پەيزىۋات ناھىيىسىدىكى «مۇقىملىق بويىچە چاتما جاۋابكارلىق مەسئۇلىيەتنامىسى» رەسمىي يولغا قويۇلغان

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2015-11-13
Share
peyziwat-chatma-jawabkarliq-mesuliyet-uqturush-1.jpg پەيزىۋات ناھىيىسىدىكى «مۇقىملىق بويىچە چاتما جاۋابكارلىق مەسئۇلىيەتنامىسى» ئۇقتۇرۇشى
RFA/Aziz


ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي بېسىمنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلاۋاتقانلىقى تۈرلۈك مەنبەلەردىن داۋاملىق مەلۇم بولماقتا. پەيزىۋات ناھىيىسىگە قاراشلىق قىزىلسۇ يېزىسى 2014 - يىلى 8 - ئايدا تارقاتقان «مۇقىملىقنى ساقلاش بويىچە چاتما جاۋابكارلىقنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش مەسئۇلىيەتنامىسى» شۇ يېزىدىكى كىشىلەرگە تارقىتىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي رادىئومىز ئارقىلىق خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

مەزكۇر مەسئۇلىيەتنامىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئۆز ئالدىغا تىغلىق ئەسۋاب سېتىۋالغانلار، سىرتتىن كەلگەنلەرنى مەلۇم قىلمىغانلار، دىنىي مەزمۇندىكى تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى ساتقان ياكى سېتىۋالغانلار، باشقىلارنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلغانلار ۋە باشقىلارغا دىنىي تەلىم تەربىيە بەرگەنلەر، ھۆكۈمەت تەيىنلىگەن ئىماملار ئىماملىق قىلىدىغان مەسچىتتە ناماز ئوقۇشنى توسقانلار، تۇرمۇشتا ھارام ۋە ھالاللىق ئۆلچىمى بويىچە ياشىغانلار، ھۆكۈمەت تارقاتقان گېزىتلەر ۋە ژۇرناللارنى ئوقۇمىغانلار، رادىئو ئاڭلىمىغان ياكى تېلېۋىزور كۆرمىگەنلەر، تاماكا ۋە ھاراق تاشلىغانلار، باشقىلارنى ھاراق ياكى تاماكا تاشلاشقا دەۋەت قىلغانلار، دىنىي كىيىملەرنى تىككەنلەر ۋە ساتقانلار، ئەنئەنىۋى شەكىلدە توي ياكى نەزىر قىلمىغانلار ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار باشقا مەزمۇندىكى جەمئىي ئوتتۇز ماددىلىق مەزمۇنغا رىئايە قىلمىغانلار «چاتما جاۋابكارلىق» مەسئۇلىيىتى بويىچە بايقالغان ھامان يېزىلىق ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلىنىشى لازىم ئىكەن.

بۇنىڭدا ھەرقايسى كەنت ۋە مەھەللىلەردىكى ئاھالىلەر ئائىلە بىرلىكى بويىچە گۇرۇپپىلارغا ئايرىلىدىكەن ۋە بىر - بىرىنى نازارەت قىلىدىكەن. ھەر بىر گۇرۇپپىدىكى كىشىلەر ئۆز گۇرۇپپىسىدىكى مەلۇم ئائىلىدە يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە بۇنى دەرھال كەنت ۋە يېزا مەسئۇللىرىغا مەلۇم قىلىشى لازىم ئىكەن.

«مەسئۇلىيەتنامە» دە ئېيتىلىشىچە، مۇھىم ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا ئۇچۇرنىڭ قىممىتىگە قاراپ مۇكاپاتلىنىدىكەن. ئەگەر بىرەر ئائىلە يۇقىرىدا ئېيتىلغان مەزمۇنلاردىن بىرەرىنى مەلۇم قىلماي يوشۇرسا، شۇ گۇرۇپپىدىكى ھەممە ئائىلىلىكلەر بۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق ئۈستىگە ئالىدىكەن ۋە بىرلىكتە جازاغا ئۇچرايدىكەن. جازانىڭ خاراكتېرى ھۆكۈمەتتىن بېرىلىدىغان تولۇقلىما تەمىناتنى توختىتىشتىن تارتىپ تاكى قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئورتاق چېتىلدۇرۇپ سۈرۈشتە قىلىشقىچە بولغان دائىرىدە بولىدىكەن.

پەيزىۋات ناھىيىسىدىكى «مۇقىملىق بويىچە چاتما جاۋابكارلىق مەسئۇلىيەتنامىسى» ئۇقتۇرۇشى (2-بەت)
پەيزىۋات ناھىيىسىدىكى «مۇقىملىق بويىچە چاتما جاۋابكارلىق مەسئۇلىيەتنامىسى» ئۇقتۇرۇشى (2-بەت)

يېقىندا پەيزاۋاتنىڭ قىزىلسۇ يېزىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن قايتا ئالاقىلىشىش ئارقىلىق مەزكۇر «مەسئۇلىيەتنامە» نىڭ رەسمىي ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. يېزىدىكى بىر كادىرنىڭ قىزى بۇ مەسئۇلىيەتنامە يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى بەزى ئەھۋاللارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

قىزىلسۇ يېزىسى بىلەن پەيزىۋات ناھىيىسى ئارىلىقىدىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مەلۇم ئىدارىنىڭ بىر خىزمەتچىسى بۇ خىلدىكى مەسئۇلىيەتنامىنىڭ ھازىر ئۈچ تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغانلىقىنى، مۇقىملىق ۋەزىيىتىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ھازىر يېزىنىڭ 1 - دەرىجىلىك مۇداپىئە ۋە جەڭ ھالىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، مەسئۇلىيەتنامىدىكى مەزمۇنلار بويىچە ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈپ مۇناسىپ تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

قىزىلسۇ يېزىسىدىكى مەلۇم كەنتنىڭ پارتىيە سېكرېتارى ھازىر مۇقىملىق ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، مەسئۇلىيەتنامىگە خىلاپلىق قىلىۋاتقانلارنىڭ يوق دېگۈدەك ئىكەنلىكىنى، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ تېگىشلىك قانۇنىي جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئاخىرىدا بىز مەزكۇر مەسئۇلىيەتنامە ھەققىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن قىزىلسۇ يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېت مۇدىرى ئابلا مەمەتكە تېلېفون قىلدۇق. ئەمما ئۇ تېلېفون ئېكرانىدا كەلگەن تېلېفوننىڭ نومۇرى كۆرۈنمىگەنلىكىنى، ئىگىسى ئېنىق بولمىغان بۇنداق تېلېفوندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ھەرقايسى ساھەدىكىلەرنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، پەيزىۋات ناھىيىسىدىكى «مۇقىملىق بويىچە چاتما جاۋابكارلىق مەسئۇلىيەتنامىسى» رەسمىي يولغا قويۇلغان، شۇنداقلا يېزا تەۋەسىدىن ھالقىپ باشقا ئىدارە ۋە ئورگانلارغا كېڭەيگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت