ئالماتادا ياشاۋاتقان تۇردى ئاكا: سوۋېت ھاكىمىيىتى دەۋرىدە كۆپ ئازاب چەككەن ئىدۇق

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2015-11-26
Share
ghelibe-kuni-sowet-305.jpg غالىبىيەت خاتىرە كۈنى تەبرىكلەندى. 2005-يىلى 9-ماي. موسكۋا.
wikipedia.org

تارىخىي ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، سوۋېت ھاكىمىيىتى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پۈتۈن مەملىكەت مىقياسى، جۈملىدىن قازاقىستاندىمۇ بىر قاتار سوتسىيالىستىك ئىسلاھاتلارنى يۈرگۈزدى. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى 1930-1933-يىللىرى ئەۋج ئالغان «كوللېكتىپلاشتۇرۇش» ھەرىكىتى بولۇپ، بۇ سىياسەت بويىچە يېزىلاردا كەڭ دائىرىدە سوتسىيالىزم قۇرۇش شوئارى ئاستىدا باي-پومېشچىكلار ۋە خۇسۇسىي ئىگىلىكلەرنى يوقىتىش، بايلارنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش ھەم سىبىرىيەگە سۈرگۈن قىلىش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن.

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەنە شۇ «كوللېكتىپلاشتۇرۇش» ھەرىكىتى ۋە ئاقىۋەتتە كېلىپ چىققان ئاچارچىلىق يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان مۇھىم تەتقىقات ھەم ئەسلىمە تېمىسى بولماقتا. مەزكۇر پاجىئەنىڭ قازاقىستاندىمۇ ناھايىتى ئېغىر بولغانلىقى قازاقىستان تارىخچىلىرى تەرىپىدىنمۇ كۆپلەپ تەتقىق قىلىنىۋاتقان بولۇپ، «قازاقىستان تارىخى» ناملىق كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە، زور ساندىكى ئاھالە ئاچارچىلىقتىن ئۆلگەن ۋە قوشنا ئەللەرگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان.

قازاقىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارمۇ شۇ قاتاردا ئېغىر قىسمەتلەرگە دۇچار بولغان بولۇپ، نەتىجىدە، يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا كۆچۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى.
1936-يىلى ئۇيغۇر رايونىنىڭ نىلقا ناھىيىسىدە تۇغۇلغان، 1958-يىلى قازاقىستانغا كۆچۈپ كېلىپ ئالمۇتا شەھىرىگە ماكانلاشقان تۇردى نۇرجان ئائىلىسى ئەنە شۇ ۋەقەلەرگە شاھىت بولغان.

ئۇ رادىئومىز مۇخبىرى ئويغاننىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز ئائىلىسى، جۈملىدىن يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەتلەرنى بايان قىلدى.

سوئال: ­­تۇردى ئاكا، دادىلىرىڭىز 30-يىللىرى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچۈپ كەتكەن ئىكەن؟

جاۋاب: سەۋەبى پۈتكۈل سوۋېت ئېلىدە، بىرىنچىدىن، يېمەك-ئىچمەك يوق، قىيىنچىلىق. ئىككىنچىدىن بولسا، شۇ مەزگىللەردە كۇلاكلارنى يوق قىلىش، بايلارنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش سىياسىتى قوزغىلىپ، كىمنىڭ مېلى قانچىلىك بولسا، شۇنىڭغا لايىقلاپ سېلىق بېرەتتى. ئۇنى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن، يەنە سېلىق بېرىدۇ. پۈتكۈل تىرىك مالنىڭ ھەممىسىنى ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۇ سېلىقنى قەرەلىدە تۆلىمىسە، سارىئۆزەككە ‏-پويىز ئىستانسىسىغا ئېلىپ بېرىپ، شۇ يەردىن سىبىرىيەگە ئېلىپ كېتىدىكەن. ئۇ يەردىن قايتىپ كېلىدىغان يول يوق، ئۆلۈپ تۈگەيدىغان گەپ.

سوئال: بوۋىڭىز سەرپەك كىم بولغان ئىدى؟ شۇنىڭ توغرىلىق ھېكايە قىلىپ بەرسىڭىز.

جاۋاب: بوۋىمىز خونىخايدا ياشاۋاتقان مەزگىلدە ئازاد بولۇس كېلىدۇ. ئۇنىڭ كېلىشىدىكى مەقسىتى شۇ مەزگىلدە ئازاد بولۇسنىڭ ئىلىكىدىكى خەلقلەر ئۇ ياقتىن‏-بۇ ياقتىن كېلىپ، ماللىرىنى بۇلاپ ھەيدەپ كېتىۋاتقان بۇلاڭچىلارنىڭ دەستىدىن، ناھايىتى ئەنسىزچىلىكتە قالىدۇ. بىرسىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن ئازاد بولۇس بوۋىمىزنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ. ئىككىنچى قېتىم كەلگىنىدە بوۋام ماقۇل دەپ، ئاقسۇغا كېلىپ ئورۇنلىشىدۇ، ئازاد بولۇس بولۇسلۇق ئىشىنى بېجىرىدۇ، بوۋىمىز سەرپەك قازى بولۇپ ئىشلەيدۇ. بوۋىمىز باندىتلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ياشلارنى تەييارلايدۇ ۋە ئۇلارغا زەربە بېرىپ چېكىندۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئازاد بولۇسنىڭ ئىلىكىدىكى يۇرت خاتىرجەم ھايات كەچۈرۈشكە ئىنتىلىدۇ.

سوئال: ئەلدە بايلارغا قارشى ئومۇميۈزلۈك شۇنداق بىر كۈرەش كېتىپ بارغاندا ئازاد بولۇسنىڭ كېيىنكى تەقدىرى قانداق بولدى؟

جاۋاب: ئازاد بولۇسنىڭمۇ بېشىغا قايغۇ-ھەسرەتلەر كېلىدۇ. ئۇنىڭغىمۇ ئەل قاتارىدا سېلىق سېلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بار مال-مۈلكىنى تۆلەپ بولىدۇ. ئۇنىڭغا يەنە سېلىق سېلىنىدۇ. بىراق ئازاد بولۇس يىراقلارغا سەپەرگە بارمىغان ئادەم ئىكەن. ئۇ سەرپەك قازىنىڭ چوڭ ئوغلى ئاقموللا بىلەن يېقىن ئاغىنە بولۇپ ئۆتكەن. سەرپەك بوۋام قايتىش بولغاندىن كېيىن، ئاقموللا، نۇرجان بىلەن يېقىنلىشىپ: «مېنىمۇ شۇ ياققا ئېلىپ كەتسەڭلار» دەيدۇ. ئۇلار: «ئالدى بىلەن ئۆزىمىز ئورۇنلىشايلى، كېيىن سېنى ئېلىپ كېتەيلى» دەپ بەش كۈنلۈك قەرەلنى بېرىدۇ.

سوئال: ئۈلگۈرۈپ كېلەلىدىمۇ؟

جاۋاب: بەش كۈن ئۆتۈپ كېتىپ، ئالتىنچى كۈنى ئۇ ئۆزىنى ئۆزى بوغۇزلىۋالىدۇ. چالا بوغۇزلاپ قويۇپ تىرىك قالغاچقا، ئايالى ئەتىسى ئۇنى پودگورنىيدىكى رايونغا ئېلىپ ماڭىدۇ. ئاقموللا چوڭ دادىمىز بىلەن دادام ئۇنى ئېلىپ كېتەي دەپ كېلىپ، ئارقىدىن قوغلاپ بارسا، ئۇ قانسىراپ كېتىپتۇ. ئۇ پودگورنىيغا بارغىچە ۋاپات بولۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دادام ئىككىسى جاغىستايغا قايتىپ كېتىدۇ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت