يەرلىك ساقچىلار «3 قانۇنسىز، بىر بۇيۇم» نى ۋاقتىدا تاپشۇرمىغان پۇقرالارنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى دەلىللىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.03.15
saqchi-3-qanunsiz-bir-buyum.jpg ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك ساقچى دائىرىلەر ئۆتكەن ھەپتە ئۈندىداردا ئېلان قىلغان، «3 قانۇنسىز، بىر بۇيۇم» نى دەرھال تاپشۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش. 2017-يىلى مارت.
Social Media (mp.weixin.qq.com)

ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك ساقچى دائىرىلەر ئۆتكەن ھەپتە ئۈندىداردا ئېلان چىقىرىپ، پۇقرالاردىن «3 قانۇنسىز، بىر بۇيۇم» نى دەرھال تاپشۇرۇشىنى، 1‏-ئاپرېلغا قەدەر تاپشۇرمىغانلارنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»، «جىنايى ئىشلار قانۇنى»، «ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى» قاتارلىق قانۇن-تۈزۈملەرگە سېلىنىپ، جازالىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

دائىرىلەر ئۈندىداردىكى ئۇقتۇرۇشىدا، «قانۇنسىز دىنىي نەشر بۇيۇملىرىنى، توردا قانۇنسىز دىن تارقىتىش ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر» نى «3 قانۇنسىز» دەپ كۆرسەتكەن. دائىرىلەرنىڭ ئۈندىداردىكى ئۇقتۇرۇشىدا يەنە، «بىر بۇيۇم» دېگىنى گۈڭگۈرت، ئامۇنېي نېترات، ئورىيا... قاتارلىق يېزا ئىگىلىك دورىلىرىنى، پاتىلداق، سەرەڭگە، گاز تۇڭى قاتارلىق ئەشيالارنى، پىچاق، كەكە، ئوغاقسىمان قىڭراق، قىلىچ، تىزگىنەكلىك ئەسۋابلارنى، ئاي يۇلتۇز، ھالال- ھارام بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن گىلەم، كالېندار، چىنە-قاچا قاتارلىق ئائىلە بۇيۇملىرىنى، نىقابلىق كىيىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك» تۈسىدىكى كىيىم-كېچەكلەرنى، بىكار تۇرۇپ قالغان ياكى تاشلىنىپ قالغان كېسىش ۋە كەپشەرلەش ئۈسكۈنىلىرىنى، رەگەتكە، ئوقيا، پىستان، كومپاس، دۇربۇن، قۇم خالتىسى، بوكس پەلىيى... قاتارلىق نۇرغۇن ئەشيالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

دائىرىلەر يۇقىرىقى بۇيۇملارنى 1‏-ئاپرېلغا قەدەر تاپشۇرغان پۇقرالارغا تاپشۇرغان بۇيۇمىغا قاراپ، يۇقىرى باھادا ياكى ھازىرقى بازار باھاسىدا ئىقتىسادى تولۇقلىما بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئۇقتۇرۇشنى ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ چىقارغانلىقى ياكى ھەر قايسى ناھىيىلەردىكى يەرلىك ساقچىلارنىڭ تارقاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئۈندىداردا ئۇقتۇرۇشنى قايسى ساقچى ئورگىنىنىڭ تارقاتقانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

خوتەننىڭ مەلۇم ناھىيەسىدىكى بىر ساقچى پونكىتىنىڭ كەچلىك نۆۋەتچى خادىمى، مۇخبىرىمىزغا مۇشۇنداق بىر ئۇقتۇرۇش بارلىقىنى دەلىللىدى. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، تاپشۇرۇلغان بەزى بۇيۇملارنىڭ پۇلى دەرھال تۆلەپ بېرىلسىمۇ، بىراق بەزى بۇيۇملارغا قانداق ئىلىشنى ناھىيەلىك ساقچى بېكىتىدىكەن.

ساقچى: ئاھالىلەر كومىتېتى ياكى كەنت، يېزىلىق ھۆكۈمەت ۋە ياكى ساقچىخانىغا كىرسىمۇ بولىدۇ. مۇنداق ئەھۋالدا بەزىلىرىنىڭكىنى تىزىملاپ ئېلىپ قالىمىز. ماۋۇ يۇقىرىدىن تەكشۈرۈپ قىممىتىگە قاراپ بېرىمىز. ئەمدى تولۇقلىمىسىنى نەق مەيداندا بېرىدىغان مال-مۈلك بار. لېكىن تەكشۈرۈپ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئالدىرىماي بېرىدىغانلار بار.

مۇخبىر: قانداق بۇيۇملارنى ئاپارسىلا دەرھال بېرىسىلەر، قانداق بۇيۇملارنى بىر مەزگىلدىن كېيىن بېرىسىلەر؟

ساقچى: ئاۋۇنى بىز بەرمەيمىز قاراڭ. ئۇنى ئۆزى تۇرۇشلۇق ساقچىخانىدىن ئالىسىز. چەكلەنگەن ماللارنى قانداق ئۇقتۇرغان بولسا شۇنداق تاپشۇرسىڭىز بولىدۇ. ھازىرغىچە ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلارنى ئۇنداق تەكشۈرۈپ قىلغان ئىشلار بولمىدى. ھەممىنى تىزىملاپ قىلىدۇ، تاپشۇرغان نەرسىنىڭ قىممىتىگە قاراپ پۇل قايتۇرىدۇ. لېكىن ئۆتكۈزگەن نەرسىنىڭ ھەممىگە پۇل قايتۇرۇپ بولالىشى ناتايىن.

بىراق ئاقسۇنىڭ ئونسۇ ناھىيىسىگە تېلېفون قىلىپ، شۇ يەرلىك نۆۋەتچى ساقچىلارغا ئوخشاش سوئال قويغان بولساقمۇ، بىراق ئۇلار بۇنداق ئۇقتۇرۇش بارلىقىنى رەت قىلدى.

ساقچىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا قەيت قىلىنىشىچە، «3 قانۇنسىز بىر بۇيۇم» نى يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى، ئۇنىڭ «ئاممىنىڭ ئىدىيىسىنى چىرىتمەسلىكىگە، جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن» چىقىرىلغانىكەن.
چەتئەلدىكى بەزى خىتاي پائالىيەتچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە،خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇنداق بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىشى قانۇنسىزلىقكەن. ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئاتاقلىق خىتاي ئۆكتىچى، خىتاي دېموكراتىيە ھەرىكىتى چەتئەل بىرلەشمە كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋېى جىڭشىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش ھالىتىدە ئەمەس تۇرۇپ، بۇنداق بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىشىنى تەنقىد قىلدى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ نەرسىلەر ئاللىقاچان پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر قىلدى. ئۇلار ناتسىستلار ئۆز ۋاقتىدا ياراتقان كەيپىياتقا ئوخشاش كەيپىيات يارىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزدى. بۇ قانۇنسىزلىق، ھۆكۈمەت قانۇنسىزلىق قىلىۋاتىدۇ. بۇنى تاشقى دۇنياغا، تور ۋە خىتاي تىلىدىكى ئاخباراتلاردا تېخىمۇ كەڭ پاش قىلىپ، خىتاي پۇقرالىرىغا يەتكۈزۈش، ئۇلارغا ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قىلمىشىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ ئەسكىلىكىنى تونۇتۇش كېرەك. ئۇ ئۇرۇش ھالىتىدە بولمىسا قانداق قىلىپ بۇ تەدبىرلەرنى ئالىدۇ ۋە پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇنداق قىلىش ئەلۋەتتە قانۇنسىزلىق. ئەلۋەتتە قانۇنى بۇنى ئاقلايدۇ. بىراق بىز بۇنى قانۇنسىزلىق، دەيمىز. چۈنكى، بىز بۇنىڭغا نورمال بىر دۆلەتنىڭ قانۇنى بويىچە قارايمىز. سەن ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرمىغان بولساڭ بۇنداق تەدبىرلەرنى قوللانساڭ بولمايدۇ».

ۋېي جىڭشىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تەدبىرلەرنى مۇقىملىقنى قوغداش نامىدا ئالغان بولسىمۇ، بىراق بۇنداق تەدبىرلەر خەلقتىكى نارازىلىقنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىدىكەن. ئۇ، چۈنكى بۇ تەدبىرلەر كىشىلەرنىڭ شەخسى تۇرمۇشىغا ئارىلاشقانلىق، دېدى.

ئۇ: «كومپارتىيەنىڭ بۇ قىلمىشى خەلقنىڭ تېخىمۇ قاتتىق قارشىلىقىنى قوزغايدۇ. چۈنكى، سەن كىشىلەرنىڭ شەخسى تۇرمۇشىغا ئارىلىشىۋاتىسەن. كىشىلەرنىڭ كىيىم-كېچىكىگە ئارىلىشىش مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكى ئىشلارغۇ. كىشىلەرنىڭ ئائىلە ئىچىدىكى ئىشلىرىغا قول تىقىش بۇ بەك ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىك. بۇ خەلقنىڭ ئومۇميۈزلۈك نارازىلىقى ۋە قارشىلىقىنى پەيدا قىلىدۇ، خالاس. بۇ ئېھتىمال خەنزۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى قوزغىشى مۇمكىن. ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق كىيىم كىيىشىگە سەن قانداق ئارىلىشىسەن. مەن ئۈستۈمگە قارا كىيىم كىيىۋالسام، پادىچىلار ئىشتىنىنى كىيىۋالسام، سېنىڭ چاتىقىڭ نېمە؟ خەقنىڭ ئىشىغا بۇنداق ئارىلىشىش مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىگە قايتىشتۇر.كومپارتىيەنىڭ بۇ قىلىقى بەك ھاماقەتلىك»، دېدى.

بىراق بۇ ئۇقتۇرۇش دائىرىلەر يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەت، ناھىيىلەردە ئالغان ھەر خىل رادىكال تەدبىرلەرنىڭ بىرى، خالاس. رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتى سەيشەنبە كۈنى بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر بەلگىلىمە ئېلان قىلىپ، ئۆزىنى مەلۇم قىلغان ئاتالمىش «تېررورچى» ياكى «بۆلگۈنچىلەر» گە كەڭچىلىك قىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

قەشقەردىكى تەپتىش، سوت ساقچى ئورگانلىرىنىڭ بىرلىشىپ چىقارغان مەزكۇر بەلگىلىمىسىدە، قورال-ياراق پارتلاتقۇچ، كونتروللۇق پىچاق قاتارلىقلارنى تاپشۇرغانلارغا بەلگىلىك مىقداردا مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. رويتىرىسنىڭ خەۋىرىدە يەنە، بۇ بەلگىلىمىدە رۇخسەتسىز نىكاھ قىلىش، كۆپ مىقداردا سەرەڭگە ساقلاشتەك كىچىك ئىشلارنىڭ تېررورلۇققا باغلاپ قويۇلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئىدى.

ئۇقتۇرۇشتىكى ئەڭ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلارنىڭ بىرى، تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك، دەپ قارالغان، ئەمما ئۇنىڭدا تىلغا ئېلىنمىغان بۇيۇملاردۇر. ئۇنىڭدا تىلغا ئېلىنمىغان نەرسىلەردىن قانداق بۇيۇملارنى تاپشۇرۇشنى پۇقرالار بېكىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.