مايك پومپىيو: «خىتاي دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىدە خاتا تەرەپتە تۇرۇۋاتىدۇ!»

مۇخبىرىمىز جۈمە
2018.07.20
mike ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى مايك پومپيو «ئامېرىكا ئاۋازى»نىڭ تېلېۋىزىيە زىيارىتىدە، 2018-يىلى 19-ئىيۇل
VOA

دىنىي ئەركىنلىك ھەققىدە توختالغان ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى مايك پومپىيو خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىدە خاتا تەرەپتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى دۇنيادا دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېقىندا ئامېرىكىدا چاقىرىلىدىغان سۆھبەت يىغىنىڭ ئالدىغا توغرا كەلدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى 24- ئىيۇلدىن 26 ئىيۇلغىچە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىكىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن دۆلەت ئەربابلىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، دىنىي رەھبەرلەر، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئىشتىراك قىلىدىكەن.

بۇلار بۇ جەرياندا دۇنيا مىقياسىدىكى دىنىي ئەركىنلىك دۇچ كېلىۋاتقان رىقابەتلەر ئۈستىدە مۇنازىرىلەرنى ئۆتكۈزگەندىن باشقا، دىنىي ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن دىنىي جازالاشلار ۋە دىنىي گۇرۇپپىلار دۇچ كېلىۋاتقان كەمسىتىشلەرنى قانداق كېمەيتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش چارىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ، دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپىيو ساھىبخانىلىقىدا ئېچىلىدىغان بۇ خىلدىكى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىكىدە تۇنجى قېتىم چاقىرىلىشى ئىكەن.

مەزكۇر يىغىن چاقىرىلىشتىن دەل بىر ھەپتە ئاۋۋال ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپىيو ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دىنىي ئەركىنلىكنىڭ ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدىكى ئورنىنى شەرھلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىكى دىنىي ئەركىنلىكنى ئۆز خىزمەتلىرىنىڭ مەركىزى نۇقتىسى، دەپ قارايدۇ. بىز ئاسىيا قاتارلىق جايلاردا دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنى ئۆز خىزمەتلىرىمىزنىڭ ئالدىغا قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ كەلدۇق. بۇنىڭدا مۇرەسسەگە ئورۇن يوق»

ئۇ، مۇخبىرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە تىبەت بۇددىستلىرىغا قاراتقان دىنىي باستۇرۇش سىياسەتلىرى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىدە خىتاينىڭ خاتا تەرەپتە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىكى ئۇلارنىڭ (خىتاينىڭ) دىنىي ئەركىلىك مەسىلىسىدە خاتا تەرەپتە تۇرۇۋاتىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى روشەنلەشتۈردى. بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەت تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى كۇپايە.»

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇ يىل ماي ئېلان قىلغان «خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى دوكلاتى» دا 2017- يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا يەنە نۇقتىلىق قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش» نامىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نىزامى» نى ماقۇللاپ، بۇنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنىڭ قورالى قىلىۋالغانلىقى مىساللار بىلەن كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا قامالغانلىقى ئالاھىدە كۆرسىتىلگەندىن باشقا، خىتاي دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەت تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى.

دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپىيو ئامېرىكا ئاۋازىغا قىلغان سۆزىدە يەنە، دۇنيا دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنىڭ تەھدىت ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما شۇنداقتىمۇ ئامېرىكىنىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن ھەر تەرەپلىمە دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنى ھەرگىزمۇ بىر چەتكە قايرىپ قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇلار خىتاينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز ئۇلار بىلەن ئىقتىسادىي، ھەربىي، سىياسىي قاتارلىق ھەر تۈرلۈك مەسىلىلەردە مۇناسىۋەت قىلىمىز. ئاڭلىغۇچىلىرىڭىز شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىكىنى نېگىزلىك ھوقۇق سۈپىتىدە بىز ئالاقە قىلىدىغان ھەر قانداق دۆلەت بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇنازىرىلەرنىڭ ئەڭ مەركىزىگە قويۇپ مۇئامىلە قىلىدۇ.»

ئۇ يەنە مۇخبىرنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «تېررور ھۇجۇملىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتىمىز» دەپ يولغا قويغان تەقىب قىلىش پروگراممىلىرى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا بىۋاسىتە جاۋاب بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ دىنىي ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەممە دۆلەت ئۆز پۇقرالىرىنىڭ تىنچ-ئامانلىقى ئۈچۈن خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ. ئەمما، ھەر قانداق دۆلەت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش باھانىسىدە دىنىي ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلماسلىقى شەرت. دىنىي ئەركىنلىك ئۇنىڭدىن پەرقلىق. ھەر بىر ئادەم ئىنسانىي قەدىر قىممەت نۇقتىسىدىن ھەر قانداق دىنغا ئىشىنىش، ياكى ئىشەنمەسلىك ئەركىنلىكىگە ئىگە. ھېچكىم ئۆز ئېتىقادىغا مۇناسىپ پائالىيەتلەردە بولغانلىقى ئۈچۈن ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن جازالانماسلىقى كېرەك.»

ترامپ ھۆكۈمىتى، جۈملىدىن مايك پومپىيو باشچىلىقىدىكى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە كۈچلۈك رەۋىشتە ئىنكاس قايتۇرۇپ كەلمەكتە.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ ئۆتكەن ئاي خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىكى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىككە مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچىسى سام برۋونبەكنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇشقا ئالاقىدار ئەمەلدارلاردىن چېن چۇەنگو قاتارلىقلارنى خەلقئارا ماگنىتسكي قانۇنى بويىچە جازالاش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرى.

ئۇنىڭدىن باشقا بۇ پىكىرىنى ئامېرىكىنىڭ ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى لاۋرا ستونمۇ بۇ يىل ئاپرېلدا بېيجىڭ زىيارىتى داۋامىدا ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

بۇ يىل 29-ماي «خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى دوكلاتى» ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلغان سام برۋونبەكنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىگەن ۋە ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىدىن تولىمۇ بىئارام بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇلارنىڭ بىرى نۆۋەتتە ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان مۇشەققەتلەردۇر، ھازىر كىشىلەر ئۇ دۆلەتتە قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا سولانماقتا. بىز نەچچە ئون يىللار ئىلگىرىلا غايىب بولغان، دەپ قارايدىغان بۇ ئۇقۇملار ھازىر تېخىمۇ مۇكەممەل ھالدا كېڭەيتىلمەكتە. بۇ دوكلاتتا دىنىي ئەركىنلىكنىڭ قانچىلىك چېكىنگەنلىكىگە ئائىت كىشىنى قاتتىق پاراكەندە قىلىدىغان نۇرغۇن مىساللارغا ئورۇن بېرىلدى.»

ئۇ يەنە ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، فالۇنگوڭ مۇرىتلىرى ۋە خرىستىئانلارنىڭ بارغانسېرى قىيىنلىشىۋاتقان ۋەزىيىتى ئۈستىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىشلاردا بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ بىئارام قىلىدىغان بىر دۆلەت. شۇڭا بىز دوكلاتتا بۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق ۋە ھۆكۈمىتىمىز ئىچىدىمۇ بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلدۇق.»

ئۇ يەنە ئەينى چاغدا، دۇنيادا دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنغان مىنىستىر دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىنىڭ چاقىرىلىدىغانلىقىنىمۇ جاكارلىغان ئىدى.

بۇ سۆھبەت يىغىنىغا خىتاي تەرەپتىن كىملەرنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.