ئۇيغۇرلار نورۋېگىيە پارلامېنتىدا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018-04-18
Share
norwegiye-uyghur-parlament.jpg نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى رەھبەرلىرى نورۋېگىيە پارلامېنتىدا. 2018-يىلى 16-ئاپرېل.
RFA/Ekrem

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى رەھبەرلىرى 16-ئاپرېل كۈنى نورۋېگىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئەپەندى تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، 16-ئاپرېل كۈنى نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ۋەكىللىرى نورۋېگىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بەرگەن.

بەختىيار ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى نورۋېگىيە پارلامېنتىدىلا ئەمەس، نورۋېگىيە خەلقى ئارىسىدىمۇ بارغانسېرى كەڭ تونۇلۇشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ ئاقىۋىتى نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، 16 -ئاپرېل كۈنىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ نورۋېگىيە پارلامېنتى خادىملىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە يۇقىرى باھا بەردى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئەپەندى، نورۋېگىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن بولغان بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى رېئال ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۇلارغا ئەتراپلىق مەلۇماتلار بېرىپ، نورۋېگىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان ھېسداشلىقى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشقانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. سەمەت ئابلا ئەپەندى، نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تونۇتۇشنىڭ ئىجابىي ئەھمىيىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئىزھار قىلىپ ئۆتتى.

مەلۇم بولغىنىدەك، 16-مارت كۈنى د ئۇ ق نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن نورۋېگىيەدىكى «نوبېل تىنچلىق سارىيى» دا ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يىغىنغىمۇ نورۋېگىيە پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى قاتناشقان ئىدى. 17- ۋە 18-مارت كۈنلىرى يەنە نورۋېگىيەدە ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇنىي بىلىملەر بىلەن تەربىيەلەش كۇرسى ئۆتكۈزۈلگەن ۋە بۇ پائالىيەتكە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ساھىبخانىلىق قىلغان.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ئالدىنقى يىلى ئۆتكۈزگەن سايلىمىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە تونۇتۇش يولىدا پائال تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت