خوتەن يېزىلىرىدا ئەۋج ئېلىۋاتقان يېڭى تەدبىر: «قىزىل خور» ئارقىلىق «مۇقىملىق» ئورنىتىش

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.04.03
qizil-naxsha-uyghur-1.jpg قىزىل تەشۋىقات خىزمىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان زور كۆلەملىك مۇسابىقە پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 20-ئۆكتەبىر، پەيزىۋات.
Xinhua

يېقىندا گۇمىدا يۈز بەرگەن زورلۇق كۈچى ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ «مۇقىملىق» نامىدىكى سىياسىي خىزمەتلەرنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى دىققەت قوزغاشقا باشلىدى. يەرلىك خەلقتىن ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەرقايسى يېزا-قىشلاقلاردا بۇ خىلدىكى تەشۋىقات خىزمەتلىرىنىڭ جىددىي بولۇۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ ھەرقايسى كەنتلەردىكى دېھقانلارنى مەجبۇرىي يوسۇندا «قىزىل ناخشا» ئېيتىشقا تەشكىللەشنىڭ بۇرۇنقىدىنمۇ چىڭ تۇتۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. ئۇيغۇر سىياسىي ئانالىزچىلار بولسا، بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەتنى سۆيۈشتەك مىللىي ئەنئەنىسى ھەمدە بۇ ئەنئەنىگە باغلانغان ئامىللارنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا «12 مۇقام» غا ئوخشاش ئالەمشۇمۇل مىراسلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەنلىكى ئۇيغۇرلارنى ئىپتىخارلاندۇرۇپ كېلىۋاتقان پاكىتلارنىڭ بىرىدۇر. ئەمما يېقىنقى تۈرلۈك ئۇچۇر مەنبەلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەرقايسى يېزا-قىشلاقلاردا ھازىر مۇقام ئېيتىشنىڭ ئەمەس، بەلكى «قىزىل ناخشا» ئېيتىش پائالىيەتلىرىنىڭ جىددىي ئومۇملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان تارقىلىپ يۈرگەن سىن كۆرۈنۈشلىرىنىڭ بىرىدە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەلۇم بىر يېزىدا ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ «خىتاي دۆلەت شېئىرى» ئوقۇۋاتقانلىقى كۆزگە چېلىقىدۇ.

مەزكۇر سىن ماتېرىيالىدىكى كۆرۈنۈشلەردە ئەكس ئەتكىنى، ماددىي جەھەتتىكى نامراتلىق ھەمدە روھى جەھەتتىكى غېرىبلىق بولۇپ، بىز بۇ ئەھۋاللارنىڭ تەپسىلاتىنى ئېنىقلاپ بېقىش مەقسىتىدە خوتەندىكى بىرنەچچە يېزىغا تېلېفون قىلدۇق. گۇما ناھىيىسىنىڭ سانجۇ يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر دېھقان موماي بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللار ھەققىدە سۆز قىلىپ، بىزنى بۇ ھەقتىكى بەزى ئەھۋاللاردىن خەۋەردار قىلدى.

سۆھبەت جەريانىدا بۇ موماي، ئۆزلىرىنىڭ دائىرىلەر تەشكىللىگەن مۇشۇ خىلدىكى سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئارقىلىق كومپارتىيەگە ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئەمما ئۇنىڭ شەخسىي ھاياتى ھەققىدىكى سۆھبەت جەريانىدا ئۆزىگە ئوخشاش مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەت بەرگەن «تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى» گىلا قاراشلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ۋەزىيەت بىلەن بىرقەدەر ياخشى تونۇشلۇقى بولغان تارىخشۇناس قاھار بارات بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، بۇ خىلدىكى شوئارۋازلىق ھەمدە «ئىنقىلابىي ناخشا ئېيتىش» ھادىسىلىرىنىڭ كومپارتىيە دائىم قوللىنىدىغان ئۇسسۇللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ خىلدىكى ئاددىي ئۇسۇل ئۆتكەن زامانلاردا ئۇيغۇرلارنى قايمۇقتۇرۇش رولىنى ئوينىيالىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھازىرقىدەك رېئاللىقتا قانچىلىك رول ئوينىشىغا بىرنەرسە دېمەك قىيىن ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىلدىكى «ئىنقىلابى ناخشا ئېيتىش» پائالىيەتلىرى خىتاينىڭ چۇڭچىڭ شەھىرىدە سابىق شەھەر باشلىقى بو شىلەينىڭ رەھبەرلىكىدە بىر مەھەل ئەۋج ئالغان بولۇپ، 2012-يىلى ئۇ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ خىلدىكى شوئارۋازلىق توختىغان. ئەمما ئۇيغۇرلار دىيارىدا بولسا، بۇ خىلدىكى سىياسىي پائالىيەتلەرنىڭ بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.