىنى ئەنە شۇنداق ئىزاھلىغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەسلىدە ھەر بىر مەھەللىدە بىردىن دېگۈدەك مەسچىت بار بولۇپ، دائىرىلەر ئاتالمىش «مەسچىتلەرنى ئەلالاشتۇرۇش» ھەرىكىتىنى باشلىغاندىن كېيىن، مەزكۇر جايلاردا پەقەت ھەر بىر كەنتتە بىردىنلا مەسچىت ساقلاپ قېلىنغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، دائىرىلەر مەسچىتلەرنىڭ سانىنى ئازايتىش ئارقىلىق رايوندا دىنىي ئېتىقادنى، ھېچ بولمىدى دېگەندە كەيپىياتنى سۇسلاشتۇرۇشنى كۆزلىمەكتە. ئەمما كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ بۇ نۇقتىدىمۇ چوتنى خاتا سوقۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. دوكتور قاھار بارات، ئۇيغۇر رايونىدا يېقىنقى يىللاردا بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان دىنىي ئېتىقادنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇمى، جۈملىدىن دىنىي چەكلىمىلىرى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.